جۇڭگونىڭ شىركەتلىرى بىزگە يورۇقلۇق ۋە ئۈمىد ئاتا قىلدى

پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى پورت شەھىرى كاراچى ئەرەب دېڭىزىغا قوشنا بولۇپ، پەسىللىك شامال بەلبېغىدا. مۇخبىر كاراچىدىن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ بىر يېرىم سائەت ئەگرى توقاي يولنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن، بىر قاقاسلىققا يېتىپ كەلدى، بۇ يەردە دېڭىز شاۋقۇنىدىن باشقا، پارچە پۇرات يانتاقلارنى كۆرگىلى بولاتتى، يىراققا نەزەر تاشلىغاندا يىراقتىكى غايەت زور شامال ئېلېكتىرى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى كۆرگىلى بولاتتى. چوڭ قاناتلار توختىماي ئايلىنىپ، بىرمۇ ئادەم كۆرۈنمەيدىغان چەكسىز كەتكەن دالىغا ئازراق بولسىمۇ ھاياتلىق پۇرسىتى ئاتا قىلىپ تۇراتتى. مانا بۇ يەر جۇڭگونىڭ سەنشيا گۇرۇھى پاكىستان شىركىتى شامال ئېلېكتىرى تۈرى تۇرۇشلۇق جاي ئىدى.
توك كەمچىل بولۇش پاكىستانلىقلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ كەلگەن مەسىلە، پايتەخت ئىسلامئابادتا ياز پەسلىدە ھەر كۈنى توك توختاپ قالىدىغان ۋاقىت 12 سائەتكە يېتىدۇ، بەزى تاغلىق رايونلاردا ھەتتا 20 سائەتمۇ توك توختاپ قېلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزۈپ كەلدى. شۇ جايدىكى ئاممىمۇ بۇنىڭدىن ئىنتايىن نارازى ئىدى. يېقىندا مۇخبىر سەنشيا گۇرۇھى پاكىستان شىركىتى تۇرۇشلۇق كاراچىدىكى شامال ئېلېكتىرى تۈرى ۋە شىمالى قىسىمدىكى سۇ ئېلېكتىر تۈرىنى زىيارەت قىلدى. شۇ جايدىكى ئامما سەنشيا گۇرۇھىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن زور ئۈمىد كۈتىدىغانلىقى، جۇڭگو شىركىتىنىڭ پاكىستان خەلقىنى تەدرىجىي ئېنېرگىيە كەمچىل بولۇشتەك قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، بالدۇرراق بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سەنشيا پاكىستان 1- شامال ئېلېكتىرى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ شىنلياڭ مۇخبىرغا ئەھۋال تونۇشتۇرغاندا، ئۇنىڭ چىرايىدىن خۇشاللىق ھېسسىياتىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: پاكىستاننىڭ شامال ئېلېكتىر بايلىق ئەۋزەل، ئەگەر تولۇق نومۇرنى 100 نومۇر دېسەك، بۇ يەر 85 نومۇرغا ئېرىشىدۇ، ھەتتا 90 نومۇر بېرىشقىمۇ بولىدۇ.
مۇخبىر تۈر قۇرۇلۇش ئورنىدا يەنە قاتار كەتكەن شامال گېنېراتورلىرىنىڭ تەرتىپلىك ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ۋاڭ شىنلياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يەر ئەرەب دېڭىزىنىڭ پەسىللىك شامال بەلبېغىغا جايلاشقان بولۇپ، پاكىستان دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورىنىڭ تۇتىشىش نۇقتىسى ۋە كۆتۈرۈش مەركىزىگە بىر قەدەر يېقىن. شامال ئېلېكتىرى زاۋۇتىنى قۇرۇش شارائىتى ئۆزگىچە. سەنشيا پاكىستان 1- شامال ئېلېكتىرى شىركىتى 2014-يىلى 11-ئايدا تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقىتىشقا باشلىغان بولۇپ، ئومۇمىي گېنېراتور سىغىمچانلىقى 49.5 مېگاۋات كېلىدۇ. يىللىق ئاساسىي توك تارقىتىش مىقدارى 138 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، جۇڭگو كارخانىسى پاكىستاندا مەبلەغ سېلىپ قۇرغان تۇنجى شامال ئېلېكتىر تۈرى. شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى بويىچە ھېسابلىغاندا، شىركەتنىڭ بىر يىللىق توك تارقىتىش مىقدارى ئاز دېگەندە شۇ جايدىكى 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەتتىكى ئائىلىگە نەپ يەتكۈزەلەيدۇ.
سەنشيا گۇرۇھىنىڭ ئارزۇسى خەلقئارا بويىچە ئەڭ ئىلغار پاكىز ئېنېرگىيە مەنبەيى گۇرۇھىنى بەرپا قىلىش. مۇخبىر زىيارەت داۋامىدا بۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ۋاڭ شىنلياڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، پاكىستاندا كۆمۈر، تەبىئىي گاز بىر قەدەر كەمچىلكەن، شۇڭا شىركەت پاكىز ئېنېرگىيە مەنبەسىگە مەبلەغ سېلىش ئاساسىدا پاكىستاننىڭ ئېلېكتىر قۇۋۋىتى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىگە ياردەم بەرگەن. شامال ئېلېكتىرى بىلەن سۇ ئېلېكتىرى ئوت ئېلېكتىرىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ، كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بەرمەيدىكەن ھەم پاكىستاننىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىكەن ھەم مۇھىتنى بۇلغىمايدىكەن ۋە بۇزمايدىكەن، پاكىز ئېنېرگىيەنى ئېچىش پاكىستاننىڭ ئېنېرگىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتىكى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنىڭ بىرىكەن.

يېقىندىكى ئاھالىلەر مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: سەنشيا گۇرۇھى قۇرغان شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرى بىزنىڭ جىددىي مەسىلىمىزنى ھەل قىلىپلا قالماستىن، بەلكى بۇ جاينىڭ مۇھىتىنى ياخشىلىدى، بۇنى ئادەتتىن تاشقىرى ياخشى ئىش دېيىشكە بولىدۇ. بۇ جاي ئەسلى قاقاس جاي ئىدى، شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بەزى جايلاردا زىرائەت تېرىلىشقا باشلىدى، پەيدىن-پەي يېشىللىقنىڭ نەتىجىسىنى كۆردۇق، مۇھىتىمۇ ئىلگىرىكىدىن ناھايىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى.
مۇخبىر شۇ جايدا زىيارەت قىلىش داۋامىدا، تەبىئىي شارائىتنىڭ ناچارلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. شۇ جايدىكى ئىشچىلار تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:بۇ يەردە يازدا ئەڭ ئىسسىق بولغاندا تېمپېراتۇرا 50 نەچچە سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ، ئىش ئورنىدىكى قۇممۇ پۇتنى كۆيدۈرىدۇ. مۇخبىر زىيارەت قىلىش داۋامىدا يەنە قۇم بورانغا ئۇچرىدى، قۇم بوران يەنە قارا قويۇن پەيدا قىلدى، شۇ جايدىكى ئىشچىلار بىر تەرەپتىن يىراقتىكى قارا قۇيۇننى جىددىيلەشكەن ھالدا كۆرسە، يەنە بىر تەرەپتىن سۈرەتكە تارتىۋاتقان مۇخبىرغا دەرھال بۇ يەردىن ئايرىلىشقا نەسىھەت قىلدى. رېمونت ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىشچى مۇھەممەد ئامىن ئاھ ئۇرۇپ مۇنداق دېدى: مانا مۇشۇنداق ناچار مۇھىتتا جۇڭگو شىركىتى نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى ، توك كىرىزىسىنى يېڭىپ، بۇ جايدىكى پۇقرالارغا ئەمەلىي نەپ يەتكۈزدى.
مۇخبىر شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 1-باسقۇچتىكى قۇرۇلۇشىنىڭ مەركىزىي كونترول ئىشخانىسىدىكى چوڭ ئېكراندىن، ئالدىدىكى شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ بارلىق سىپىر ئۆزگىرىشىنى كۆردى، بۇلارنىڭ ھەممىسى چوڭ ئېكراندا ئېنىق كۆرسىتىلىپ تۇراتتى، پاكىستانلىق بىر قانچە ئىشچى جۇڭگولۇق ئىشچىلارنىڭ رەھبەرلىكىدە ئېكراندىكى تۈرلۈك نازارەت قىلىش سىپىرلىرىغا پۈتۈن زېھنى بىلەن قاراپ تۇراتتى.
ئارام ئېلىش ۋاقتىدا پاكىستانلىق ئىشچىلار مۇخبىرغا ئۆزلىرىنىڭ ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بەردى. رېمونت ئىشچىسى ئادى ئىلگىرى شىمالىي جۇڭگو ئېلېكتىر قۇۋۋىتى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان، مەكتەپ پۈتتۈرۈشتىن بىر ئاي بۇرۇن ئۇ سەنشيا شىركىتىگە كىرگەن، پاكىستاننىڭ 1-باسقۇچلۇق شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىدا خىزمەت قىلغىنىغا ئىككى يىل بولغان. ئۇ مۇنداق دېدى: سەنشيا گۇرۇھى پاكىستانلىق ئىشچى خىزمەتچىلەرگە تۈرلۈك ئەمەلىي قوللىنىشچان تەربىيەلەرنى دائىم ئېلىپ بارىدۇ. جۇڭگولۇق خىزمەتداشلىرىمىزمۇ ناھايىتى دوستانە، ئۇلاردىن نۇرغۇن ناھايىتى ئىلغار تېخنىكىلارنى ئۆگىنىۋالدۇق. ئۇندىن باشقا كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغىنى شۇكى، جۇڭگولۇقلار بىر ئىشنى قىلسىلا ياخشى قىلىدۇ، ناھايىتى ئىرادىلىك، ئەمگەكچان، بۇنىڭغا كىشى ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمايدۇ.
مۇھەممەد ئامىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: گەرچە سەنشيا شىركىتىدە ئۈچ ئاي خىزمەت قىلغان بولساممۇ، لېكىن ناھايىتى خۇشالمەن. بۇ جاي ئەزەلدىن نامرات، سەنشيا شىركىتى ئىلغار تېخنىكا ۋە ياخشى ئۈسكۈنىلەرنى ئېلىپ كەلدى، ناھايىتى كۆپ كىشىلەرگە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى، شۇ جايدىكىلەر ئائىلىسىنى باقالايدىغان بولدى ھەمدە تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئېرىشتى. ئۇندىن باشقا شىركەت يەنە بۇ جاينىڭ قاتناش ئەھۋالىنى ياخشىلىدى. سەنشيا گۇرۇھىدا خىزمەت قىلسا ئائىلىدىكىلەر ئىپتىخارلىنىدىغان بولدى، مەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، شىركەتكە تۆھپە قوشۇشنى، پاكىستانلىق خادىملارنىڭ دىرېكتورى بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
شانلىق نەتىجىلەرنىڭ كەينىدە جۇڭگولۇق خادىملارنىڭ بىر قانچە يىللىق ئۈن-تۈنسىز قوشقان تۆھپىسى بار.نۇرغۇن كىشىلەر بىر قانچە چاغاندا يۇرتىغا قايتىپ ئاتا-ئانىلىرى، بالا-چاقىلىرى بىلەن جەم بولالمىدى. شىركەت تىجارەت بۈلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ۋۇدى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەن ئىش ئورنىدا ئىككى يىلغا يېقىن تۇردۇم، بۇ يەر ناھايىتى جاپالىق، لېكىن پاكىستانلىق دوستلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بۇ قۇرۇلۇش ئارقىلىق ياخشىلانغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ چېھرىدە كۈلكە جىلۋىلەنگەنلىكىنى كۆتۈرۈپ، چىم كۆڭلۈمدىن مەمنۇن بولدۇم.

2009-يىلىلا سەنشيا گۇرۇھى پاكىستاننىڭ ئېلېكتىر بازىرىنى تەتقىق قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئېلېكتىرگە مەبلەغ سېلىش تۈرى ئۈستىدە ئىزدەنگەنىدى. كۆپ يىل جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك تارقاتقاندىن باشقا يەنە پاكىستاندا ئۈچ سۇ ئېلېكتىر تۈرىنى ئېچىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى گىللام دەرياسى بويىدا بولۇپ، 720مېگاۋاتلىق كاللوت تۈرى، 1100مېگاۋاتلىق كوخالا تۈرى، 590 مېگاۋاتلىق مار تۈرىدىن ئىبارەت.
سەنشيا گۇرۇھى شىركىتىنىڭ پاكىستاندىكى كاللوت ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى شىڭ جىندۇڭ مۇنداق دېدى: كاللوت ۋە كوخالا-جۇڭگو بىلەن پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە ئۈنۈم بەرگەن تۈرلەر، ھازىر كاللوتنى ئېچىش شارائىتى پىشىپ يېتىلدى. قوللىنىش تىپىدىكى تەتقىق قىلىش تەكشۈرۈش تاماملاندى، بۇ يىل يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىش باشلىنىدۇ.
كاللوت تۈرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلىرى بويىچە مۇئاۋىن باش دىرېكتورى چىن لوڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ تۈرگە تەخمىنەن بىر مىليارد 700مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ كېتىدۇ، پۈتكەندىن كېيىن يىللىق توك تارقىتىش مىقدارى ئۈچ مىليارد 200مىليون كىلوۋاتقا يېتىپ، شۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى قۇرۇش ۋە ھەرىكەتلەندۈرۈش باسقۇچىدا يەنە سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرغۇچى زور تۈركۈمدىكى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىدۇ. بۇ شۇ يەردىكىلەرگە زور مىقداردا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ. سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى پۈتكەندىن كېيىن، شۇ يەرنىڭ مۇھىتى گۈزەللىشىدۇ، ساياھەت مەنزىلگاھلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، كوخالا تۈرى ئالدىنقى باسقۇچتىكى قوللىنىش تىپىدىكى تەتقىق قىلىش تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئاساسى جەھەتتىن تاماملاپ بولغان، مار تۈرى يەنە تەكشۈرۈش ۋە ئۆلچەش باسقۇچىدا تۇرماقتىكەن. جۇڭگو پاكىستان خىزمەتچىلىرى كېچە كۈندۈز نەق مەيداننىڭ گىئولوگىيەسىنى تەكشۈرمەكتە. بۇ ئىككى تۈردە 2016-يىلى ۋە 2017-يىلى ئىش باشلىنىشتىن ئۈمىد باركەن.
شىڭ جىندۇڭ مۇنداق دېدى: ئۈچ ئېلېكتىر ئىستانسىسى پۈتكەندىن كېيىن، پاكىستاننىڭ ئېلېكتىر كىرىزىسىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە پەسەيتىدۇ. مۇشۇ ئاساستا، سەنشيا گۇرۇھى يەنە پاكىستان بىلەن سۇ ئېلېكتىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە ھەمكارلىشىپ، ھىندى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى چوڭ تىپتىكى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى بىرلىكتە ئېچىپ، پاكىستاننىڭ توك يېتىشمەسلىك ۋەزىيىتىنى ئاساسى جەھەتتىن ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. شىركەت كەلگۈسىدە يەنە پاكىستان ئېلېكتىر تورى ۋە جۇڭگو ئېلېكتىر تورى بىلەن بىرلەشمە تورنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېلېكتىر بايلىقى جەھەتتە بىر-بىرىدىن پايدىلىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. پاكىستان بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىدىغان مۇھىم دۆلەت. بۇ قۇرۇلۇشمۇ بىر بەلباغ بىر يول تەسەۋۋۇرى ۋە جۇڭگو پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئاساس سالىدۇ. سەنشيا گۇرۇھىنىڭ ئېنېرگىيە تۈرى جۇڭگو پاكىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا پايدىلىق.
پاكىستانلىق ئىشچى داتار بېشىدىكى تەرنى سۈرتۈپ تۇرۇپ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: سىز كېلەر يىلى يەنە بىر قېتىم كەلسىڭىز، بۇ يەردىكى تېخىمۇ كۆپ ئۆزگىرىشلەرنى كۆرەلەيسىز، جۇڭگو شىركىتىگە رەھمەت، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا يورۇقلۇق ۋە ئۈمىد ئېلىپ كەلدى.



خەتكۈچلەر:
12-04-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
27-05-2016
    جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 26-ماي بەرگەن تېلېگراممىسى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئاۋسترالىيە ئاساسى گۈللەندۈرۈش ھەم قاتناش مىنىستىرى Darren Chester 26-ماي مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن، ھىندى ئوكيان دېڭىز ساھىلىدىن يې...
27-05-2016
    جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 26-ماي بەرگەن تېلېگراممىسى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى فىرانسىيە ۋە مىسىر بىرلىشىپ ئىككى شەخسى شىركەتنى مىسىر ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسىنى ئىزدەشكە...
27-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 26-ماي، ئىئوردانىيەنىڭ ئوماندا ئىئوردانىيە خان جەمەتى پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ئىئوردانىيە مۇستەقىللىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. ئىئوردانىيە پادىشاھى، خانىش ۋە ئۈچ بالىسى تەبرىكلەش پائالىي...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 26- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندوېزىيە زۇڭتۇڭى 26- ماي جىددىي پەرمانغا ئىمزا قويۇپ، بالىلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى...
27-05-2016
    جۇڭگو ئاخبارات تورى 26-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكىلىق بىر قۇرۇلۇش ئىشچىسىغا بۇندىن تۆت يىل بۇرۇن بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 6.5 مىليون يۈەن) لاتارىيە مۇكاپاتى چىققان. بىراق ئارقىدىنلا ئۇنىڭ ئايالى ئې...
27-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، سىرىلانكا مۇقدىشو. ئۆتكەن نەچچە كۈندە مۇقدىشو ئۇدا ياغقان قارا يامغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ، قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتى نەچچە يۈز ئائىلىلىك كىشىنى يۇرت-ما...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ماي، ئىرېلاندىيەنىڭ دۇبلىن، 1916-يىلىدىكى پاسخا بايرىمى قوزغىلىڭىدا ۋاپات بولغان ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا، كانادانىڭ ئېرلاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋىككېرس (Kevin Vickers) تەر...
27-05-2016
خەلقئارا لىنىيە تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئوكرائىنا 112- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنى ئوكرائىنا بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، سابىق سوۋ...
27-05-2016
 خەلقئارا لىنىيە تورى 26-ماي خەۋىرى،نۇر تورى تەرجىمىسى:   ياپونىيە NHK ئاخبارات تورىنىڭ 26-ماي خەۋەر قىلىشىچە، 26-ماي چۈشتىن بۇرۇن G7 ئىسې شىما باشلىقلار يىغىنى ياپونىيەدە باشلانغان. ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو ئىسې مۇ...
Powered by Leglek