مىسىردا ئىككى مۇخبىرنىڭ سوت داۋاسى كېچىكتۈرۈلدى

 

 جاھان ئاگېنتلىقى 23-فېۋرال خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: مىسىردا 412 كۈن تۈرمىدە قامالغاندىن كېيىن سوتلىنىش ئۈچۈن قۇيۇپ بېرىلگەن باھېر مۇھەممەد ۋە مۇھەممەد فەھمىنىڭ سوت داۋاسى 8-مارتقا كېچىكتۈرۈلدى. باھېر مۇھەممەد ۋە مۇھەممەد فەھمىنىڭ قولغا ئېلىنماستىن سوتلىنىش دىلوسى بۈگۈن باشلىنىپ، سوت گۇۋاھچىلارنىڭ سوت مەھكىمىسىگە قاتناشماسلىقى سەۋەبى بىلەن 8-مارتقا كېچىكتۈرۈلدى. باھېر مۇھەممەد ۋە مۇھەممەد فەھمى ، تۈرمىدىكى يەنە بىر مۇخبىر Peter Greste نىڭ قۇيۇپ بېرىلىشى ۋە چېگرىدىن چىقىرىلىشىدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.مۇخبىرلار قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئائىلىسى بىلەن جەم بولدى.

بۇ قارارغا ئالاقىدار ئەلجەزىرە ئاگنېتلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا،«كاپالەت بىلەن ئەركىن قويۇپ بېرىش قارارى توغرا يولدا ئېلىنغان كىچىك بىر قەدەمدۇر. بۇ قەدەم باھېر مۇھەممەد ۋە مۇھەممەد فەھمىگە 411 كۈن ئايرىلغان ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتى يارىتىدۇ. ئەمما مەقسەت سوت مەھكىمىسىنىڭ توغرا قارار چىقىرىپ بۇ كۈلكىلىك داۋانى تامامەن توختىتىشىدۇر» دەپ ئىپادە بىلدۈرۈلگەن. مىسىر سوت مەھكىمىسى قولغا ئېلىنغان ئەلجەزىرە مۇخبىرلىرىنىڭ يېڭىدىن سوتلىنىش قارارىنىڭ سەۋەبى «ئىسپات يىتەرسىزلىكى» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

يەنە بىر ۋاقىتتا كانادا پۇقراسى بولغان مۇھەممەد فەھمى ئىككى ھەپتە بۇرۇن مىسىر پۇقرالىقىدىن ئايرىلغان ئىدى. ئەلجەزىرە مۇخبىرلىرى Peter Greste ۋە مۇھەممەد فەھمى «يالغان خەۋەر تارقىتىش» ۋە ھەربىي ئىنقىلاب ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «تېرور تەشكىلاتى» دەپ ئېلان قىلىنغان «مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى» غا ياردەم قىلىش جىنايىتى بىلەن 7 يىللىق تۈرمىگە قامالغان ئىدى. باھېر مۇھەممەد ئوخشاش جازا بىلەن بىرگە «قورال ساقلاش» جىنايىتى بىلەن 3 يىل جازا بېرىلىپ جەمئىي 10 يىللىق تۈرمىگە مەھكۇم قىلىنغان ئىدى.



23-02-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
05-05-2016
    5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندىكى ئاق سارايدا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما (ئوڭدىن 1-كىشى) بىلەن جاخانا خايېس (ئوڭدىن 2-كىشى) ئامېرىكىنىڭ يىللىق ئوقۇتقۇچى مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. شۇ كۈنى...
05-05-2016
    بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، سۈرىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەر شىمالىي قىسمىدىكى قورغان ئالېپپودا كەسكىن توقۇنۇشۇپ، ئۇرۇش توختىغىلى ئەمدىلا 10 ھەپتىدەك بولغان ۋەزىيەت ھالاكەتكە يۈزلەندى، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئال...
05-05-2016
    4- ماي كۈنى بولسا جۇڭگونىڭ ياشلار بايرىمى. ياشلىق دېگەن نېمە؟ گوۋۇيۈەن« دۆلەتلىك يىللىق بايراملار ۋە خاتىرە كۈنلىرى چارىسى» بويىچە ياشلار بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا ماس كېلىدىغان كىشىلەر توپى بولسا 14 ياشتىن 28 ياشقىچە بول...
05-05-2016
    20 ياشتىن ئاشقان كورىيەلىك ياشلارنىڭ ھەممىسى ئۆز دۆلىتىنى «دوزاخ كەبى دۆلەت» دەپ قارايدۇ، جەمئىيەت ئەھۋالى ئارزۇ-ئۈمىدكە تولغان ئۇلارنى كەلگۈسىدە قايسى دۆلەتتە تۇرمۇش كەچۈرسە ئەڭ ياخشى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئويغا...
04-05-2016
     5-ئاينىڭ 3-كۈنى، كىشىلەر ئېرۇسالىمدىكى بىن دېيۋىد سوراق قىلىنغان سوت مەھكىمىسى سىرتىدا تۇرۇپ ئېتىراز بىلدۈردى. 3-ماي، ئېرۇسالىم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى 2014-يىلى شەرقىي ئېرۇسالىمدا پەلەستىنلىك ئۆسمۈر خۇدايىرنى قەس...
04-05-2016
    جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە ھەربىي دائىرىلىرى يېقىندا ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى قوراللىق ئۇنسۇرلارغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق ھەربىي ھەرىكەتتە نەچچە ئونلىغان كىشى ھاياتىدىن ئايرى...
04-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 3-مارت، ئىسرائىلىيە تېلئاۋېف، خەلق ئاممىسى ئوتتۇرا دېڭىزدا لەگلەك بىلەن دولقۇن تېيىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
04-05-2016
    ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 4- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسپانىيە پادىشاھى فىلىپ-6 پەرمانغا ئىمزا قويۇپ، تۆت ئاساسلىق سىياسى پارتىيە ئارىسىدىكى قاتمال سىياسى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، پارلامېنتنى تارقىتىۋ...
04-05-2016
    ياپونىيە 3-ماي تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىنىڭ كۈچكە ئىگە قىلىنغانلىقىنىڭ 69 يىللىق خاتىرە كۈنىنى كۈتۈۋالدى، شۇ كۈنى 50 مىڭ ياپونىيە شەھەر ئاھالىسى توكيوغا يىغىلىپ، ئاساسىي قانۇننى قوغداپ، خەۋپسىزلىك كاپالىتى قانۇنىنى بىكار ...
04-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئافغانىستان Cevizcan رايونى، 17 نەپەر تالىبان ئەزالىرى ئافغانىستان دائىرىلىگە تەسلىم بولدى ھەمدە قوراللىرىنى تاپشۇردى.
Powered by Leglek