سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئارمىيە تەرەپ باياناتچىسى 4-ئاپرېل، ئەگەر يەمەندىن مۇھاجىرلارنى چېكىندۈرىدىغان بولسا، قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى رەھبەرلىرىنىڭ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قېچىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ ماقۇللىقىنى ئىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كەسكىن بوران ناملىق ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ باياناتچىسى ئەخمەت كۈنلۈك ئۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: سەئۇدى ئەرەبىستانى باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيە مۇھاجىرلارنى چېكىندۈرۈش ھەرىكىتىگە ياردەملەشمەكتە، بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا، بىر قىسىم دۆلەتلەر مۇھاجىرلارنى چېكىندۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنداپ بولدى، ئۇندىن باشقا قىزىل كىرىست خەلقئارا كومىتېتىنىڭ قۇتقۇزۇش ئايروپىلانى 5-ئاپرېل يەمەنگە يېتىپ باردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved