ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
جوبىس ھۇقۇق تۇتقان مەزگىلدىكى iPhone كامالەتكە يەتكەن قول ھۈنىرى ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن، ھەمدە نۇرغۇنلىغان ئالما مەستانىلىرىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. iPhone 4S نىڭ ئۆلچەملىك لاھىيىسى، يەنە iPhone 5S نىڭ يۇقىرى پەللىسى، بىراق iPhone 6 نىڭ مەيدانغا كېلىشى گويا ئالما شىركىتىنىڭ ھۈنەر سەنئەت تەرەپتىكى ئىنتىلىشىنى بۇزۇپ تاشلىدى. گەرچە iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plus نىڭ سېتىلىش مىقدارى ئالدىنقى نەچچە ئەۋلاد مەھسۇلاتقا قارىغاندا يۇقىرى بولسىمۇ ( بۇنىڭ سەۋەبى ئاندروئىد چوڭ ئېكرانغا يۈزلەنگەنلىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بۇلۇپ ئالما مەستانىلىرىنىڭ چوڭ ئېكرانلىق تېلىفۇنغا بولغان قىزىقىشى بارغانسېرى يۇقىرىلىغان.) بىراق يەنە نۇرغۇن مازلاشتۇرۇشقىمۇ ئېرىشكەن. چوڭ ئاق سىزىقچە ، بۇلۇپمۇ سىرتىغا چىقىرىپ لاھىيىلەنگەن كامېرا بېشىنى جوبىس بىلىپ قالسا بەلكىم ياتقان يېرىدىن سەكرەپ چىقىشى مۇمكىن.
بىراق iPhone 6 نى ياقتۇرمايدىغان ئالما مەستانىلىرى ئازراق ساقلىسىلا بولدى. iPhone 7 چىقىشقا ئازلا قالدى. بۇ چەتئەللىك لاھىيىلىگۈچى لاھىيىلەپ چىققان لاھىيىلەپ چىققان iPhone 7 نىڭ ئۇقۇم رەسىمى. بۇ iPhone 7 نىڭ قول ھۈنىرى قالتىس بۇلۇپلا قالماستىن يەنە تېخى چوڭ ئاق سىزىقچىنى ۋە كامېرانىڭ سىرتقا چىقىپ قېلىش مەسىلىسىنى يوق قىلغان. تېخىمۇ مۇھىمى iPhone 4 نىڭ قوش يۈزلۈك ئەينەك لاھىيىسىنى ئىشلەتكەن. يان بۇلۇڭلىرىنى سىلىق قىلىپ لاھىيىلىگەن. بۇنداق بولغاندا مودا بۇلۇپلا قالماستىن يەنە سودا تەرەپكىمۇ ماس كېلىدىغان بۇلۇپ، مودىلىقنى قوغلىشىدىغان ياشلارغا ۋە سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغىمۇ ماس كېلىدۇ. بەھرىمان بولىدىغان كىشىلەر توپى تېخىمۇ كەڭ بولىدۇ.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved