ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى مايكول فالۇن 5-نويابىر ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتتا مۇنداق دېدى: ئەنگلىيە ئارمىيەسى تېخىمۇ كۆپ مەشقاۋۇللارنى ئىراققا ئەۋەتىپ، ئىراق ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي مەشىقنى قاناتيايدۇرۇشىغا ياردەملىشىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇنسۇرلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.
فالۇن شۇ كۈنى ئىراق زۇڭلىسى ئاباد بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بىز ئىراق ئارمىيەسىگە: ئىراق ئەسكەرلىرىنىڭ مەشىق ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردۇق ھەمدە باغدات ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مەشىق بازىسىدا تۈرلۈك مەشىقلەرنى قانداق ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى شەرھلىدۇق. ۋاقىت قىس بولغانلىقتىن، بىز كەلگۈسى بىر قانچە ھەپتىدە ھەرىكەتنى باشلىماقچى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved