جۇڭگو ئاخبارات تورى 18-مارت تېلېگراممىسى، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دېلتا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ باياناتچىسى مورگان دۇرانتنىڭ ئېيتىشىچە، دېلتا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ MD-88 تىپلىق بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى شۇ جاي ۋاقتى 17-مارت ۋاشىنگتون شەھىرى ئەتراپىدىكى دۇللېس خەلقئارا ئايرودرومىغا جىددىي قونغان.
دۇرانت مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «بۇ ئايروپىلان گېئورگىيە شتاتىغا جايلاشقان ئاتلانتادىكى رېئاگان دۆلەت ئايرودرومىدىن ئۇچقان بولۇپ، ئايروپىلان خادىملىرى تاماكا پۇرىقى بارلىقىنى بايقىغان بولغاچقا، بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن دۇللېس خەلقئارا ئايرودرومىغا جىددى قونغان».
ئۇنىڭ گېپى بويىچە، ئايروپىلان مۇۋەپپەقىيەتلىك قونغان بولۇپ، ئايروپىلاندىكى 148 نەپەر يولۇچى ۋە بەش ئايروپىلان خادىمى ئىچىدە يارىلانغانلار يوق ئىكەن. ئايروپىلان قونغاندىن كېيىن، بارلىق كىشىلەر ئايروپىلان بۆلمىسىدىن ئايرىلغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر ئىس پۇرىقى پەيدا قىلغان سەۋەبنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.
دۇرانت ئەڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن، يولۇچىلار باشقا نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئاتلانتاغا قاراپ ئۇچتى.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved