مىسىر سوتى ساقچىلارنى ئەيىبلىدى

جاھان ئاگېنتلىقى 17-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: مىسىر سوتى يانۋار ئ‍ېيىدا ئىنقىلابنىڭ يىل ھارپىسىدىكى نامايىشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغان شەيما سابباھنىڭ ئۆلۈمىگە مىسىر ساقچىلىرى مەسئۇل دەپ قارىدى. بۇ دىلو ھەققىدىكى ھۆججەت سوت مەھكىمىسىگە يوللاندى.

مىسىردا 30 يىللىق ھۆسنى مۇبارەك ھۆكۈمىتىگە خاتىمە بەرگەن ئىنقىلابنىڭ 4 يىللىق ئەسلىمىسى ئۈچۈن يانۋار ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا سوتسىيالىستىك خەلق ئىتتىپاق پارتىيىسىدىن شەيما سابباھ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. سوتسىيالسىتك گۇرۇپ ئەزالىرى شەيمانى ئۆلتۈرگەن قاتىلنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى قۇراللىق ساقچىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلىغان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى، شەيمانىڭ قاتىلىنىڭ چوقۇم تېپىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن ئىدى.
ئىنقىلابنىڭ يىل ھارپىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە ئاز دىگەندە 20 كىشى ئۆلدى.

2011-يىلى 25-يانۋاردا مسىردا پائالىيەتچىلەر ئىشسىزلىق، يولسۇزلۇق ۋە يولسۇزلۇققا قارشىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن 30 يىلدىن بۇيان داۋاملىشۋاتقان ھۆسنى مۇبارەك ھاكىمىيتىگە قارشى ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ چاقىرىق ھەرىكەتكە ئايلاندى، مىڭلىغان نامايىشچى قاھىرەنىڭ مەركىزىدىن باشلاپ ھاكىمىيەت بېشىدىكى مىللى دېموكرات پارتىيىسىنىڭ مەركىزىگە، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە دۆلەتلىك تېلىۋىزىيە ئىدارىسىغا قاراپ ماڭدى. بۇنىڭغا ئوخشاش نامايىشلار دۆلەتنىڭ بارلىق رايۇنلىرىدا يۈز بەردى.
بىر قانچە سائەت جىمجىت تۇرغاندىن كېيىن ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار تۇقۇنۇشتى. ساقچىلار مۇبارەككە قارشى نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە يۇقىرى بېسىملىق سۇ چاچتى. دۆلەتتە نامايىش باشلىنىپ بىر قانچە سائەتتىن كېيىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان بىر ئۇقتۇرۇشتا، قالايمىقانچلىق ۋە نامايىشلارغا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنى مەسئۇل دەپ قارىدى. مىسىردا بارلىق پائالىيەتلىرى چەكلەنگەن ۋە ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى دەپ قارالغان مۇسۇلمان قېرىنداشلار بۇ ئۇقتۇرۇشنى يالغان دەپ رەت قىلدى.
بۇ نامايىش ھەرىكەتلىرى فايىسبۇك ۋە تىۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائى ئالاقە قۇراللىرىدا كەڭ دائىرىدە تارقالدى. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلاردا 3 نامايىشچى ۋە بىر ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ ئارلىقتا نامايىشلارنىڭ مەركىزى ۋە ئىنقىلاپ ئوتى پارتىلغان نوقتا بولغان تەھرىر مەيدانى «ئازادلىق مەيدانى» ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچىلارغا توشۇپ كەتتى. نامايىشچىلارنىڭ قوللىرىدا بايراقلار ۋە «مۇبارەك يۇقال» دەپ يېزىلغان لوزونكىلار بار.
25-يانۋاردا تەھرىر مەيدانىغا توپلاشقان ئون مىڭلىغان مىسىرلىق، 11-فېۋرال ھۆسنى مۇبارەكنىڭ ئىستىپا بېرىشى بىلەن ئىنقىلابنى تەبرىكلىدى.



18-03-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
16-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    5- ئاينىڭ 11- كۈنى، ئىراقتىكى شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ مۇقەددەس شەھىرى بولغان نەجەفتە، باغدادتىكى ئاپتوموبىل بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدا قازا قىلغانلارنىڭ ئۇرۇق–تۇغقانلىرى دەپنە مۇراسىمىدا قاتتىق...
15-05-2016
ئەنگىلىيە «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، موسكۋانىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بىر قەبرىستانلىقتا 5-ئاينىڭ 14-كۈنى چوڭ كۆلەملىك توپلىشىپ ئۇرۇشۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، نەق مەيداندا ئوق ئاۋازى چىققان، ۋەقەدە ئاز ...
15-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:   2016-يىلى بېجىڭ ۋاقتى 15-مايدا NBA مۇسابىقىسى يوق، لېكىن قەھرىمانلار كوماندىسى بىلەن چاقماق كوماندىسى غەربىي رايون ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ . ...
15-05-2016
گېرمانىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلىغا بارغاندا گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى مۇساپىرلار مەسىلىسى چىقىمى ئۈچۈن 93 مىليارد ياۋرو تەييارلايدىكەن. گېرمانىيە ھەپتىلىك گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،...
15-05-2016
   خەلقئارا لىنىيە تورى تورى 15-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ئاتامبايېۋ 5-ئاينىڭ 14-كۈنى دېيىشىچە، دۆلەت مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرقانداق غەرەز قاتتىق جازالاشقا ئۇچرايدىكەن.   ...
15-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئافغانىستان ھېلماد، شۇ كۈنى شۇ جايدىكى ساقچىلار مەشىق مەركىزى ئەتراپىدا ئۆلۈۋىلىش خاراكتېرلىك پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئۈچ ساقچى قازا قىلغان، ئۇنىڭدىن &nb...
15-05-2016
يەر شارى تورىنىڭ 15-مايدىكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئامېرىكا ۋاشىنگتون، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بىلەن مىچېل ئاقسارايدا شىمالىي ياۋروپادىكى بەش دۆلەت رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالدى.
15-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 15-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سۇرىيە ئاسسۇرىيە خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ دېيىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى سۇرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى قامىشلى شەھىرىدە تېررورلۇق ...
15-05-2016
  شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئەنگىلىيە ۋىتنىي، شۇ كۈنى ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامىرون ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشكە قارشى تۇرۇش يىغىلىشى ئۆتكۈزدى.
15-05-2016
فىلىپپىننىڭ «بايراق گېزىتى» دە تۈنۈگۈن ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: ئاكىنو ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى ئالاقىدار كېسىم سوتىغا يوللاپ كېسىم چىقىرىش ئۇسۇلى فىلىپپىنگە نىسبەتەن مۇددەتلىك بومبا ھېسابلىنىدۇ. ئاكىنو ھاكى...
Powered by Leglek