دىققەت! بۇ بەش خىل ئەھۋالدا پىراۋىدىن بىۋاسىتە 12 نومۇر تارتىلىدۇ

          يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا تۆۋەندىكىدەك بەش خىل قىلمىشنى سادىر قىلسىڭىز، بىۋاسىتە 12 نومۇر تارتىلىدۇ.

1. باشلاش سىزىقىدا ماشىنا توختىتىش

   باشلاش سىزىقى ئۈستىدىن ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ ئۆتۈپ كېتىشكە بولسىمۇ، ھەرگىز ئۇزاق ۋاقىت توختاشقا بولمايدۇ. ئەگەر سۈرەتكە چۈشۈپ قالسىڭىز، بىۋاسىتە 12 نومۇرىڭىز تارتىلىدۇ. 

2. سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەش ۋە يول تالىشىپ ھەيدەش

    يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا يۈرگەندە، سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدىگەندە ئۆزى ۋە باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىپلا قالماستىن، يەنە 12 نومۇر تارتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالدى تەرەپتىكى ئاپتوموبىللار ياندىشىپ مېڭىۋاتقاندا، ھەرگىزمۇ قارىغۇلارچە يانداشقا ياكى يول تالىشىشقا بولمايدۇ. بولۇپمۇ ئالدى تەرەپتىكى ئاپتوموبىل چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىل بولغاندا، ناھايىتى ئاسانلا قاتناش ھادىسىسى كېلىپ چىقىدۇ.

3. ئاپتوموبىلنى ئارقىغا ياندۇرۇش

  يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا يۈرگەندە، ئېھتىياتسىزلىقتىن يول ئېغىزىدىن ئۆتۈپ كەتكەندە، ئارىلىق قىسقا بولغان تەقدىردىمۇ، ھەرگىز ئارقىغا ياندۇرۇشقا بولمايدۇ. چوقۇم داۋاملىق يول يۈرۈپ، كېلەركى چىقىش ئېغىزىدىن چىقىش كېرەك. چۈنكى، ئاپتوموبىلنى ئارقىغا ياندۇرغاندا، ناھايىتى ئاسانلا ئارقىدىن سوقۇلۇش ۋەقەسى كېلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەككى، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ئاپتوموبىلنى ئارقىغا ياندۇرسا، 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، 12 نومۇر تارتىلىدۇ. ئەگەر سوقۇلۇش ۋەقەسى كېلىپ چىقسا، ئارقىغا يانغان ئاپتوموبىل پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.


4. ئوڭ تەرەپتىن مەجبۇرىي يانداش

ئەگەر ئالدى تەرەپتىكى ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتى ئاستا بولۇپ، سول تەرەپتىن يانداش قولايسىز بولسا، يانداشقا ئالدىراشقا بولمايدۇ. چۈنكى، ئوڭ تەرەپتىن مەجبۇرىي ياندىغاندا خەتەرلىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە 12 نومۇر تارتىلىدۇ.

5. جىددىي ئەھۋال يولىنى ئۇزاق ۋاقىت ئىگىلەپ يول يۈرۈش

يول توسۇلۇپ كەتكەندە، بەزى شوپۇرلار ئەڭ ئوڭ تەرەپتىكى جىددىي ئەھۋال يولىغا كىرىۋالىدۇ. بۇ يول ھاياتنى قۇتقۇزۇش يولى بولۇپ، بۇ يولنى ئىگىلەپ يول يۈرگەنلەرنىڭ 12 نومۇرى تارتىلىدۇ.



خەتكۈچلەر:
06-02-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
12-02-2016
مىسىر تىرانسىپورت مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 11 -فېۋرال سەھەردە ئاسۋاندىن پايتەخت قاھىرەگە ماڭغان پويىز بەنسىف شەھىرى ئەتراپىدا رېلىستىن چىقىپ كېتىپ، ئاز دېگەندە 73 ئادەم يارىلانغان. مىسىر تىرانسىپورت مىنى...
06-02-2016
         يىقىندا، ھىندىستان JBM گوروھى 2016-يىللىق ھىندىستان ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە پۈتۈنلەي يېڭى نۇسخىدىكى توكلۇق ئاپتوبۇسى EcoLife نى ئېلان قىلغان. بۇ توكلۇق ئاممىۋى ئاپتوبۇسنى JBM بىلەن پولشا ئاپتوبۇس شىركىتى...
05-02-2016
       4-فېۋرال سائەت 17 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە گۇاڭشى گۈي ليۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى گۈيلىندىن ليۇجۇ يۆنىلىشىدە بىر خېيلۇڭجياڭ نومۇر تاختىسى ئېسىلغان يېرىم چاتما پرىتسېپلىق يۈك ئاپتوموبىلىغا ئوت كېتىپ، گۈيلىن ليۇجۇ ...
05-02-2016
        ئەنخۇي فۇياڭدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان نۆۋەتچى پويىزدا، بىر يولۇچى بالىسى بىلەن ئويۇن ئويناۋاتاتتى         شۇ كۈنى مۇخبىر ئەنخۇينىڭ فۇياڭ ناھىيەسىدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان ...
05-02-2016
          چاغاندىن ئاۋۋالقى تۆت كۈندە شىنجاڭ ئىچىدىكى قىسقا ئارلىققا قاتنايدىغان يولۇچىلارنى توشۇش باشلاندى. 4-فېۋرال تۆمۈر يولدىكى يولۇچىلار ئېقىمى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. شۇ كۈنى ئۈرۈمچى جەنۇب...
05-02-2016
     ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ج خ مىنىستىرلىقى، قاتناش -تىرانسپورت مىنىستىرلىقى ۋە جۇڭگو سۇغۇرتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى يېقىندا «ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى ھەيدەشنى ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىپ بىۋاستە شوپۇرلۇق...
04-02-2016
        3-فېۋرال ئەتىگەن سائەت 9:50 ئەتراپىدا، تۇرپان-ئۈرۈمچى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيولىنىڭ ئۈرۈمچىدىن تۇرپانغا قاراپ ماڭغان يۆلىنىشتىكى تۇز كۆل ھەق تاپشۇرۇش پونكىتىغا 50 مېتىر كېلىدىغان يول بۆلىكىدە، يول زىيادە تېيىلغا...
04-02-2016
       مۇخبىرنىڭ 3-فېۋرال قاتناش -تىرانسپورت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 24-يانۋاردىن 2-فېۋرالغىچە بولغان چاغاندىن بۇرۇنقى 10 كۈندە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تۆمۈريول، تاشيول، سۇ يولى ۋە ھاۋا يولىدا ئۇزىتىلغان يولۇچى مىقدارى 740...
03-02-2016
      خېيۈەن شەھىرى زىجىن ناھىيىسىدىكى مەلۇم تورداشنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تۈنۈگۈن (2-فېۋرال) چۈشتىن كېيىن سائەت 16:00 لەر ئەتراپىدا زىجىن ناھىيىسى گۇجۇ بازىرى شاڭشيادۇڭ كەنتى يول بۆلىكىدە غەيرىي قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن بولۇ...
03-02-2016
       2016-يىلى 2-فېۋرال، خاڭجۇ تيەنمۇشەن يولى بىلەن گۇيى يولىنىڭ چېتىشما ئېغىزىدا قىزىل رەڭلىك فارارى يول ئوتتۇرىسىدىكى توسۇقتىن بۆسۈپ ئۆتۈپ موللاق ئېتىپ ماشىنا چاقى ئاسمانغا قارىغىنىچە ۋولكېسۋاگېن ماركىلىق ئاپتوموب...
Powered by Leglek