بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ ،ئەڭ يېڭى ئىزدەش لاھىيىسىنى ، سۇ ئاستىدىكى ئىزدەش دائىرىسىنى 60 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا كېڭەيتكەنلىكى ، ھەمدە سۇ ئاپپاراتلىرىنى ياللاپ ،ئىلغار سونار ئۈسكۈنىسىز بىلەن ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى .كۆك پالاقلىق تۇنىس بېلىقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا سۇنار بىلەن ئىزدەش دائىرسى تېخىمۇ كەڭرى بولىدىكەن . ھەمدە شۇنىڭ بىلەن بىرگە دېڭىز ئاستىدىكى ھەقىقى كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئېلىپ تەمىنلىگىلى بولىدىكەن .
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى چېن گاڭ تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى ؛‹بىز داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ مالايسىيا ئاۋسترالىيە تەرەپ بىلەن زىچ ماسلىشىپ ،ئۇلارنى پائال قوللايمىز ۋە كېلەركى قېتىملىق ئىزدەش خىزمىتى باسقۇچىغىمۇ قاتنىشىمىز.ئېلىمىز دېڭىز ئۈستى ئىزدەش مەركىزى ئىزدەش لاھىيىسىنى ئۆزگەرتىپ ئىككى پاراخوتنى سۇ ئاستىدا ئىزدەشكە قاتناشتۇرىدۇ ،كونكرېت لاھىيىسى بېكىتىلىۋاتىدۇ ،ھەمدە يەنە پاراخوت ئەۋەتىشكە تەييارلىق كۆرۈۋاتىدۇ ›.
4-ئاينىڭ 28-كۈنى توققۇز ھەربىي ئايروپىلان ۋە 12 پاراخوت ئاۋسترالىيە دېڭىز ئىشلىرى بىخەتەرلىك ئىدارىسى بەلگىلىگەن 54 مىڭ كۋادرات كىلومىتىر دائىرىدە ئىزدىدى ، بۇ رايوننىڭ مەركىزى پرېسنىڭ غەربىي شىمالىغا تەخمىنەن 1167 كىلومىتىر كېلىدۇ ، ھازىرغا قەدەر ئاۋسترالىيە تەرەپ ، دىئامېتىرى ئون كىلومىتىر ، كۆلىمى 300كۋادرات كىلومىتىر دائىرىدىكى سۇ ئاستىنى ئىزدەش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى .
ئەمما مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانىغا ئائىت ھېچقانداق نەرسە بايقالمىدى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، برازىلىيە سان پاۋلو، برازىلىيە پرېزىدېنتى روسېفنىڭ قوللىغۇچىلىرى 27 ئىشتاتتىكى 14 تاشيولنى قامال قىلىپ، بالون كۆيدۈرۈش ئارقىلىق روسېفنى ئەيىبلەشكە قارشى تۇردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved