ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى كۆكخوت شەھىرىدە بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، نەق مەيدانغا چېچىلىپ كەتكەن 31600 يۈەن نەق پۇل باشقىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن، بۇ ئىش كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. مۇخبىرنىڭ 12-چېسلا پولات تۆمۈر يولى ساقچىخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە ساقچىلار بۇ ئىشقا چېتىشلىق بولۇش ئىمكانىيىتى ئەڭ چوڭ بولغان بىر مىنىبۇسنى بايقىغان، ساقچىلار قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئارقىلىق بۇ ماشىنىغا ئالاقىدار ئۇچۇرنى ئىگىلەۋاتقان ئىكەن، ۋاقتىنچە جىنايەت گۇماندارى ۋە پۇل سوممىسى ئېنىق بېكىتىلمىگەن بولغاچقا، بۇ ئىشقا دېلو تۇرغۇزۇلمىغان ئىكەن.
ئون نەچچە كۈن ئىلگىرى، كۆكخوت شەھىرىدە بىر ئايال تۆت ياشلىق بالىسى بىلەن غەربىي شىنخۇا كوچىسىدا قاتناش ۋەقەسىگە يولۇقۇپ، 37000 يۈەنگە يېقىن پۇل ۋەقە جەريانىدا يەرگە چېچىلىپ كەتكەن. بۇ ۋاقىتتا بىر قىسىم ئامما ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداننى ئورىۋالغان، يەنە بەزىلەر بولسا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلىغان.
ۋەقەدە، تۆت ياشلىق بالا بەختكە قارشى قازا قىلغان، ئايال بولسا يارىلانغان. بىر ئائىلە كىشىلىرى ئېغىر مۇسىبەت ئىچىدە تۇرغاندا، سومكىسىدا پەقەت 5400 يۈەن ئېشىپ قالغانلىقىنى بايقىغان.
ئۇ ئايالنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، ئۇ ھوشىغا كەلگەن ۋاقىتتا، كۆزئەينەك تاقىۋالغان بىر ئەرنىڭ ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ يەردىكى پۇللارنى يىغىپ سومكىسىغا سېلىشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن، يەنە بەزىلەر بولسا يەردىن تېرىۋالغان پۇللارنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەرمىگەن ئىكەن.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇلار بىر تەرەپتىن ۋەقەدىن كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن ساقچىلارنىڭ يىتۈپ كەتكەن پۇللىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلغان. ئايالنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇ پۇللارنى شۇ كۈنى ئۆي ئىجارىسى ئۈچۈن تاپشۇرماقچى ئىكەن. پۇل باشقىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن، ئىچكى موڭغۇل تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلەر قانىلى بۇ ئىشنى خەۋەر قىلىپ، پۇلنى تېپىۋالغان كىشىنىڭ پۇلنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلغان. ئەمما بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغىلى نەچچە كۈن بولغان بولسىمۇ، ئۇلار پۇل قايتۇرۇش توغرىسىدا ھېچقانداق تېلېفون تاپشۇرۇپ ئالمىغان.
ساقچىلار قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن يول بۆلىكىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سىن خاتىرىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەق مەيداننى ئورىۋالغانلىقى، بەزىلەرنىڭ يەرگە ئېڭىشىپ پۇل تېرىۋاتقانلىقى، سۈرەتنىڭ ئانچە ئېنىق ئەمەسلىكىنى بايقىغان. ساقچىلار يەنە مۇخبىرغا بىر مىنىبۇس شوپۇرىنىڭ ماشىنىدىن چۈشۈپ خېلى كۆپ پۇلنى تېرىپ كېتىپ قالغانلىقىنى، ئۇ ئەر ھەيدىگەن ماشىنا نومۇرىنى ئېنىق كۆرەلمىگەچكە ئېنىق ھۆكۈم قىلالمىغانلىقى، ئەمما قاتناش ساقچى تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ مىنىبۇسنىڭ ئۇچۇرىنى ئىگىلەۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن. ساقچىلار يەنە ئەگەر شەھەر ئاھالىلىرى بۇ ئىش توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرغا ئىگە بولسا دەرھال ساقچىلار بىلەن ئالاقىلىشىشنى ئۈمىد قىلغان.
بۇ ئىشقا قارىتا، بېيجىڭ فادا ئادۋوكاتلىق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى جۇ خەيلوڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چېچىلىپ كەتكەن پۇل زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا تەۋە بولۇپ، ئەگەر يولدىكى كىشىلەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ھوشسىز ياتقان ئەھۋال ئاستىدا پۇللارنى تېرىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالسا، سوممىسى كۆپ بولسا ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللەندۈرىدىغانلىقى، ئەگەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن پۇلنى ئېلىپ كەتسە بۇلاڭچىلىق جىنايىتى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
![]() |
يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا تۆۋەندىكىدەك بەش خىل قىلمىشنى سادىر قىلسىڭىز، بىۋاسىتە 12 نومۇر تارتىلىدۇ.
1. باشلاش سىزىقىدا ماشىنا توختىتىش
باشلاش سىزىقى ئۈستىدىن ئاپتوموبىلنى ھ...
|
![]() |
ئەنخۇي فۇياڭدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان نۆۋەتچى پويىزدا، بىر يولۇچى بالىسى بىلەن ئويۇن ئويناۋاتاتتى
شۇ كۈنى مۇخبىر ئەنخۇينىڭ فۇياڭ ناھىيەسىدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved