بۈيۈك قانال بىلەن يىپەك يولىنىڭ دۇنيا مىراسى بولۇش بىر باشلىنىش بولدى

قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا 22-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن 38-نۆۋەتلىك دۇنيا مىراسلىرى يىغىنىدا، جۇڭگونىڭ بۈيۈك قانىلى، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان، قىرغىزىستان بىرلىكتە ئىلتىماس قىلغان يىپەك يولى ئارقا-ئارقىدىن دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. بۇنىڭ بىلەن، جۇڭگو ئىلتىماس قىلىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان دۇنيا مىراسى جەمئىي 47 گە يەتتى. بۇ قېتىم دۇنيا مىراسى بولغاننىڭ بىرسى ھازىرغىچە ساقلانغان دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن سۈنئىي قانال، يەنە بىرى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن مەدەنىيەت مىراس لىنىيەسى، بۈيۈك قانال بىلەن يىپەك يولىنى دۇنيا مىراسلىقىغا ئىلتىماس قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى-نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تېرىشىپ كۆرەش قىلىشىنىڭ جەۋھىرىنى مۇجەسسەملىدى. ھازىر مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە مەدەنىيەتنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىۋاتقان جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۈيۈك قانال بىلەن يىپەك يولىنى دۇنيا مىراسلىقىغا ئىلتىماس قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى-پەقەت يەنە بىر ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، قەدىمكى مەدەنىيەتنى قوغداشتىكى يېڭى باشلىنىش.


يىپەك يولى-قەدىمكى دەۋردىكى يىپەك سودىسىنى ئاساس قىلىپ، غەربىي يۇرتقا تۇتاشقان سودا يولى، قەدىمكى شەرق بىلەن غەربنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، ئىدىيە، مەدەنىيەت ماھارىتىنى ئالماشتۇرۇشتىكى مۇھىم يول بولغان. 38-نۆۋەتلىك دۇنيا مىراسلىرى يىغىنىدا، جۇڭگو، قازاقىستان، قىرغىزىستان يىپەك يولى: چاڭئەن-تەڭرىتاغ كارىدورى تورىنى بىرلىكتە دۇنيا مىراسلىقىغا ئىلتىماس قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.


بۈيۈك قانال-دۆلەت ياسىغان ئەڭ چوڭ ھەم ئەڭ قەدىمكى ئىچكى دەريا سۇ يولى سىستېمىسى بولۇپ، ئۈچ مىڭ كىلومېتىرغا سوزۇلىدۇ، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئىككى شەھەر، ئالتە ئۆلكىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، ھازىرغا قەدەر يەنىلا خەلق ئىگىلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ كەلمەكتە. مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۇنيا مىراسى بولغاندىن كېيىن، مۇخبىر زىيارەت داۋامىدا، نۇرغۇن ئىلتىماس مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىلتىماس قىلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتى يەنىلا قوغداشنى كۈچەيتىش دەپ كۆپ تەكىتلىگەنلىكىنى بايقىدى.


جۇڭگو قۇرۇلۇش لايىھەلەش تەتقىقات ئورنى ئىمارەت تارىخى تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى چېن توڭبىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئىلتىماس مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سېلىنمىنى كۆپەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن: قوغداش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، يىپيېڭى ئەھۋالدىن باشلاپ قوغداش خىزمىتىنى ئىشلەش كېرەك. بۇندىن كېيىن مۇھاكىمە قىلىنىدىغان مۇھىم نۇقتا يەنىلا دۆلەت ھالقىغان قوغداشنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈشكە قارىتىلىشى، ئىلتىماس قىلغان ئۈچ دۆلەت قوغداش ئىتتىپاقى قۇرۇپ، ئۆز ئارا كېڭىشىش مېخانىزمى ئورنىتىشى لازىم.


جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ليۇ چىڭجۇ مۇنداق دەپ قارىدى: تارىخ-مىللەتنىڭ خاتىرىسى، بىر مىللەت، بىر دۆلەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تارىخنىڭ خاتىرىسى بولغاندىلا، ئاندىن ئۇيۇشۇش كۈچى بولىدۇ، ھالبۇكى، بۇ خاتىرىنى ساقلاشنىڭ ئۇسۇلى يەنىلا قوغداش. ئىلتىماس قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قوغداشقا سەل قاراش-يىراقنى كۆرەلمەيدىغان بىر خىل قىلمىش، جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەر كاللىسىنى سەگەك تۇتۇشى، ئىلتىماس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى دەپلا، قوغداشنى بوشاشتۇرۇپ قويماسلىقى، مۇھىم نۇقتىنى ھەددىدىن زىيادە ئېچىپ پايدىلىنىشقا قاراتماستىن، دۇنيا مىراسىنى قوغداش قارىشىنى كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالدۇرۇشى كېرەك.



خەتكۈچلەر:
25-06-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 8-ماي، ئامېرىكا ئورلاندودا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق يارىلانغان، مېيىپ جەڭچىلەر تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كىچىك بوش، ھازىرقى زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ خانىمى مىچېل ...
09-05-2016
دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت سەئۇدى ئەرەبىستان 25–ئاپرېل ‹‹سەئۇدى ئەرەبىستان 2030 ئارزۇسى›› دىن ئىبارەت بۈيۈك ئىسلاھات پىلانىنى ئېلان قىلدى، مەزكۇر پىلاننى ئېلان قىلىش ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئار...
09-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 9-ماي سەھەردە، مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدىكى بىر مېھمانخانىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى نەق مەيدانغا بېرىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مىسى...
09-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 8-ماي، ئامېرىكا ئورلاندودا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق يارىلانغان، مېيىپ جەڭچىلەر تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كىچىك بوش، ھازىرقى زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ خانىمى مىچېل ۋە...
09-05-2016
    پارىژ شەھەر مەمۇرىيىتى مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5-ئايدىن باشلاپ پارىژدىكى ئەڭ داڭلىق كوچا بولغان چامپس ئېليسىس كوچىسىدا ھەر ئاينىڭ بىرىنچى يەكشەنبە كۈنى قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يۈرىشى مەنئى قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق...
09-05-2016
    5-ئاينىڭ 9-كۈنى تايلاندنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى-ئەتىيازلىق تېرىلغۇ بايرىمى بولۇپ، تايلاند خان جەمەتى ھەر يىلى داغدۇغىلىق ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، تېرىلغۇ مەزگىلى باشلانغانلىقىنى تەبرىكلەيدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، ...
09-05-2016
سىنگاپور بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ 9- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما يېقىندا مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن: ئامېرىكىدىكى ئىرىق مۇناسىۋىتىدە ئۆتكەنكى 30 يىلدا سەل ياخشىلىنىش بولدى، ئەمما بۇ خىزمەت بىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ تىرىشچان...
09-05-2016
    خەلقئارا باھالاش ئورگىنى Fitchنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا ئىپادىلىنىشىچە، 2016-يىلى 3-ئايدا قازاقىستاننىڭ پۇل پاخاللىقى يەتتە يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە %15.7 كە يەتكەن. 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا پ...
09-05-2016
    ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يېقىندا ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېتانياخۇنىڭ ئىسرائىلىيە جولان ئېگىزلىكىدىن مەڭگۈ ۋاز كەچمەيدۇ، دېگەن باياناتىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، جولان ئېگىزلىكىنىڭ ئورنىنىڭ يەنىلا ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىد...
09-05-2016
    ئامېرىكىنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى لېئوناردو دىكاپرونىڭ Instagramدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئىراندىكى ئۇرمىيە كۆلىنىڭ كۈنسېرى تارىيىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىگە قارىتا، ئىران غەربىي ئەزەربەيجان...
Powered by Leglek