ئاغزىغا كەلگەنچە يوغان گەپ قىلىشقا ئادەتلەنگەن ترۇمپ يەنە بىر قېتىم ئاغزىغا كەلگەنچە بىلجىرلاپ، چاۋشيەن يادرو مەسىلىسىنى سەۋەبسىزلا جۇڭگونىڭ زىممىسىگە ئارتىپ قويغان. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ 6- يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترۇمپ 6- يانۋار تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: جۇڭگو تەرەپ چوقۇم ئوتتۇرىغا چىقىپ، چاۋشىيەن يادرو سىنىقى پەيدا قىلغان بىر قاتار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك، بولمىسا ئامېرىكا جۇڭگوغا ئۆز تىلىنى چىشلىتىپ قويىدۇ.
بەزى تەھلىلچىلەر مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن: ئامېرىكا ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقىپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ۋاقىتتا چاۋشيەن يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋەزىپىسىنى جۇڭگوغا ئارتىپ قويىشى مۇۋاپىق ئەمەس. ئامېرىكا ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقداشلىق ئۇسۇلىغا تايىنىپ رايونى بىخەتەرلىكىنىڭ جان تومۇرىنى كونترول قىلىۋاتىدۇ، ئەمما ئىككى تەرەپلىك ياكى كۆپ تەرەپلىك رايون بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىمايدىغان جۇڭگودىن رايون بىخەتەرلكىگە مەسئۇل بولۇشنى تەلەپ قىلىش ھەرگىز ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس.
ترۇمپ باياناتىدا يەنە مۇنداق دېگەن: ناۋادا جۇڭگو بۇ مەسىلىنى ھەل قىلمىسا، ئامېرىكا ئۇلارنىڭ ئىمپورت سودىسىغا زەربە بېرىدۇ، مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، پەقەت ئىمپورت بېجىنى ئۆستۈرۈش ياكى جۇڭگو بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلىساقلا، جۇڭگو ئىككى مىنۇت ئىچىدىلا ۋەيران بولىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved