شىنجاڭدىكى ئۇلۇغ مەدەنىيەت قۇرۇلىشى -شىنجاڭ مەدەنىيەت خەزىنىسى

شىنخۇا تورى خەۋىرى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى .

نەچچە ئون نەپەر ھەرمىللەت مۇتەخەسىسى ،ئالىملار ۋە ئاپتونۇم رايون ئىچى ۋە سىرتىدىكى نەشىرىياتلارنىڭ تىرىشىشى نەتىجىسىدە ،شىنجاڭ تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ مەدەنىيەت ئۇلۇغ قۇرۇلىشى -شىنجاڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەر يېقىندا رەسمىي نەشىر قىلىندى .


مەدەنىيەت خەزىنىسى خەنزۇ ،ئۇيغۇر ،قازاق ،موڭغۇل ،قىرغىز ،شىبە يېزىقىدىن ئىبارەت ئالتە خىل يېزىقتا نەشىر قىلىنىپ پۈتۈن مەملىكەت ۋە دۇنياغا تارقتىلىدۇ ،تۈزگۈچىلەر ئەسەرلەرنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك يۇقىرى سۈپەتلىك ،يۇقىرى سەۋىيەلىك بۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ،شىنجاڭنىڭ نەچچە مىڭ پارچە مەدەنىيەت ئەسەرلىرى ئىچىدىن ياخشى ئەسەرلەرنى تاللاپ ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ ،قايتا رەتلەش ئارقىلىق،ئىككى تۈركۈم ئىككى يۈز نەچچە خىل ئەسەرلەر ئادالوگىنى تۈزىدى .

يېقىندا بۇنىڭ 26 تومى نەشىر قىلىندى .ئۇ قەدىمىي دەۋىردىكى غەربىي يۇرتتىن تارتىپ ،ھازىرقى شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تارىختىكى داڭلىق مەدەنىيەت ئىجادىيىتىگە ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۇنيانىڭ شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ سىرلىق تۇپراقنىڭ ئوخشىمىغان تارىخى دەۋرىدىكى تونۇشىغا ۋەكىللىك قىلالايدۇ .ھزاىر بېكىتىلگەن شىنجاڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىگە قۇتادغۇبىلىك ،جاڭغىر ،ماناس ،تۈركىي تىللار دىۋانى قاتارلىق شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ نادىر داڭلىق ئەسەرلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلدى ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ،چوڭ تىپتىكى تارىخى ئەدەبىي ئەسەر لەر ،ۋە ھەر خىل كىتاپتىكى شىنجاڭغا ئائىت مەزمۇنلارمۇ شىنجاڭ مەدەنىيتى خەزىنىسىگە كىرگۈزۈلدى .


بۇنىڭدىن باشقا يەنە تارىخى شەخىسلەر ،ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تارىخى ،خەلق ئەدەبىياتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان ئەسەرلەر مۇ ،شىنجاڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىگە كىرگۈزۈلدى .شىنجاڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىنى تۈزۈش ئارقىلىق قەدىمكى دەۋىردىكى غەربىي يۇرت ،ھازىرقى شىنجاڭنىڭ بۇرۇنقى دەۋىردىكى ،مەركىزىي خاندانلىق بىلەن بولغان مۇناسىۋېتى ،بۇرۇنقى جۇڭگودىكى ھەرقايسى سۇلالە دەۋرلەر ،شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ نەتىجىسى ئەكس ئەتتۈرۈلدى .شىنجاڭ مەدەنىيتى خەزىنىسىنىڭ تۈزۈلىشى ،يالغۇز شىنجاڭدىلا ئەمەس ،بەلكى دۆلىتىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىمۇ خېلى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ .شىنجاڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ نەشىر قىلىنىشىغا ،شىنجاڭ ئىلىم ساھەسى ،نەشرىيات ساھەسىدىكى نۇرغۇن مۇتەخەسىسى ئالىملارنىڭ قان تەرى سىڭدى .

40 تىن كۆپ ئالىم ۋە مۇتەخەسسىستىن تەشكىللەنگەن تەھرىر مۇتەخەسىسلەر قوشۇنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى 13 نەشىرىياتنى ئايرىم ھالدا نەشىر قىلىشقا ماسلاشتۇردى .

 


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نۇمۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
11-04-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    ئۆز مۇخبىرىمىز يۈسۈپچان ئەزىزى خەۋەر قىلىدۇ. 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىگە ئۈرۈمچى سەھران خەلقئارا سودا چەكلىك ...
28-05-2016
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
27-05-2016
    كورلا كەچلىك گېزىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 25-ماي مۇخبىر  ئوبلاست، شەھەرلىك يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى، دۆلەت يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا مېۋى...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان پەن-تېخنىكا ۋە مۇھىت مەركىزى يېقىندا ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى تەكشۈر...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسى سودا يىغىنى ۋە 6-نۆۋىتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسى بۈگۈن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاند...
24-05-2016
    ئامېرىكا پەن-تېخنىكا بىلوگى Quartz نىڭ خەلقئارالىق مەسلىھەتچىلىك شىركىتى McKinsey نىڭ تەتقىقاتىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، يېقىنقى 3 يىلدا تېز تاماق ئىستېمال قىلىدىغان جۇڭگولۇقلار %15 كېمەيگەن.     بۇ تەكشۈرۈش 201...
22-05-2016
2016-يىلى 18-ماي، ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيىسىدە «توقسۇ ناھىيەلىك گۆش كەپتىرى بېقىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە چوڭقۇر پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى» نىڭ قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.   &...
20-05-2016
    شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكە بازىرىغا يۈرۈش قىلىش، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھالدا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكى...
19-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 18-ماي، ئىتالىيە ناپلېس، شۇ جايدىكى پىسا ياسىغۇچى سودىگەر 2000 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پىسا ياساپ چىقىپ، 2015-يىلى يارىتىلغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان پىسا جىنىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى رې...
18-05-2016
    يېڭى مېۋىلەرنىڭ بازارغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر كىلوگىرام باناننىڭ باھاسى 4-5 يۈەنگە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.       5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يو...
Powered by Leglek