تۈرمە قارىيالمىغانلىقتىن، مېكسىكىلىق زەھەر كاتتىبېشى ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلمەكچى

       مېكسىكا قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ ئەمەلدارى 9-يانۋار مېكسىكا تەرەپنىڭ ئالدىنقى كۈنى تورغا چۈشكەن دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ زەھەر كاتتىبېشى گوسماننى ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتتى.ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئەمەلدار: «مېكسىكىنىڭ تەييارلىق پۈتتى، ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىش پىلانى بار بولدى»، دېدى. بىراق ئۇ يەنە زەھەر كاتتىبېشىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزاق ساقلاش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. «چوقۇم ئەدىلىيە تەرتىپى بويىچە قىلىش كېرەك، يەنە گوسماننىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتىنىڭمۇ گېپى بار»، دېدى.

     1993.-يىلى گوسمان گۋاتېمالادا تۇنجى قېتىم تورغا چۈشكەن ھەمدە مېكسىكىغا يالاپ كېلىنكەن، 8يىل تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن، 2001-يىلى ئۇ قولدا ئىتتىرىدىغان كىيىم يۆتكەش - يۇيۇش ھارۋىسىغا مۆكۈۋېلىپ، قاتتىق مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان تۈرمىدىن قېچىپ كەتتى.قانۇن سىرتىدا 13يىل يايراپ يۈرگەندىن كېيىن، گوسمان 2014-يىلى 2-ئايدا يەنە تۇتۇلدى. بۇ قېتىم ئۇ مۇداپىيەسى ئەڭ قاتتىق بولغان «ئېگىزلىك» فېدېراتسىيە تۈرمىسىگە قامالدى. بىراق ئۆتكەن يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى گوسمان كامىردىكى كۆزىتىش كامېراسى سۆرەتكە تارتالمايدىغان بۇلۇڭدىن غايىپ بولدى. ئەسلىدە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى ئۇدۇل كامىرغا تۇتىشىدىغان بىر يېرىم كېلومېتىرلىق بىر تونېل قازغان بولۇپ، كەڭرى تونېل ئىچىگە يورۇتۇش ۋە شامال ئۆتۈشۈش سىستېمىسى سەپلەنگەن، ھەتتا رېلىس ئۈستىدىكى بىر موتوسېكلىت بار ئىكەن.

      بىر قىسىم كىشىلەر مېكسىكا تەرەپنى گوسمانغا قارىغۇدەك ئىقتىدارى يوق دەپ قارىدى. ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت كېڭەش پالاتا ئەزاسى، زوڭتوڭلۇق سايلىمى نامزاتى ماركو رۇبىئو: «گوسماننىڭ ئىككى قېتىم مېكسىكا تۈرمىسىدىن قېچىپ كەتكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇنى قانۇن بويىچە جازالايدىغان ئۈچۈنچى قېتىملىق پۇرسەتنى زايا قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ»، دېدى.



خەتكۈچلەر:
12-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-05-2016
     ئامېرىكا دۆلەت پارلامېنتىنىڭ باشلىقى پائۇل رۇئان 5–چېسلا مۇنداق دېگەن، ئۇنىڭ ترامپنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىگە ۋاكالىتەن 2016–يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭى سايلىمىغا قاتنىشىشىنى قوللاشقا تېخى تەييارلىقى پۈتمەپتۇ. ...
07-05-2016
    تەيۋەن «مەركىزى ئاگېنىتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ بىر نۇسخا خەۋىرىدە، ئىراق ساقچىسىنىڭ چارلاۋاتقان بىر پارچە سۈرىتىدە چوڭ يارقىن نۇقتا بار بولۇپ، سۈرەتتىكى ساقچى موتسىكىلىتى...
07-05-2016
    ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ماي خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا شوتلاندىيەدە 14 ياشلىق قىز پەيسلېي كوچىسىدا قاتتىق تاياق يىگەن، ئورىۋالغان ئوقۇغۇچىلاردىن ھېچكىم ئوتتۇرىغا چىقىپ توسىمىغان، ھەتتا كۈلگەن ئاۋاز چىققان....
07-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك باش ئىدارىسى كراسنويارسىكدا ئاممىۋى ئاپتوبۇستا تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىش پىلانىنى توسۇپ قېلىپ، خەلقئارالىق تېررورچىلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولغان بىر قا...
07-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، كانادا ئالبېرتا ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ماكمۇرراي بازىرى (Fort McMurray) ئەتراپىدىكى ئورمانلىققا تۇتاشقان ئوت داۋاملىق كۆيۈۋاتقان بولۇپ، ئورمانلىقتىن كۆتۈرۈلگەن ئىس-...
07-05-2016
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا تور دۇنياسىدا ئالەم بوشلۇقىنى باش تېما قىلغان تورتلار مودا بولغان بولۇپ، تورت ياسىغۇچىلار ئىجادچانلىقىنى ئىشقا سېلىپ ئەڭ گۈزەل ھەم كۆركەم تورتلا...
07-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
07-05-2016
    ئامېرىكا گىئولوگىيە قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى ۋاقتى 7-ماي ئەتىگەن سائەت 6:18 مىنۇت ئۆتكەندە، مېكىسىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 13 ك...
07-05-2016
    ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى 6- چېسلا مۇنداق باھا بەردى: «غەرب ئەللىرىدىكى ئاساسلىق شەھەر تۇنجى قېتىم مۇسۇلمان شەھەر باشلىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. ئەنگىلىيەنىڭ <دەرىجىدىن تاشقىرى پەيشەنبە> دىكى تۈرلۈك سايلامل...
07-05-2016
    يەمەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەمەننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسىمىغا جايلاشقان مارب ئۆلكىسىدىكى بىر بازاردا 6-ماي چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەم قازا قىل...
Powered by Leglek