2015-يىلى «ئۆلۈپ كەتكەن» پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى

     ئۆتۈپ كەتكەن 2015-يىلىدا بەزى پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، ئەلۋەتتە يەنە بىر قىسىم پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى مەغلۇب بولدى، بەزىلىرى رىقابەتكە بەرداشلىق بېرەلمىدى، بەزىلىرىنىڭ تەلىيى كاج كېلىپ قالدى. بىر قىسىم شىركەتلەرگە مۇنەۋۋەر مەھسۇلاتلار ئارقا تىرەك بولدى، بەزى شىركەتلەرنىڭ كەسپى ئەندىزىسىنى داۋاملاشتۇرۇشى قىيىنغا توختىدى. تۆۋەندە بىز 2015-يىلى«ئۆلۈپ كەتكەن» پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتەيلى. «ئۆلۈپ كەتكەن» دېگەنلىك بۇ تېخنىكىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى، ياكى «ھاياتلىق» نىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىغا بېرىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، قايتىدىن ئوراپ قاچىلانغان ياكى دەرىجىسى ئاشۇرۇلغان مەھسۇلاتلار بۇنىڭ ئىچىگە كىرمەيدۇ، مەسىلەن گۇگۇل كۆز ئەينىكى.

   تۆۋەندە بىز 2015-يىلى «ئۆلۈپ كەتكەن» پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتەيلى:



1، Windows RT  


Windows 8 نىڭ مەغلۇبىيىتى ئانچە چوڭ ئەمەس، يامان بولغىنى Windows RT  . Windows RT مەخسۇس سەرپىياتى تۆۋەن، ئەرزان باھالىق تاختىلىق كومپيۇتېرلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن كومپيۇتېر سىستېمىسى، ئۇ مۇكەممەل نەشردىكى Windows 8 سىستېمىسى ئەمەس. ئىقتىدارىدىن قارىغاندا Windows RT نىڭ يۇمشاق دېتاللار بىلەن ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك ئەمەس. 2013-يىلى Windows RT ئېچىشتىن توختالدى، بۇ يىل 2-ئايدا Surface 2 رەسمىي «ئۆلدى» ،بۇنىڭلىق بىلەن Windows RT مۇ «ئۆلدى» دېگەن سۆز. مىكروسوفت شىركىتى 2018-يىلى بارلىق Windows RT مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا قوللاشنى توختاتماقچى.



2، يەڭگۈشلىنىشچان باتارىيە (1954-2015)

ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات دۇنياغا كەلگەن تۇنجى كۈنىدىن باشلاپلا، كىشىلەر باتارىيە ئىقتىدارىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىدىن ئاغرىنىپ كەلگەن ئىدى. ئالما يېپىق ھالەتتە بولۇپ، ئالماشتۇرغىلى بولمايدىغان باتارىيەنىڭ باشلامچىسى، بىرىنچى ئەۋلاد iPhone ۋە MacBook Air دۇنياغا كەلگەندىن باشلاپلا ئالماشتۇرغىلى بولمايدىغان باتارىيە ئىشلىتىپ كەلگەن، بۇ ئادەت ھازىرغىچە ئۆزگەرمىدى. ئىستېمالچىلار ئاغرىنىپ باقتى، لېكىن ئالماشتۇرغىلى بولمايدىغان باتارىيە ئورنىتىش ھەقىقەتەن ئۈسكۈنىنىڭ تېخىمۇ يېنىك، نېپىز بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئالماشتۇرغىلى بولمايدىغان باتارىيە ئىشلەتكەن پەقەت ئالما شىركىتىلا ئەمەس، باشقا كارخانىلارمۇ بەس-بەستە بۇخىلدىكى باتارىيەنى ئىشلەتمەكتە، ھەتتا سامسۇڭنىڭ Galaxy Note يانفونلىرىمۇ بۇخىلدىكى باتارىيەنى ئىشلەتمەكتە. ئاساسىي ئېقىمدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلار ئىچىدە پەقەت LG لا ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان باتارىيە ئىشلىتىۋاتىدۇ.



3، IE تور كۆرگۈچ (1995-2015)

1995-يىلى مىكروسوفت IE نى ئېلان قىلىپ Netscape غا تاقابىل تۇردى، ئىلگىرى IE تور كۆرگۈچ % 90 لىك بازار ئۈلۈشىنى ئىگىلىگەن ئىدى، 2009-يىلىغىچە يەنىلا % 60 لىك بازار ئۈلۈشىنى ئىگىلەپ كەلگەن ئىدى. Chrome نىڭ بىردىنلا پەيدا بولۇشى ۋە Safari نىڭ قەدەممۇ-قەدەم قىستاپ كېلىشى بىلەن، IE ھالاكەت يولىغا كېلىپ قالدى، لېكىن IE نىڭ ھەقىقىي «قاتىلى» مىكروسوفتنىڭ ئۆزى. مىكروسوفت ئاللىقاچان IE دىن ۋاز كېچىپ بىرلا ئۆرۈلۈپ Edge نى ئېلان قىلدى، ئۇ IE دىن مۇستەقىل خىزمەت قىلىدۇ، Edge تور كۆرگۈچ بولسا كەلگۈسىدە Windows نىڭ سۈكۈتتىكى تور كۆرگۈچىسى بولۇپ قالىدۇ.



4 ، iPhone 5c  

بەزى مەھسۇلاتلار بىراقلا ئۆلۈپ كەتتى، لېكىن ئۇ ئاستا-ئاستا ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى. iPhone 5C ئۆلۈمى مېنى چوڭقۇر ئويلاندۇردى، چۈنكى ئۇ ناھايىتى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە، ئالمىنىڭ مەغلۇبىيىتى كۆپ كۆرۈلمەيدۇ، iPhone 5C نىڭ بازار تەرىپىدىن سىقىپ چىقىرىلىشى ئالمىنىڭ بۇ بازاردا رىقابەتلىشىشكە ئامالسىز قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئالما iPhone 5C ئارقىلىق تۆۋەن سەپلىمىلىك ئەقلىيفۇن بازىرىنى كونترول قىلماقچى بولغان ئىدى، 2015-يىلى 5s نى بازارغا سالغان ۋاقىتتا 5C نىمۇ بىرگە بازارغا سالغان ئىدى. بۇ چاغدا تەنقىدچىلەر كۆپ بولۇپ، ئىستېمالچىلار ئېتىراپ قىلمىغان ئىدى، بۇ يىل iPhone 6s بازارغا سېلىنغاندا 6c نىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمىدى.

5، يانفوننىڭ ئىككى يىللىق يۈرۈشلۈك توختام مۇلازىمىتى (1995-2015)

    دۆلەت ئىچىدە، يانفوننىڭ ئىككى يىللىق يۈرۈشلۈك توختام مۇلازىمىتى تېخى ئۆلمىدى، بىراق ئامېرىكىدا ئاللىقاچان ئۆلدى. 2013-يىلى T-Mobile ئالدى بىلەن ئىككى يىللىق يۈرۈشلۈك توختام مۇلازىمىتىدىن ۋاز كەچتى، بىر يىلدىن كېيىن Verizon ۋە Sprint مۇ ۋاز كەچتى، بۇيىل AT & T مۇ شۇنداق قىلدى. دۆلەت ئىچىدىكى تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭمۇ ھەرىكەتكە كېلىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدىمۇ-قانداق؟



6، ئامازوننىڭ Fire يانفونى (2014-2015)

Jeff Bezos (ئامازون شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى) نەشرىيات كەسپىنى بويسۇندۇردى، پارچە سېتىش كەسپىنى بويسۇندۇردى  ،بۇلۇت مۇلازىمىتىنى بويسۇندۇردى، لېكىن ئۇ يانفون كەسپىنى بويسۇندۇرالمىدى. 2014-يىلى ئامازون يانفون بازىرىغا كىرىپ، ئۆزىنىڭ تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، بىراق ئۇ ئامازوننىڭ ئەڭ ئاخىرقى يانفونى بولۇپ قالدى. بۇ يانفون نىيىتىنى قاتتىق بۇزغان بولۇپ، ئۇ ئامازوننىڭ بارلىق مەھسۇلاتلىرىنى بىرىكتۈرمەكچى بولغان، ئۇ Android نىڭ تېخىمۇ «ئۆلچەملىك» بولغان ئىقتىدارلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى، بىراق يانفون بولسا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىستېمالغا ئىشلىتىلىدۇ، بۇ يانفوننىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىپادىسى ناچار بولدى، ئۇنىڭ ئۆزگىچە ئىقتىدارلىرىمۇ مۇكەممەل ئەمەس بولۇپ، نەتىجىسى بىر يىلدىن كېيىنكى «ئۆلۈم» بىلەن ئاخىرلاشتى.


7، Windows Media Center

Windows Media Center بولسا Windows XP بىلەن بىللە بازارغا سېلىنغان، ئۇنىڭ خىيالى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، كۆپ ۋاسىتىلىك كومپيۇتېرنى تېلېۋىزورنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەكچى بولغان، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر مەسىلىگە دۇچ كەلدى، ھېچكىم كومپيۇتېرىدا تېلېۋىزور كۆرۈشنى خالىمىدى، يەنە كومپيۇتېرىنىمۇ مېھمانخانا ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرىدىغانلار چىقمىدى. 2009-مىكروسوفت Media Center نى ئېچىشنى توختىتىشنى قارار قىلدى. Windows 10 ئېلان قىلىنغاندا بولسا مىكروسوفت Windows Media Center نىڭ «ئۆلگەنلىكى» نى رەسمىي جاكارلىدى.



8، ئامازون شىركىتىنىڭ Wallet مۇلازىمىتى (2014-2015)

Wallet مۇلازىمىتىنىڭ ئامازون شىركىتىگە سالغان زىيىنى يانفون كەسپىدەك چوڭ بولمىدى، ئۇ ئەڭ دەسلەپتە بىزگە ياردەملىشىپ، پارچە سېتىش سودىگەرلىرىنىڭ سوۋغات كارتىسى ۋە ئەزالىق كارتىسىنى يىغىپ ساقلاپ بېرەتتى. ئۇ يەنە ئامازوندا ئىشلىتىلىدىغان ئىناۋەتلىك كارتا ۋە كىرېدىت كارتىسىنى باشقۇرۇپ بېرەتتى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى سىز ئۇنى ئىشلىتىپ مال سېتىۋېلىش مەقسىتىگە يېتەلمەيسىز، ھېچبولمىغاندا يېڭى بازارغا سېلىنغاندا شۇنداق ئىدى. ھازىر سىز ئامازوندىن Wallet مۇلازىمىتىنى ئىزدىسىڭىز سىزگە پەقەت ئادەتتىكى پورتمال مۇلازىمىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.


Ebay Now، 9

Ebay ئەسلىدە مىقدارىلىق مەھسۇلات سېتىش مۇلازىمىتى ئىدى، بۇ دەل ئۇنىڭ نامىنىڭ چوڭ بولۇشىنىڭ سەۋەبى ئىدى. ئۇ قانداق قىلىپ يۇقىرى دەرىجىلىك پارچە سېتىش سودىگەرلىرى بىلەن رىقابەتلىشەلەيدۇ؟ Ebay نىڭ خىيالىچە بولغاندا Ebay Now بولسىلا يېتەرلىك بولاتتى. Ebay Now بىر يۈرۈش مال يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى، ئۇ مۇددەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا، پارچە سېتىش سودىگەرلىرىدىن پوسۇلكا ئېلىپ خېرىدارغا توشۇيتتى، ھەر بىر قېتىمغا 5 ئامېرىكا دوللىرى ھەق ئالاتتى. ئەسلىدە پىلان بويىچە 2014-يىلى ئامېرىكىنىڭ 25 شەھىرىنى مۇلازىمەت بىلەن قاپلاشنى پىلان قىلغان ئىدى، لېكىن ئاخىرىدا نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى، بۇ يىل ئۇ بىراقلا ھەممە مۇلازىمەتنى توختاتتى.


10، Secret

Secret بولسا بىر خىل ئەپ، ئۇ باشقىلار بىلەن نامسىز ئالاقىلىشىشكە ئىشلىتىلىدۇ، ئاڭلىماققا ھېچقانداق خاتاسى يوق، ئومۇمىي يۈرۈشتۈرۈلگەن مەبلەغ 35 مىليون دوللار بولۇپ، ناھايىتى تېزلا 15 مىليون ئابۇنتقا ئىگە بولغان. كېيىن مەسىلە پەيدا بولدى، توردىكى قاقتى-سوقتى قىلىشنىڭ ئاخىرى ئۈزۈلمىدى، شىركەت بۇ مەسىلىنى تولۇق ھەل قىلالمىدى. «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» دە مۇنداق دەپ قارالدى، ئەگەر ئابۇنتلارنىڭ سالاھىيىتى دەللىللەنمىسە، ئابۇنتلارنىڭ ھەقىقىي ئېشىشى مۇمكىن بولماي قالىدۇ، دەرۋەقە ئابونتلار ئازلاپ كەتتى. Secret بولسا 4-ئايدا 15 ئايلىق مۇلازىمەتتىن كېيىن رەسمىي تاقالدى.



خەتكۈچلەر:
05-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سامسۇڭنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى تاقىما ئۈسكۈنىسى-Gear Fit 2 بۈگۈندىن باشلاپ پارچە سېتىش دۇكانلىرىغا رەسمىي كىرگۈزۈلىدىكەن.  ...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو ليەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ 2- نۆۋەتلىك يەر شارى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى شۇ جاي ۋاقتى 9- ئىيۇن سان فرانسىسكو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى،...
28-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئالەم قاتنىشى يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئەھۋالىدىن تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، دۆلەت مۇداپىيە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسىنىڭ ئىنژىنېرى، دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باش كا...
28-05-2016
    ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئادىداس گېرمانىيەدە SpeedFactory ناملىق پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك زاۋۇتنى سىناق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئادىداس ئاخىرى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئاغدۇرۇۋىتەلەيدىغان گېر...
28-05-2016
    تۈنۈگۈن تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بەيدۇ  ۋە سوگۇ كىرگۈزگۈچى تورغا ئۇلاقلىق ئەھۋالدا ئىشلەتكۈچىلەر ئۇرغان خەت ئۇچۇرىنى مۇلازىمېتىرغا يوللاپ بېرىدىكەن ھەمدە ھەممىسىنى ئاشكارا يوللاپ بېرىدىكەن. بۇ خاككېرلارنىڭ ئىشلەتكۈچ...
28-05-2016
    تېڭشۈن تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئىككى يىل ئىلگىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى ئالاقە كومىتېتى قانۇنسىز يان تېلېفون سىگنالىغا كاشىلا قىلغۇچنى ساتقان جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات ياساش سودىگىرى CTS پەن-تېخنىكا شىر...
28-05-2016
     تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى chi wei شىركىتى يېڭىدىن windows 10/android5.1 قوللايدىغان قوش سىستېمىلىق تاختا كومپيۇتېر ئېلان قىلغان بولۇپ، HiBook Pro تاختا كومپيۇتېرىغا ئاليۇمىن مېتاللار ئىشلىت...
28-05-2016
1991T تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     IDC نىڭ ئەڭ يېڭى پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، 2019-يىلىغا بارغاندا زور سانلىق مەلۇمات ۋە كەسپىي ئانالىزنىڭ يىللىق كىرىمى 2015-يىلدىكى 112 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 187 مىل...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە گېرمانىيەلىك ئالىملار بىر خىل سۈنئىي نېرۋا سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ماشىنا ئاد...
28-05-2016
سىنا تورى پەن تېخنىكا قانىلىنىڭ 27-ماي چۈشتىن كېيىنكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى     5-ئاينىڭ 27-كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىسىتىرلىقى ئېلان قىلغان تېلېگراف مۇلازىمەت سۈپىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا كۆ...
Powered by Leglek