شىنخۇا تورىنىڭ 17-مارتتىكى خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئىرپان تەرجىمىسى:
ب د ت باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى دۇيارىك 16-مارت جەزىملەشتۈرۈشىچە، ماراكەش ب د ت نىڭ غەربىي سەھرايى كەبىر مەملىكەتلىك بېلەت تاشلاش ئالاھىدە كوللېكتىپىدىن خادىم ئازايدىغانلىقىنى ھەمدە ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن كوللېكتىپقا بېرىدىغان ياردەمنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن.
دۇيارىك 16-مارتتىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا 15-مارت ئېلان قىلىنغان ماراكەش دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان دوكلاتىنىڭ مەزمۇنىنى جەزىملەشتۈردى، يەنى ماراكەش ئۆزىنىڭ غەربىي سەھرايى كەبىر ئالاھىدە ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن كوللېكتىپنىڭ سىياسىي تارماقلىرىدىكى مۈلكىي خادىملارنى زور دەرىجىدە ئازايتىدىكەن، ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن كوللېكتىپقا بېرىدىغان تەخمىنەن 3 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىئانە ياردىمىنى بىكار قىلىدىكەن ھەمدە ماراكەشلىك خادىملارنى باشقا تىنچلىق ساقلاش ھەرىكەتلىرىدىن چېكىنىپ چىقىش تەرتىپىگە قاراپ چىقىدىكەن.
ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون يېقىندا ئالجىرىيەنى زىيارەت قىلغاندا، ماراكەش غەربىي سەھرايى كەبىر رايونىنى «ئىشغال» قىلىۋالدى دېيىشى ماراكەشنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. ماراكەشنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى 14-مارت بۇ ئىش ھەققىدە بان كىمون بىلەن كۆرۈشتى، ئەمما ئىككى تەرەپ ھەل قىلىش ئۇسۇلىدا بىرلىككە كېلەلمىدى. ماراكەش 15-مارت تىنچلىق ساقلاش قىسىمىدىن خادىم قىسقارتىدىغانلىقى ۋە ئىئانىسىنى بەرمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved