ب ت د نىڭ سابىق ئالاھىدە ئەلچىسى: مۇبادا رۇسىيەنىڭ تەكلىپىگە كۆنگەن بولساق، سۈرىيە ئۇرۇشى بەلكىم تۆت يىل بۇرۇن ئاياغلىشىشى مۇمكىن ئىدى.
«يەر شارى تورى خەۋىرى» نۇر تورى تەرجىمىسى: رۇسىيە «سۈنئىي ھەمراھ» ئاخبارات تورىنىڭ 13- مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ب د ت نىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى سابىق ئەلچىسى بۇراشمى:«مۇبادا رۇسىيەنىڭ تەكلىپىگە كۆنگەن بولساق، سۈرىيە ئۇرۇشى بەلكىم تۆت يىل بۇرۇن ئاياغلىشىشى مۇمكىن ئىدى» دېگەن.
بۇراشمى:«باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئەينى ۋاقىتتا رۇسىيە ئەمەلىي ئەھۋالغا تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىغان پوزىتسىيەگە ئىگە ئىدى. مېنىڭ قارىشىمچە، بارلىق دۆلەتلەر ئەينى ۋاقىتتا رۇسىيەنىڭ تەكلىپىگە كۆپرەك قۇلاق سېلىشى كېرەك ئىدى. ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا ئىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلەتتى» دېگەن.
ئۇ تەكىتلەپ: «ئەگەر ھەممە ئادەم ئىلگىرى سۈرىيەدە يۈز بېرىدىغان ئەھۋالنى تېخىمۇ توغرا تونۇغان بولسا، بەلكىم تونۇقۇنۇشى 2012-يىلى ھەل قىلىنىپ بولغان بولاتتى» دېگەن.
2011- يىلى 3- ئايدا باشلانغان قوراللىق توقۇنۇش بۈگۈنگە قەدەر داۋاملاشماقتا. ب د ت نىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، توقۇنۇشتا ھازىرغا قەدەر 220 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم قازا قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved