ئەنگىلىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە ، شاكىلاتنى كۆپ يەيدىغانلار ئىچىدە %61 ئادەمدە بىر خىل ھاراق ئىچكەن ئادەملەرگە ئوخشاش ئالامەت كۆرۈلگەن . نەچچە يۈز ئادەم ئۈستىدە مۇنداق تەجرىبە ئېلىپ بېرىلغان : تەجرىبىگە قاتناشقان ئادەمنىڭ 24 سائەت ئىچىدە ھاراق ئىچىشى ، ئۈچ سائەت ئىچىدە تاماق يېيىشىنى چەكلەپ ، ئاندىن ئۇلارغا بەش گىرام گىلۇكوزا بەرگەن . بىر سائەتتىن كېيىن 311 نەپەر تەجرىبىگە قاتناشقۇچىنىڭ قېنىدا ئېتىل ئالكوھول(ئىسپىرىت)بايقالغان . يەنە بىر گۇرۇپپا 200 نەپەر بالا ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبە نەتىجىسىدە ، شاكىلاتنى كۆپ يېگەن بەزى بالىلاردا ھاياجانلىنىپ ئۆزىنى باسالماسلىق ياكى مۈگدەپ ئۇخلاپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بۇلارنىڭ قېنىدىكى ئېتىل ئالكوھول قويۇقلۇقى شاكىلات يېمىگەن بالىلارنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان . ھەر 100 گىرام شاكىلات تەركىبىدە 30 -45 گىرام گىلۇكوزا بار . ئەگەر بۇ مىقداردىن 6-9 ھەسسە كۆپ يېسە ، ‹‹ شاكىلات مەستلىكى›› كېلىپ چىقىدۇ . شۇڭا ، ماشىنا ھەيدىگەنلەر ۋە بالىلار شاكىلاتنى كۆپ يېمەسلىكى كېرەك .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved