تېڭشۈن بۈگۈنكى تەنتەربىيە توپلىمى لەگلەك تورى تەرجىمىسى:
1.ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بۈگۈن ئەتىگەن پورتۇگالىيىنىڭ پايتەختى لىسابوندىكى نۇرلۇق پۇتبول مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى، مۇسابىقە نەتىجىسى خان جەمەتى مادرېد كوماندىسى4-1نەتىجە بىلەن بىر شەھەردىكى رەقىبى مادرېد تەنھەرىكەتچىللىرى كوماندىسىنى يېڭىپ تارىختا10-قېتىم بۇ تۈردە چىمپىيۇن بولدى.خان جەمەتى مادرېد كوماندىسىنىڭ تېرنىرى ئانچىلوتتى لىۋېرپول كوماندىسىنىڭ سابىق تېرنىرى پەسلىر بىلەن ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرگەن قېتىم سانى جەھەتتە تەڭلەشتى شۇنداقلا يەنە موۋرېنخو‹خاپىل‹شىسىپېيىرد ۋە خېنىكېستىن كىيىن تارىختىكى بەشىنچى ئوخشاش بولمىغان ئىككى كوماندىنى يىتەكلەپ بۇ تۈردە چىمپىيۇن بولغان تېرنىر بولۇپ قالدى. كىرىستىيانو رونالدو ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە كىرگۈزگەن توپ سانى67تىگە يىتىپ مېسسى بىلەن تەڭلەشتى بۇتۈردە رېكورتنى ساقلاپ كىلىۋاتقان رائۇلنىڭ71توپ سانىغا پەقەت4توپ قالدى.
2.چېخ بۇيىل يازدا كوماندىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن مادرېد تەنھەرىكەتچىسى كورتۇئىس چېلسىنىڭ يېڭى بىرىنچى ۋاراتارى بولۇشى مۇمكىن.
22ياشلىق تالانتلىق ۋاراتار كورتۇئىس بۇرۇندىن تارتىپ چېلسىغا قايتىپ كېلىپ قېرىپ قالغان چېخنىڭ ئورنىنى بېسىش خىيالى بارئىدى5-ئاينىڭ24-كۈنى ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرى«ئەينەك گېزىتى»دە بايان قىلىپ كورتۇئىسنىڭ چېلسىدىكى ئورنىنىڭ مۇقىملىشىپ بولغانلىقى، چېخنىڭ بولسا بۇيىل يازدا كوماندىدىن ئايرىلىدىغانلىقى ئۇنىڭ كىيىنكى خوجايىنىنىڭ پارىژ كۇلۇبى ياكى توتتېنخام كۇلۇبىدىن بىرى دىدى.
3.جامىس بىلەن ۋادې49نۇمۇر ئېلىپ پىيادىلەر كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.
«ن ب ئا» پەسىل ئاخىرقى مۇسابىقىسى شەرقى مۇسابىقە رايۇنىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بۈگۈن ئوت كوماندىسى99-87نەتىجە بىلەن ساھىبخان پىيادىلىكلەر كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئومۇمى نەتىجىدە2-1ئالدىدا ماڭدى.جامىس26نۇمۇر5گاردىن يانغان توپ7ياردەمچى پاس4قارشى تەرەپ ھۇجۇمىنى ئۈزۈپ قۇيۇشتەك ئىپادىسى بىلەن بۈگۈنكى مۇسابىقىدە غەلبە قىلىشتىكى ئاساسلىق تۆھپىكارنىڭ رولىنى ئالدى.ئۇنىڭدىن باشقا ۋادې23نۇمۇر‹لې.ئاللېن16نۇمۇر ئالدى. پىيادىلىكلەر كوماندىسىدىن جورجى17نۇمۇر‹سىتىۋىنسىن10نۇمۇر11گاردىن يانغان توپ‹ شىبولىت16نۇمۇر ئالدى.
4.سۇئارېز چوقۇم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىمەن دىدى.
ئۇرۇگۋاينىڭ بىرىنچى چولپىنى سۇئارېز بايىلا ئوپىراتسىيە قىلىندى يېرىم ئايغىچە تولۇق ئەسلىگە كىلىشى مۇمكىن. بۇ سەۋەپتىن ئۇ ئۆزىنىڭ مىكرو بىلوگىدا سۆزقىلىپ چوقۇم بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلىۋاتقان كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى دىدى.
5.تۆت دۆلەت مۇسابىقىسى 17ياشلىقلار ۋاسكىتبول مۇسابىقسى جۇڭگۇ ئامېرىكىغا ئۇتتۇىۋىتىپ ئۈچنىچى بولدى.
2014-يىللىق تۆت دۆلەت مۇسابىقىسى ئۈچىنچى مۇسابىقە كۈنى جۇڭگۇ ياشلار ۋاسكىتبول كوماندىسى64-82نەتىجە بىلەن ئامېرىكا ئالى مەكتەپ بىرلەشمىسى كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. دۆلىتىمىز 1مەيدان ئۇتۇپ2مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجە بىلەن ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى.
6.سابىق خان جەمەتى مادرېد ئەپسانىۋى ماھىرى ماكې لې لې ئۆزىنىڭ تېرنېرلىق ھاياتىنى باشلىدى.
ئەنگىلىيە«ب ب س» نىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىدە فىرانسىيەنىڭ سابىق پۇتبول چولپىنى «ماكې لې لې»نىڭ رەسمى ھالدا فىرانسىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى باستىلىيە كوماندىسىغا تېرنېر بولغانلىقىنى دىدى. ھازىر41ياشقا كىرگەن ماكې لې لې ئۆزىنىڭ پۇتبولچىلىق كەسپى ھاياتىدا خان جەمەتى مادرېد‹چېلسې قاتارلىق داڭلىق كۇلۇبلاردا توپ تەپكەن، 2011-يىلى ئۇ پارىژ سائىنت گېرمان كۇلۇبىدا ئۆزىنىڭ پۇتبولچىلىق كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان ئىدى ھەمدە ئانچىلوتتىنىڭ ياردەمچىسى بولغان شۇيىلى فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ تېرنىرى بۇرانكانىڭ ياردەمچىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن پارىژ كۇلۇبى بىلەن بىللە ئۇدا ئىككى قېتىم فىرانسىيە بىرلەشمىسى چىمپىيۇنى بولغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved