يەمەندىكى شىئە ئەنسارۇللاھ ھەرىكىتى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نەجران رايونىغا راكىتا ئاتقان بولۇپ، نەتىجىدە 1 بالا ئۆلۈپ، 9 كىشى يارىلاندى. سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي ئاخبارات ئاگېنتلىقى «س پ ئا» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەمەندىكى ئەنسارۇللاھ قوراللىقلىرى تەرىپىدىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جەنۇبى قىسمىدىكى نەجران رايونىغا راكىتا ئېتىلغان. راكىتا پۇقرالار ئولتۇراق رايونىدىكى بىر ئۆيگە چۈشكەن بولۇپ، نەتىجىدە بىر ئائىلىدىن 1 بالا ئۆلۈپ، 9 كىشى يارىلانغان.
يەمەندە ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى سىياسىي مۇقىمسىزلىق ھۆكۈم سۈرىۋاتقان بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستان رەھبەرلىكىدىكى بىرلەشمە قىسىم ئۆتكەن يىلى مارت ئېيىدا يەمەندىكى ھۆكۈمەت ئارمىيسى بىلەن توقۇنۇشىۋاتقان ئۆكتىچىلەرنىڭ كېڭىيىشىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved