بىر ئېلېكتىروۋۇز لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى قومۇل چوڭ كۆۋرۈكىدىن ئۆتمەكتە
لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ ئۈرۈمچىدىن قۇمۇلغىچە بولغان بۆلىكىدە قاتناشنى سىناق قىلىش بىر قانچە كۈن ئىلگىرى تاماملاندى ، بۇ مەزكۇر بۆلەكتىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولنىڭ رەسمىي قاتناش باشلاش ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى تەييارلىق باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ ، ئۆكتەبىردە قاتناش رەسمىي باشلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە .
لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى ئېلىمىزنىڭ گەنسۇ ، چىڭخەي ، شىنجاڭ قاتارلىق ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونىنى بېسىپ ئۆتىدىغان ، دۆلىتىمىزدىكى دېڭىز يۈزىدىن بىرقەدەر ئېگىز رايوندا ياسالغان تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بولۇپ ، مۆلچەرلىنىشىچە ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىدىكەن .
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved