شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نامراتلارنى يۆلەشتىكى نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى پائال يولغا قويۇش ئارقىلىق 3 يىلغا يېقىن ۋاقىتتا مالىيەدە نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىدىن 4 مىليارد يۈەنگە يېقىن ئاجراتتى.
شنجاڭ نامراتلارنى يۆلەشتىكى نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى پائال يولغا قويۇش ئارقىلىق نامرات ئاممىنىڭ 48مىڭ 500 يۈرۈش ئۆيىنى ياخشىلاپ، يېڭىدىن 53مىڭ 900 قوتان سېلىپ بەردى، 49 مىڭ 200 نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتىنىڭ باغ ۋاران كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، 101مىڭ 500 نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتى بىلەن تەمىن ئەتتى.
بۇنىڭدىن ئۈچ يىل بۇرۇن لوپ ناھىيەسىدىكى 100 مىڭ مو ئېكولوگيە ئورمانلىقى ئوت ئۇنمەيدىغان قۇملۇق ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە بۇ يەرنى مىليون تۈپ ئاق تېرەك ئوراپ تۇرىدۇ، قۇملۇق ئىسىل ئېتىزلىقلارغا ئايلاندى، 500 دېھقاننىڭ ھەر بىرى 10مو يەرنى ھۆددىگە ئالدى.
لوپ ناھيەسىدىكى 72 ياشلىق دېھقان جېلىل ئىمىنتوختى ئىلگىرى ئۆيدىكى بەش جان كىشىنىڭ ئاران 5 مو يېرى بارلىقى، يەر بولمىغاچقا نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىغانلىقى، بۈگۈنكى كۈندە كۆپرەك يەرگە ئىگە بولۇپ، چىلان، تاۋۇز تېرىغانلىقى، يەنە كۆكتات پارنىكى قىلىپ، يىلىغا 17 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
لوپ ناھىيەسى ئېكولوگيە ئورمانلىقىدىكى ئۆزگىرىش يېقىنقى ئۈچ يىلدا شىنجاڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ كارتىنىسى، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون ئۈزلۈكسىز كۆپلەپ سېلىنما سالغانلىقتىن، شىنجاڭنىڭ نامرات رايونلىرىدا زور بىر تۈركۈم نۇقتىلىق سۇچىلىق، ئېلېكتىر، قاتناش، ئېنېرگيە تۈرلىرى يولغا قويۇلدى ۋە قۇرۇلدى، ئىلگىرى بولۇپ باقىمىغان دەرىجىدە خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، خەلقىنى بېيىتىش، ئاھالىلەرنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق زور نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلدى، تەبئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي، كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتالرىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلمۇ يىل ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، نامرات رايونلار ئۈچۈن تېپىلغۇسىز تەرەققيات شارئىتى يارىتىپ بېرىلدى.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved