پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتىنىڭ 18-مارت خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئەكبەر تەرجىمىسى:
شىياڭگاڭدا پېيى بازارغا سېلىن لىفېڭ گۇرۇھى ئاگاھلاندۇرىشىچە، ئوبوروتنىڭ تارىيىشى جۇڭگو زاۋۇتلىرىنى داۋاملىق ھالسىرىتىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيا پارچە سېتىش بازىرى بۇ يىل داۋاملىق ئاجىزلايدىكەن. لىفېڭ ۋولمارت قاتارلىق دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرگە جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى تەمىنلەيدۇ.
دۇنيادىكى تىجارەت كۆلىمى ئەڭ چوڭ سېتىۋېلىش شىركىتى بولغان لىفېڭ شىركىتى بولسا دۇنيا سودا ۋەزىيىتى بىلەن جۇڭگو ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ بارومېتىرى. بازار مۇھىتى ئېغىر بولۇۋاتقان ۋەزىيەتتە، مەزكۇر شىركەتنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى پايدىسى ۋە تىجارەت سوممىسى بېسىمغا ئۇچرىدى.
لىفېڭ گۇرۇھىنىڭ 2015-يىلدىكى پايدىسى ۋە تىجارەت كىرىمىدە يەنە تۆۋەنلەش كۆرۈلدى، جەمەت يېتەكچىلىك قىلغان بۇ كارخانىنىڭ مەمۇرىي لېدىرى فېڭ يۈجۈن 17-مارت بىلدۈرۈپ:«دۇنيا ئىقتىسادى قارىماققا خىرىسقا تولغان، 2016-يىلى ئىستېمال تارماقلىرى داۋاملىق ئاجىزلىشىشى مۇمكىن، زاۋۇتنىڭ ئوبوروت تارىيىشى داۋاملىشىدۇ» دېدى.
لىفېڭ گۇرۇھىنىڭ 2015-يىللىق تىجارەت كىرىمى %2.4 تۆۋەنلەپ، 18 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولدى، پايچېكلارغا تەۋە ساپ پايدا %4.6 ئازلاپ، 421 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، تەھلىلچىلەرنىڭ مۆلچەرىدىن سەل يۇقىرى بولدى.
لىفېڭنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان فېڭ يۈجۈننىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2015-يىلى مەزكۇر شىركەتكە نىسبەتەن جاپالىق بىر يىل بولغان. لىفېڭ زاۋۇتلار بىلەن پارچە سېتىش سودىگەرلىرى ئارىسىدىكى ۋاسىتىچى بولۇشتەك ئەنئەنىۋى رولى تور سودىسىنىڭ تەرەققىياتى ھەمدە تېز سۈرئەتتە ئۆزگۈرۈۋاتقان ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved