جۇڭگو ئاخبارات تورى 17- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
ئامېرىكا ئاق ساراي شۇ جاي ۋاقتى 16- مارت زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ 15- مارت مەمۇرىي پەرمانغا ئىمزا قويۇپ، چاۋشيەنگە جازالاش تەدبىرى قوللىنىش تەدبىرىنى تەستىقلىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ بۇ ئارقىلىق چاۋشيەننىڭ يېقىندىن بۇيان يادرو سىنىقى ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى قىلىغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
ئاق ساراي يەنە مۇنداق دېگەن: بۇ قېتىمقى جازالاش خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2270- نومۇرلۇق قارارى ۋە ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ ئالدىنقى ئايدا ماقۇللىغان چاۋشيەننى جازالاش قانۇن لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. جازالاش ھەرىكىتى بىلەن چاۋشيەن ھاكىميىتىگە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىش ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەنگە قاراتقان ئۇزۇن مەزگىللىك سىياسىتى.
ئاق ساراي يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەت چاۋشيەننىڭ قانۇنسىز يادرو سىنىقى قىلىش ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ھەرىكىتىگە سەۋىر قىلىپ تۇرالمايدۇ.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved