خان مادرىد كۇلۇبى ئۇتتۇرۋەتتى لېكىن يەنىلا تۆت كۈچلۈككە كىردى

بېيجىڭ ۋاقتى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى 2:45 مىنۇت ئۆتكەندە 2013-2014 پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تۆت كۈچلۈككە كىرىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە گېرمانىيە دورتمۇند كوماندىسىنىڭ ئۆز مەيدانى ۋېستىفارن پۇتبول مەيدانىدا خان مادرىد كوماندىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. ئىككى تەرەپنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا خان مادرىد كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 3-0 نەتىجە بىلەن دورتمۇند كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغانىدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە دورتمۇند كوماندىسى روئىسنىڭ ئىككى توپ كىرگۈزۈشى بىلەن خان مادرىد كۇلۇبىنى يەڭدى. بىراق ئىككى قېتىملىق ئۇچرىشىشتىكى ئومۇمىي نومۇر 3-2 بولغاچقا دورتمۇند كوماندىسى بۇ مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ خان مادرىد تەرىپىدىن شاللىۋېتىلدى شۇڭا تۆت كۈچلۈك قاتارىغا كىرەلمىدى.

 

مۇسابىقە باشلىنىپ 16 مىنۇت بولغاندا خان مادرىد كوماندىسىنىڭ ئارقا بېكى كونتېرىۋا سول يولدىن ئوتتۇرغا پاس تاشلىغانىدى بىراق توپ چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە سەكرەپ توپنى توسماقچى بولغان دورتمۇند كوماندىسىنىڭ ئارقا بېكى پىشچېكنىڭ قولىغا تېگىپ كەتتى. خان مادرىد كۇلۇبى نۇقتا توپقا ئېرىشتى. كىرىستىيانو رونالدو بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقمىغاچقا نۇقتا توپنى دىمارىيا تەپتى.بىراق توپ دورتمۇند قاپقاۋۇلى ۋېيدىنفېللېر تەرىپىدىن قاڭقىپ چىقىرىۋېتىلدى. خان مادرىد كوماندىسى ياخشى پۇرسەتتىن بىرنى كەتكۈزۈپ قويدى.

 

24 مىنۇت بولغاندا دورتمۇند كوماندىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى. دورتمۇند ئارقا مەيداندىن ئۇزۇن پاس تاشلىدى. پې پې كاللا توپ ئۈسۈپ خاتالىق سادىر قىلىپ قويدى.روئىس ئۇستىلىق بىلەن توپنى يەر بويلىتىپ كونتىروللىقىغا ئالغاندىن كېيىن بىۋاستە ۋاراتارغا ئۇردى. توپ كىردى! دورتمۇند كوماندىسى 1-0 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. 32 مىنۇت بولغاندا دورتمۇند كوماندىسى ئورنى ناھايىتى ياخشى بولغان ئىختىيارى توپتىن بىرگە ئېرىشتى. روئىس پاس بەردى، كەينىدىن قىسىلىپ كىرگەن دورتمۇند توپچىسى خۇمېرس باش توپ ئۇردى. بىراق توپ كاسىللاس تەرىپىدىن قاڭقىپ چىقىرىۋېتىلدى.

 

37 مىنۇت بولغاندا دورتمۇند كوماندىسى نۇمۇر پەرقىنى چوڭايتتى. خان مادرىد ئوتتۇرا مەيدان ئەزاسى ئىللارامىندى قايتۇرۇپ پاس بەرگەندە خاتالىق سادىر قىلدى.دورتمۇند ئالدى مەيداندىن توپنى ئۈزۈۋېلىپلا ھۇجۇم قوزغىدى. روئىس توپنى سول تەرەپتىكى لېۋېندوفۇسكىغا تاشلىدى. لېۋېندېفۇسكى چەكلەنگەن رايۇننىڭ سول تەرىپىدىن ۋاراتارغا تەپتى. توپ كاسىللاس تەرىپىدىن ئازراقلا قاڭقىپ چىقىرىۋېتىلىپ ۋاراتارنىڭ تۆمۈرىگە تېگىپ كېتىپ يەنە يېنىپ كەلدى.ئەگىشىپ كەلگەن روئىس ئەپچىللىك بىلەن توپنى ئۆرلىتىپ ۋاراتارغا تەپتى. توپ كىردى! دورتمۇند كوماندىسى 2-0 نەتىجە بىلەن خان مادرىد كۇلۇبىنىڭ ئالدىغا ئۆتتى. بىراق ئومۇمىي نومۇرنى تەڭلەشتۈرۈش ئۈچۈن دورتمۇند كوماندىسى يەنە بىر توپ كىرگۈزۈشى كېرەك.

 

كېيىنكى يېرىم مەيداندا ھەر ئىككى كوماندا تىرىشقان بولسىمۇ بىرەر توپ كىرمىدى. ئاخىرىدا خان مادرىد كۇلۇبى ئومۇمىي نومۇر 3-2 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ يەنىلا تۆت كۈچلۈككە كىردى. دورتمۇند كوماندىسى بۇ يىللىق تۆت كۈچلۈكتىن خوشلاشتى.

 

دورتمۇند كوماندىسىدىن ئىككى توپ كىرگۈزگەن روئىس پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدىكى ئەڭ يۇقىرى نومۇر 9.5 كە ئېرىشتى.ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغان ۋېيدىنفىللىرمۇ يۇقىرى بولغان 8.6 نومۇرغا ئېرىشتى. خان مادرىد تەرەپتىن بۈگۈنكى مۇداپىئە ئىپادىسى تېخىمۇ ياخشى بولغان ئوتتۇرا مەيدان ئەزاسى مودرىچ 8.1 نومۇرغا ئېرىشتى.

 

پۇتبول تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى

 

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK



خەتكۈچلەر:
10-04-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: پۇتبول تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-04-2016
     بېيجىڭ ۋاقتى 29-ئاپرېل، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئورگان تورى خەۋىرى، 28-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكى مەشقاۋۇل، ئەزالار، كۇلۇب خادىملىرى مۇئاۋىن كۇلۇب باشلىقى خې چاڭجياڭنىڭ ...
30-04-2016
     رونالدونىڭ يارىلىنىش ئەھۋالى زادى قانداق؟ ھەرقايسى تاراتقۇلارنىڭ بۇنىڭغا بەرگەن جاۋابىمۇ ئوخشاش ئەمەس، «ماركا گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رونالدونىڭ مۇسكۇلى يىرتىلىپ زەخمىلەنگەن. بىراق «Cope» تېلېۋىزىيە ئىستانىسىن...
30-04-2016
   چۆچەك داۋاملاشماقتا، لېيچېستېر شەھىرى كۇلۇب تارىخىدىكى تۇنجى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۆز شەھىرىنىڭ قەھرىمانلىرىغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن، لېيچېستېر شەھىرىدىكى...
30-04-2016
     مادرىد ئاتلېتكا ئورگان تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يوتىسى يارلىنىش سەۋەبىدىن مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان ئۇراگۋايلىق ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى گودىن بۈگۈن كوماندىدىكىلەر بىلەن مەشىققە قاتناشقان، «ئا س گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلشى...
30-04-2016
ئىسپانىيە ئاخبارات ۋاستىسى «ماركا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسىدا، ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىد ئۆز مەيدانى بېرنابېئۇدا كۆك ھىلال ئاي قوشۇنى مانچېستىر شەھىرىنى كۈتىۋ...
30-04-2016
    ئالدىنقى ئايدا خانلىق مادرىد 7-1 نەتىجىدە سېرتانى قىرغىن قىلغان مۇسابىقىدىكى، رونالدونىڭ تەبرىكلەش ھەركىتى ھەممە ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتقان، پورتۇگالىيە ئاخبارات ۋاستىسى «مانىيا پوچتا گېزىتى» رونالدو يەنە بالىلىق بولماق...
30-04-2016
4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر 00:30 دا، 2015-2016-پەسىللى فىرانسىيە بىرلەشمىسى 36-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە شاھزادە باشچىسى مەيدانىدا ئوينالدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە فىرانسىيە زەردارى پارىژ سانت گېرمان ساھىبخان مەيداند...
30-04-2016
     4-ئاينىڭ 30-كۈنى كېچە 12:45 تە، بارسېلونا كوماندىسى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىنىڭ 36-ئايلانمىسىدا مېھمان مەيداندا خانلىق بېتىس كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسى يەنە ئۈچ ئايلانمى...
30-04-2016
    CBA بىرلەشمىسى كومىتېتى-مەبلەغ سالغۇچىلار مەجلىسى تۈنۈگۈن شەنشى تەييۈەندە داۋام قىلدى، بىرلەشمە ئىشخانىسىنىڭ ئېلان قىلغان ئالدىن مۇسابىقە پەسىللىك كۆرۈلۈش نىسبىتىگە قارىغاندا، CBA مۇسابىقىلىرىنىڭ مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىس...
30-04-2016
2016-يىللىق ئاسىيا پەي توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋۇخەندە ئۆتكۈزۈلدى، ئەرلەر يەككە تۈر سەككىز كۈچلۈك مۇسابىقىسىدە لىن دەن 2:0 نومۇر پەرقىدە كورىيەلىك ماھىر لى دۇڭگېننى مەغلۇب قىلىپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىردى، ل...
Powered by Leglek