يەر شارى تورى 17- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
ئامېرىكا جۇمھۇرىيتچىلەر پارتىيەسىنىڭ سايلام نامزاتى ترۇمپ ئامېرىكىدا بىر نۆۋەتلىك « ترۇمپ ئەسەبيلىكى »نى كۆتۈرگەندەك قىلىدۇ. 3- ئاينىڭ بېشىدىكى « دەرىجىدىن تاشقىرى سەيشەنبە »دە چوڭ غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ترۇمپ 15- مارتتىكى ئىككىنچى نۆۋەتتىكى « دەرىجىدىن تاشقىرى سەيشەنبە »دە ئۈچ شىتاتتا، بولۇپمۇ فىلورىدا شىتاتىدا چوڭ غەلىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۈچتىن قالغان رۇبيونى سايلامدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر قىلدى. پۈتكۈل يەر شارىدىكىلەر ترۇمپنىڭ چوڭ گەپ قىلىشىنى توسۇشقا ئامالسىز قالدى، شۇ كۈنى ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ناۋادا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سايلام نامزاتى بولۇشۇمنى رەت قىلسا توپڭىلاڭ كۆتۈرۈشۈم مۇمكىن.
ئەنگىلىيە « پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى »نىڭ 17- مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 16- مارت ترۇمپ ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ مەملىكەتلىك ۋەكىللەر چوڭ يىغىنى ئېچىلىشتىن ئىلگىرى زور كۆپ ساندىكى سايلام بېلىتىگە ئېرىشىشىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ گەرچە 1237 پارچە سايلىغۇچىلار بېلىتىگە ئېرىشەلمەي، تولۇق غەلىبە قىلالمىسىمۇ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ يەنىلا ئۇنى ئەڭ ئاخىرقى سايلام نامزاتى قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ترۇمپ يەنە مۇنداق دېگەن: نەچچە مىليون ئاممىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان سايلىغۇچىلار كۆپ ھاللاردا تۇنجى قېتىمدىلا بېلەت تاشلايدۇ، ناۋادا جۇمھۇرىيەتىچىلەر پارتىيەسى مىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سايلام نامزاتى بولۇشمنى رەت قىلسا، ئۇنداقتا توپىلاڭ كۆتۈرۈلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved