شىنجاڭ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
. 3-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچ 2015-2016-مۇسابىقە پەسلى جۇڭگۇ ئاياللار كەسپىي ۋاسكىبول بىرلەشمىسى ( WCBA ) ئالدىن تاللاش كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسى بۆلىكىدىكى ھەممە مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشتى. شىنجاڭ كوماندىسى جىياڭسۇ ۋە « 1-ئاۋغۇست » قاتارلىق سەككىز كوماندا ئوڭۇشلۇق ھالدا يېڭى پەسىللىك جۇڭگۇ ئاياللار كەسپىي ۋاسكىبول بىرلەشمىسىنىڭ بىرىنچى تۈركۈمدىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.
جۇڭگۇ ئاياللار كەسپىي ۋاسكىبول بىرلەشمىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى يەنى يېڭى پەسىللىك سالاھىيەت تالىشىش مۇسابىقىسى بولسا جۇڭگۇ ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ بۇ يىل يېڭىدىن ئوتتۇرغا قويغان يېڭى مۇسابىقە شەكلى بولۇپ جەمئىي 19 كوماندا مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. ئەمەلىي كۈچىگە ئاساسەن 4 مۇسابىقە رايۇنىغا بۆلۈنىدۇ. ھەر بىر مۇسابىقە رايۇنىدىكى ئالدىنقى ئىككى دەرىجىلىك كوماندا جەمئىي سەككىز كوماندا بىۋاستە كېيىنكى پەسىللىك جۇڭگۇ ئاياللار كەسپىي ۋاسكىبول بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىيىگە ئېرىشىدۇ. ھەر قايسى مۇسابىقە رايۇنلىرىدىكى 3- ۋە 4- بولغان جەمئىي سەككىز كوماندا يەنە ئىككى گۇرۇپپىغا بۈلۈنۈپ قۇشۇمچە مۇسابىقە ئوينايدۇ. ھەم ئاخىرىدا ئۇتۇپ چىققان تۆت كوماندا ئاخىرىدىكى جۇڭگۇ ئاياللار كەسپىي ۋاسكىبول بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ. قۇشۇمچە مۇسابىقە ۋاقتى 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە بولىدۇ.
3-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە ھەر قايسى مۇسابىقە رايۇنلىرىدىكى كوماندىلار ئوتتۇرسىدا ئايلانما مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلدى. ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى تۆت كۈچلۈك كوماندا شەنشى ، بېيجىڭ، جىياڭسۇ ۋە « 1-ئاۋغۇست » قاتارلىقلار ئوڭۇشلۇق ھالدا مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. ئۇنىڭدىن باشقا بىر مەيدان ئۇتتۇرۇپ باقمىغان شىنجاڭ كوماندىسى ۋە لىياۋنىڭ، گۇاڭدوڭ ھەمدە شېنياڭ كوماندىسى ئوخشاشلا جۇڭگۇ ئاياللار كەسپىي ۋاسكىبول بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.
ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشىبولغان شىنجاڭ كوماندىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋار بولغان « قارا ئات » قا ئايلاندى. ئەنخۇي توڭلىڭدىكى مۇسابىقە رايۇنىدا قۇرۇلغىنىغا تېخى ئەمدىلا 40 نەچچە كۈن بولغان شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئاۇاللار ۋاسكىتبول كوماندىسى ئالدى كەينى بۇلۇپ شاڭخەي، جىياڭسۇ ، جېجىياڭ ۋە فۇجىيەن كوماندىلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ بۇ مۇسابىقە رايۇنىنىڭ بىرىنچىسى سۈپىتىدە 2015-2016-مۇسابىقە پەسلى جۇڭگۇ ئاياللار كەسپىي ۋاسكىبول بىرلەشمىسى مۇابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved