زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتى باشلاندى

تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .ئاپتونوم رايونىمىز زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش قەسەمياد يىغىنى ئاچتى ،پارتىيە مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىرۇسىنىڭ ئەزاسى ،ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇ جىسى جاڭ چۈنشىيەن ،دۆلەت كومىسسارى جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى بوشىڭكۈن قەسەمياد يىغىنىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى ،ئۈرۈمچىنىڭ يىكەن كۆل مەيدانىدا تۇلۇق قوراللانغان ساقچى ئوفىستىر ئەسكەرلىرى روھلۇق قىياپەتتە سەپ تۈزۈپ تۇردى . ھەربىي ئاپتوموبىل ۋە بىرونىۋېكلار يولغا چىقىشقا تۇلۇق تەييارلاندى.

 

جاڭ چۈنشىيەن مۇنداق دېدى :‹ قەسەمياد يىغىنى ئېچىش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يول يورىقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ،زوراۋانلىق تېررورلۇق قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ،بىرلەشمە قوراللىق نازارەتنى كۈچەيتىش بۇلۇپ ، زوراۋانلىق تېررورلۇققا جىنايەتچىلىرىگە زەربە بېرىپ ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىپ ،شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئۇمۇملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىرادىمىزنى نامايان قىلىدۇ ›.

 

ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن كۈرەشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئازادلىق ئارمىيە ساقچى قىسىم ئوفىستىر ئەسكەرلىرى ،جامائەت خەۋەپسىزلىكى كادىر ساقچىلىرى ،خەلق ئەسكەرلىرى زاپاس قىسمى ۋە ئاممىۋى مۇداپىئە خادىملىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى .

 

جاڭ چۈنشىيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى :‹ھازىر شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى ، ھەر مىللەت ئىدىيىنى مۇستەھكەملەپ ،تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىپ ئىناقلىقنى گۈللەندۈرۈپ ،بەخىتلىك گۈزەل تۇرمۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە ،بىراق چېگرا ئىچى سىرتىدىكى ئۈچ خىل كۈچ ئارامىمىزنى بۇزۇپ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتىنى پىلانلىماقتا .

 

يېقىندىن بۇيان زوراۋان تېررورچىلار 30-ئاپرېل ،22-ماي قاتارلىق ئېغىر زوراۋانلىق تېررورلۇق دېلوسىنى سادىر قىلىپ ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھاياتىي مال مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى .زوراۋان تېرورچىلارنىڭ ئەسەبىي ،ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىلمىشى ھەممەيلەننىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ .

 

ئۇلار ئىنسانىيەتكە جەمئىيەتكە قارشى رەزىل ماھىيىتىنى ئېچىپ بەردى ،ئۇلارغا كەڭ قورساقلىق قىلىش خەلققە نىسبەتەن جىنايەت ئۆتكۈزگەنگە باراۋەر ،ئۇلارنىڭ مەقسىتى قورقۇنۇچلۇق كەيپىيات پەيدا قىلىپ جەمئىيەتنى قالايمىقان قىلىش ،ئاخىرىدا شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىپ چىقىشتىن ئىبارەت .بۇنىڭغا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ھەرگىز قوشۇلمايدۇ ، بىز چوقۇم قەتئىي كەڭ قورساقلىق قىلماسلىق پوزىتسىيىسى بىلەن قاتتىق قول بۇلۇپ زوراۋانلىق تېررورلۇق قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىپ ،دۈشمەنلەرنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇپ ،ھەيۋىمىزنى كۆرسىتىپ ،جەمئىيەت ئامانلىقىنى نامايان قىلىپ ،خەلقنى خاتىرجەم قىلىشىمىز لازىم ›.

 

جاڭ چۈنشىيەن ئازادلىق ئارمىيە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر ئەسكەرلىرى ،جامائەت خەۋپسىزلىك كادىر ساقچىلىرى قاتارلىق مۇقىملىقنى قوغداش كۈچلىرىدىن مۇنۇلارنى ئۈمىت قىلدى :‹قەيسەرلىك بىلەن قاتتىق زەربە بېرىپ ،دۈشمەن كۈچلەرنى دەرھال بايقاپ ،تېز تۇتۇپ چىقىپ ،قاتتىق جازالاپ ،قاتتىق جازالاشنىڭ يۇقىرى بېسىملىق ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈش ،كۆزنى يوغان ئېچىپ قاتتىق قول بۇلۇپ ،دۈشمەن قەيەردە باش كۆتۈرسە شۇ يەردە زەربە بېرىپ تۇرۇش لازىم .

 

ئۆزئارا زىچ ماسلىشىپ ،ھەمكارلىشىپ ،قوراللىق چارلاشنى كۈچەيتىپ ھوشيارلىقنى ئاشۇرۇپ ،ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش ئاساسىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ ،خەلقنى سۆيۈپ ئىنتىزامنى چىڭىتىپ ،قانۇننى مەدەنىي ئىجرا قىلىپ ياخشى بولغان ئىستىل ئارقىلىق ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى پۇختىلاشنىڭ ئاممىۋىي ئاساسىنى چىڭىتىش لازىم ›.

 

قەسەمياد يىغىنىدا بو شىڭكۈن مۇھىم سۆز قىلدى ،ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى ،جۇخەيلۈن ،بەي جىجيې ،جۇ چاڭجيې قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى .قوراللىق ساقچى قىسىم باش شتابىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى پەن چاڭجيې ،قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ قوماندانى گو لۇتەي بۇ يىغىنغا قاتناشتى .ئارقىدىن ھەربىي ئاپتوموبىل ،بىرونىۋېك كوچىلارنى بويلاپ مېڭىپ ،قوراللىق ساقچى قىسىم ئەترىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئىرادىسى ۋە كۈچلۈك ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى خاتىرجەم قىلدى .

 

ئاپتونوم رايون 5-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن تېلېۋىزىيىلىك تېلېفون يىغىنى ئېچىپ ،شىنجاڭدا زوراۋانلىق تېررورلۇق قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى .ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەركەزنىڭ قۇشۇلىىشى دۆلەت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ قارارىغا ئاساسەن شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش كەسكىن ۋەزىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ،شۇ كۈندىن باشلاپ 2015-يىلى 6-ئايغىچە شىنجاڭدا زوراۋانلىق تېررورلۇق قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ ،زوراۋان تېرورچىلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇپ ،ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھاياتىي مال -مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ نورمال تەرتىپىنى قوغداشنى قارار قىلدى . ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇ جىسى شىڭ شۈەنگو مۇنداق دېدى :

 

‹يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭدا زوراۋانلىق تېررورلۇق دېلولىرى كۆپ يۈز بېرىپ ،شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا ئەڭ بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئاپەت بۇلۇپ قالدى ،ئۈزۈمچى شەھىرىدىكى 22-ماي دېلوسىنىڭ يۈز بېرىشى شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى زوراۋان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن كەسكىن مۇرەككەپلىكىنى يەنە بىر قېتىم چۈشەندۈرۈپ مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ زوراۋان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ھۆكۈمىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى .مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى تەلىپىگە ئاساسەن ئاپتونوم رايونىمىز بىر يىل داۋاملىشىدىغان زوراۋان تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى باشلىدى .

 

پۈتۈن خەلقنى سەپەرۋەر قىلىپ ،ئەڭ قاتتىق تەدبىر ،ئەڭ قاتتىق ئۇسۇلنى قوللىنىپ زوراۋان تېرورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ دۈشمەنلەرنىڭ ھەرىكىتىنى ، دۈشمەنلەرنىڭ تەشكىلاتلىرىنى بىتچىت قىلىپ ،دۈشمەنلەرنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرشىمىز ،ھەيۋىمىزنى كۆرسىتىپ ،جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقىنى نامايان قىلىپ ،شىنجاڭ خەلقىنى خاتىرجەم قىلىشىمىز لازىم . مەخسۇس ھەرىكەت داۋامىدا ئاپتونوم رايونىمىز ھەر تەرەپلىمە ھەرىكەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ قانۇن بۇيىچە زەربە بېرىش ، نۇقتىلىق تەرتىپكە سېلىش قەتئىي ئالدىنى ئېلىش مىخانىزم قۇرلىشى ،جامائەت پىكىر تەشۋىقاتى قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ،سىياسىي قانۇن ئورگانلىرى ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ رولىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ ،تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مۇقىملىقنى قوغداش بىرلەشمە كۈچى ھاسىل قىلىپ ،قاتتىق زەربە بېرىپ زوراۋانلىق تېررورلۇق شايكىسى ۋە دىنىي ئەسەبىي شايكىلار قورال ياساش قارا ئۇۋىلىرى ،تېررورلۇق مەشىقى قارا ئۇۋىسى ھەمدە جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزۈدىغان زوراۋانلار تېررورچىلار ۋە دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنى ،زوراۋانلىق تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىي قىلمىش سادىر قىلىپ قېچىپ يۈرگەنلەرنى بىرنى بايقىغان ھامان بىرگە زەربە بېرىپ قاتتىق جازالايدۇ .

 

شۇنىڭ بىلەن بىرگە تېررورلۇققا دىنىي ئەسەبىيلىككە چېتىشلىق نۇقتىلىق كىشىلەرنى قاتتىق باشقۇرۇپ زوراۋانلىق تېررورلۇق قىلمىشىغا چېتىشلىق جەمئىيەت ئامانلىقى مەسىلىلىرىنى نۇقتىلىق يېزا بازار كەنتلەرنى تۈزەپ ،قاتتىق زەربە بېرىدىغان ، قاتتىق كونترول قىلىدىغان ،قاتتىق ئالدىنى ئالدىغان ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ ،زوراۋانلار تېررورچىلار ۋە دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنى يولدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر ئۇرغا قالغاندەك ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ . زوراۋانلىق تېررورلۇق قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ،زوراۋانلىق تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىي كۈچلىرىنىڭ ئىچكىرىگە يامرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ،ئۇمۇملىقى ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ ، شىڭ شۈەنگو مۇنداق دېدى :

 

‹نۆۋەتتىكى كەسكىن مۇرەككەپ مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتى زوراۋانلىق تېررورلۇق قىلمىشىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ ،زوراۋان تېرورچىلارنىڭ ھەيۋىسىنى چاقماق تېزلىكىدە قەتئىي يەرگە ئۇرۇش لازىم .رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ ھەمكارلىشىپ ،تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتتىق زەربە بېرىش كۈرىشىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش لازىم .بۇ قېتىمقى زوراۋانلىق تېررورلۇق قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشى شۇنداقلا نۆۋەتتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە ›.

 

 

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
26-05-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: تەڭرىتاغ تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-02-2016
   قوغۇن نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان تەمى تاتلىق مېۋە، ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ خاسىيەتلىك رولىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ، قوغۇن ئورۇقلىتىش، ئاپتاپتىن ساقلاش رولىغا ئىگە بۇلۇپلا قالماي يەنە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلىنىڭ ئالد...
06-02-2016
     دائىم سېغىز چايناپ بەرگەندە شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئېغىز بوشلۇقى ۋە چىشنى تازىلىغىلى بولىدۇ. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر سېغىز چايناشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ.    1....
05-02-2016
      CNBC تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت نىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مىقدارلاشقان تاۋار باھاسى (بولۇپمۇ شىكەر) شىددەتلىك چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن، بۇ يىل يىل بېشىدا دۇنيا ئاشلىق باھاسى يېقىنقى يەتتە يىلدىكى تۆۋ...
05-02-2016
       كۈندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشلەر يېمەكلىكلەرنى گېزىت-ژۇرناللارغا ئوراپ قويىدۇ، ئەمما بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق. ئادەتتە گېزىت-ژۇرناللارغا ئىشلىتىلىدىغان باسما مېيى نۇرغۇنلىغان خلور بىلەن بېنزول بىرىكمىس...
04-02-2016
     يېقىندىن بۇيان، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى يەرلىكنىڭ كېسەلدىن ساقلىنىش، داۋالاش، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى تېزلىتىپ، يودلۇق تۇز بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى 1997-يىلىدىكى 19 پىرسەنتتىن ھازىرقى 98.7 پىرسەنتكە يەتكۈزۈپ، چەت، يىر...
01-02-2016
1. پىياز يەر بىلەن بىۋاسىتە تېگىشمەسلىكى، چوقۇم تاختا ياكى پاخال قويۇش كېرەك. 2. ئەگەر پىياز تەبىئىي قۇرۇسا، تاشقى پوستى پارقىراق، داغ ئاز بولىدۇ، ئىسكىلاتتا ساقلىغاندا بىر دۆۋە بىلەن يەنە بىر دۆۋە، بىر خالتا بىلەن يەنە بىر خالتا ئ...
30-01-2016
ئىسمى:ئېمۇ قۇشى  مەلھىمى تىپى: تېرە سىلىقلاش ئاقارتىش مەلھىمى ئىشلەپچىقىرىلغان رايون : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ھالىتى ۋە تەركىبى  : ئاق رەڭلىك مەلھەم ، ئۆزگىچە پۇراقلىق . تەركىبى ئېمۇ قۇشى مېيى ، ۋىتامىن E ۋە ئىئ...
29-01-2016
ئىسمى:panadol تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى مىقدارى:20ml ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە ئىشلىتىش ئۇسۇلى: 1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
29-01-2016
         تەييار چۆپنىڭ قانچە خىل يېيىش ئۇسۇلى بار؟  بىرخىل، ئىككى خىل، جىق بولغاندا ئۇچ خىل بولا. ياق، ياق، تايلاندلىقلار تەييار چۆپ يېيىشنى ۋايىغا يەتكۈزگەن، ئىشەنمەمسىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى سۈرەتلەرنى كۆرۈڭ...
27-01-2016
ئىسمى:MACA تىپى:بۆرەك قۇۋۋەتلەش تابلىتى مىقدارى:100تال ساقلاش مۇددىتى:36ئاي ئىشلەنگەن دۆلەت : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ماس كېلىش ئوبيېكتى : مەزكۇر مەھسۇلات ئاۋسترالىيەنىڭ بۇلغانمىغان تەبىئىي ھالەتتى...
Powered by Leglek