ئارگېنتىنانىڭ پايتەختى بۇئېنوس ئايرېستىن تارتىلغان ئاينىڭ تولۇق تۇتۇلۇش جەريانىدىكى سۈرەتلەر
15-ئاپرېل، بۇ يىل تۇنجى قېتىم ئاينىڭ تولۇق تۇتۇلۇش ھادىسىسى كۆرۈلگەن بولۇپ، شىمالىي ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي ئافرىقا قىتئەسىدىكى كۆپ قىسىم رايونلاردا بۇ قېتىملىق ئاينىڭ تولۇق تۇتۇلۇش جەريانىنى ئېنىق كۆرگىلى بولغان.
ئامېرىكا دۆلەت ئاۋىياتسىيە - ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسى (NASA) نىڭ جاكارلىشىچە، 15 – ئاپرېل ئاي تولۇق تۇتۇلغان، شۇنىڭ بىلەن ئاي مىس رەڭگىدە كۆرۈنگەن، ئادەتتە ئاينىڭ بۇ خىل ھالىتى «قان رەڭلىك ئاي» دەپ ئاتىلىدىكەن. ئاي شارىغا قۇياش نۇرى بىۋاسىتە چۈشمىگەن ۋاقىتتا ئاتموسفېرا قاتلىمى بىنەپشە، كۆك، يېشىل، سېرىق نۇرلارنى سۈمۈرۈۋالغانلىقتىن، پەقەت قىزىل نۇرلا ئاي شارىدىن ئۆتۈپ، ئاي شارى يۈزىدە سۇنۇپ، ئاندىن تۇتۇق قىزىل رەڭلىك ئاينى ئەكس ئەتتۈرىدىكەن، بۇ يەنە «قان رەڭلىك ئاي»، شۇنداقلا «تولۇق تۇتۇلغان ئاي» دېيىلىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved