گۇئاردىئولا:پۇتبول دۇنياسىدىكى ئەڭ يۇقىرى مائاشلىق تىرېنېرغا ئايلىنىدۇ

       كوبى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق ياۋروپادىكى داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىنىڭ زەردارى بايرىن مىيۇنخېن كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى گۇاردىئولا مۇشۇ پەسىللىك مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى مانچېستېر شەھىرى كۇلۇبى بىلەن توختام تۈزۈشكە قوشۇلغان بولۇپ، «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» بۇ خەۋەرگە قارىتا ئىز قوغلاپ خەۋەر بېرىپ، مانچېستېر شەھىرى كۇلۇبىنىڭ گۇئاردىئولانىڭ يىللىق ئىش ھەققى ئۈچۈن 13 مىليون 200 مىڭ فوندېستېرلىڭ چىقىرىدىغانلىقىنى، گۇئاردىئولانىڭ كەلگۈسىدە پۇتبول تىرېنېرلىرى ساھەسىدىكى ئەڭ يۇقىرى مائاشلىق تىرېنېرغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

      ھازىر كۆك قوشۇن چىلسىنىڭ باش تىرېنېرى مورىنىيو 13 مىليون 200 مىڭ فوندېستېرلىڭ يىللىق ئىش ھەققى بىلەن 1-ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئەگەر گۇئاردىيولا كېلەر يىلى يازدا مانچېستېر شەھىرىگە قوشۇلۇپ قالسا، ئۇ ھالدا، مورىنىيو بىلەن تەڭلىشىپ، دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى مائاشلىق تىرېنېرغا ئايلىنىدۇ.

      گۇئاردىيولانىڭ بايرىن مىيۇنخېن كۇلۇبىدا ھازىر ئىلىۋاتقان يىللىق مائاشى 11 مىليون 200 مىڭ فوندېستېرلىڭ بولۇپ، 2013-يىلى بايرىن مىيۇنخېنغا كەلگەندىن بۇيان، غەلىبە قىلىش نىسبىتى 75. 94 پىرسەنتكە يەتكەن. ھازىرغا قەدەر گۇئاردىيولا بايرىن مىيۇنخېن كوماندىسىنى يېتەكلەپ، ئىككى قېتىم گېرمانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا، بىر قېتىم گېرمانىيە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا، بىر قېتىم ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرلار لوڭقىسىغا، بىر قېتىم دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.

دۇنيادىكى مائاشى ئەڭ يۇقىرى تىرېنېرلار رەت-تەرتىپى

     چىلسى باش تىرېنېرى مورىنىيو يىللىق ئىش ھەققى 13 مىليون 200 مىڭ فوندېستېرلىڭ

ئەنچىلوتتى (مادرىد كوماندىسىغا باش تىرېنېر بولغان ۋاقتىدا) يىللىق ئىش ھەققى 11 مىليون 400 مىڭ فوندېستېرلىڭ

بايرىن مىيۇنخېن باش تىرېنېرى گۇئاردىيولا يىللىق ئىش ھەققى 11 مىليون 200 مىڭ فوندېستېرلىڭ

ئارسىنال باش تىرېنېرى ۋىنگىر يىللىق ئىش ھەققى 8 مىليون 300 مىڭ فوندېستېرلىڭ

مانچېستېر بىرلەشمىسى باش تىرېنېرى ۋەنگال يىللىق ئىش ھەققى 7 مىليون 300 مىڭ فوندېستېرلىڭ.



خەتكۈچلەر:
28-11-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
03-03-2016
 ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورىنىڭ 2-مارت  خەۋىرى؛   2016-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ،   2015 – 2016 – يىللىق CBA (جۇڭگو ئەرلەر كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى) پەسىلدىن كىيىنكى يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچۈنچى ئۇچرىشىش مۇسابىق...
02-03-2016
 شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تۇنجى مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.   1 – مارت 2015 –2016 – يىللىق جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (WCBA) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مە...
06-02-2016
      2-ئاينىڭ 5-كۈنى، جىياڭسۇ سۇنىڭ كۇلۇبى 50 مىليون ياۋرو باھادا دونېسىك كان ئشىچىلىرى كۇلۇبىدىن برازىلىيەلىك تېشىرانى سېتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن سۇنىڭ يۆتكىلىش بازىرىدا ئۈچ نەپەر چەتئەللىك توپچى+ بىر نەپەر يەرلىك توپچى سېتى...
06-02-2016
   «رىم تەنتەربىيە گېزىتى»نى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىتالىيە زەردارى مىلان كوماندىسى بىلەن تايلاندلىق سودىگەر Bee Taechaubol ئوتتۇرىسىدىكى مىلان كۇلۇبىنىڭ پاي چېكىنى سېتىش ۋە سېتىۋېلىش توغرىسىدىكى سودا مەغلۇپ بولغان بولۇپ، مىل...
06-02-2016
       ئالدىنقى ھەپتە پورتۇگالىيەلىك چولپان كىرىستىيانو رونالدو ئالاقە تورىغا ئۆزىنىڭ يۈز شەكلىنى ئۆزگەرتكەن سۈرىتى ۋە سىن كۆرۈنىشىنى يوللىغاندىن كېيىن، ئىجتىمائى ئالاقە تورىدىكى بۇ يۇمشاق دېتال Snapchat نىڭ يېڭى ئىقت...
06-02-2016
      خېڭدا ۋە سۇنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يۇقىرى باھادا چەتئەللىك توپچى سېتىۋالدى، باشقا كوماندىلارمۇ ئارقىدا قالمىدى، يۆتكىلىش بازىرىنى كۆپۈك خەۋەر قاپلىدى. تۈركىيە تاراتقۇسى بېيجىڭ گوئەن پات ئارىدا 8 مىلىيون ياۋرو باھادا ...
06-02-2016
        خېڭدا ئورگان تەرەپ جېكسون مارتىنىسنى سېتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى، «ئاس گېزىتى» نىڭ كۆرسىتىشچە، جېكسون مارتىنىس ئىلگىرى جۇڭگو بىرلەشمىسىگە كېلىشنى خالىمىغان. جېكسون مارتىس نېمە ئۈچۈن ئويىنى ئۆز...
06-02-2016
       ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىد ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى شاللاش باسقۇچىغا قاتنىشىدىغان توپچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، گورۇپپا مۇسابىقىسىدىكى تىزىملىككە ئوخشىمايدىغان يېرى، چېرشىۋ تىزىملىكتىن چىقىرۋىتى...
05-02-2016
        ئىنتىزام كومېتىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، پەقەت توپچىنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ھەرىكىتىدە كۆرىنەرلىك ئادەم يارىلاندۇرۇش مەقسىتى بار بولۇپ قارشى تەرەپنىڭ ئېغىر يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەھۋالدا ئاندىن مەسئۇ...
05-02-2016
      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋىرى، فوتوسى: ئون كۈن داۋاملاشقان 2016-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئوغۇللار زال ئىچى بەش كىشىلىك پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 29-يانۋار چۈشتىن كېيىن خەينەن ئۆلكىسىنىڭ خەينەن ئ...
Powered by Leglek