بېل گايتىس 2015-يىلىدىكى كىتاب ئوقۇش خاتىرىسىدىن ئالتە كىتابنى تەۋسىيە قىلدى

مىكروسوفىتنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى بېل گايتىس ئالدىنقى ھەپتە شەخسىي تور بېكىتىدە 2015-يىلى ئوقۇغان كىتابلىرىنى ئەسلەپ، ئورتاق نۇقتىلىرىنى تەھلىل قىلىپ، ئەڭ ئوقۇشقا تېگىشلىك ئالتە كىتابنى تەۋسىيە قىلغان.

تېڭشۈن پەن-تېخنىكىسى ئۇچۇرى (ئوكيان تورىدىن راھىلە تەرجىمىسى)

مىكروسوفىتنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى بېل گايتىس ئالدىنقى ھەپتە شەخسىي تور بېكىتىدە 2015-يىلى ئوقۇغان كىتابلىرىنى ئەسلەپ، ئورتاق نۇقتىلىرىنى تەھلىل قىلىپ، ئەڭ ئوقۇشقا تېگىشلىك ئالتە كىتابنى تەۋسىيە قىلغان.

بېل گايتىس ئۆتكەن بىر يىلدا ئوقۇغان كىتابلىرىدا «قانداق قىلغاندا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش ئورتاق ئالاھىدىلىك بارلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قىسىمى رېئال دۇنياغا، مەسلەن پولات بىلەن ئەينەك قانداق ئىشلىنىدۇ، ئىنسانلاردىكى ئەجەللىك كېسەللىكلەرنى قانداق داۋالايمىز دېگەندەك مەزمۇنلارغا ئالاقىدار بولسا، يەنە بىر قىسىمى ئادەمنىڭ ئۆزىگە قارىتىلغان بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە نۇقسانلىرى، پۈتۈن ئۆمرىدىكى ئىقتىدارى، شۇنداقلا قىممەت قارىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

تۆۋەندىكىلەر بېل گايتىس 2015-يىلى ئوقۇشقا تەۋسىيە قىلغان ئالتە پارچە كىتاب:

1. «The Road to Character»  «خاراكتېر يولى»

ئاپتورى: داۋىد بروكىس (David Brooks)

نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ مەخسۇس ستون يازغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن باھا بەرسەم، بروكىس بۇ كىتابىدا پۈتۈنلەي قارىمۇقارشى بولغان قىممەت قاراشىنى تەتقىق قىلغان. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا جەمىئيىتى تاشقى جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى ئەۋزەللىككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن، بىراق قەلب تىنىچلىقىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمىگەن. ئاپتور يەنە نۇرغۇن تارىخىي شەخىسلەرنىڭ پەزىلىتىنى تەھلىل قىلغان. گايتىسنىڭ قارىشىچە، 2-دۇنيا ئۇرۇش مەزگىلىدىكى جورج مارشالغا مۇناسىۋەتلىك بۆلەكلەر كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان بولۇپ، ياخشى تۇرمۇش زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ دېگەندەك مەسلىلەر تەھلىل قىلىنغان بۇ كىتاب دەرۋەقە كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالغان.

2. «Thing Explainer: Complicated Stuff in Simple words»

 «شەيئىلەرنىڭ ئىزاھاتى: مۇرەككەپنى ئاددىيلاشتۇرۇش»

ئاپتورى: راندال مونرو (Randall Munroe)

مونرو كەڭ تارقالغان ھەجۋىي رەسىم XKCD نىڭ ئاپتورى. گايتىسنىڭ قارىشىچە، بۇ كىتاب كىشلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدىكەن، كىتابتا يەنە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان 1000 سۆزلۈك ۋە ئۆلچەملىك ئىنگلىزتىلى گىرامماتىكىسى ئارقىلىق بارلىق شەيئىلەرنى چۈشەندۈرگەن، مەسىلەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بىلەن ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنى. ئەگەر مۇرەككەپنى ئاددىيلاشتۇرۇپ چۈشەنمىسەك، ئۇنداقتا شەيئىلەرنى ھەقىقىي چۈشەنگەن بولمايمىز.

3.«Being Nixon: A Man Divided»

«نىكسونغا ئايلانماق: بۆلۈنگەن ئەر»

ئاپتورى: ئېۋىن توماس (Evan Thomas)

ئامېرىكىنىڭ سابىق پرىزدېنتى نىكسوننىڭ ئالدامچى ۋە ئۇرۇشخۇمار دەپ نامى بار بولسىمۇ، بىراق توماس بۇ كىتابىدا نىسبەتەن ئوبيېكتىپ باھا بەرگەن. توماس نىكسوننى پەقەت پرىزدېنتلىق سۈپىتى بىلەن تەسۋىرلەپ قالماستىن، ھايات مۇساپىسىدىكى ھەرقايسى باسقۇچلىرىغىمۇ باھا بېرىپ، باشقىلارغا بۇ ئەقىللىق، زىدىيەتلىك، نۇقسانى ئېنىق شەخىسنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى چۈشەندۈرگەن.

4.«Sustainable Materials with Both Eyes Open»

«سىجىل پايدىلانغىلى بولىدىغان ماتېرىيال»

ئاپتورى: جۇلىيا ئەلۋود (Julian M.Allowod)،

جونسون كۇللېن (  (Jonathan Cullen

بىز قانچىلىك مىقداردا ياساش ۋە ماتېرىيال ئىشلىتىش جەريانىدىكى كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتالايمىز؟ بۇ كىتابتا ئېيتىلىشىچە، كامبىرىج ئۇنۋېرىستېتىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ قارىشىچە، جىق ئىش قىلغىلى بولمايدىكەن. بۇ گۇرۇپپا ئىنسانلار ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان پولات بىلەن ئاليۇمىننى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق قانداق قىلغاندا ئىنسانلارنى زور بەدەل تۆلەتمەي، كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارىنى %50 ئازايتقىلى بولىدىغانلىقىغا چۈشەنچە بەرگەن. بۇ كىتاب كىشىنى زېرىكىشلىك ھېس قىلدۇرسىمۇ، ئاپتورلار ئامال بار ئوڭاي سۆزلەر بىلەن چۈشىنىشلىك ئىپادىلىگەن. گايتىس بۇ كىتابتىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

5. «Eradication: Ridding the World of Diseases Forever»

«يىلتىزىدىن يوقىتىش: مەڭگۈ كېسەلدىن خالىي دۇنيا»

ئاپتورى: نەنسى سىتىپېن (Nancy Leys Stepan)

سىتىپېن ئىنسانلارنىڭ كېسەللىك تارىخىنى تونۇشتۇرۇپ، بۇ خىزمەتكە چېتىلىدىغان ھەرقايسى دائىرىلەرنى چۈشىنىشكە ياردەملىشىپ سىناپ بېقىلغان، ئەمما مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق مەغلۇبىيەتتىن قانداق ساۋاق ئېلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. كىتابنىڭ ئىلمىيلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئوقۇغاندا قىيىن تۇيۇلىشى مۇمكىن، لېكىن بۇ كىتاب ئارقىلىق قانداق قىلىپ بۇرۇنقى تەجرىبە بىلەن كەلگۈسىنى يېتەكلەپ، شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ بولغان ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇشنى چۈشەنگىلى بولىدىكەن.

6.«Mindset: The New Psychology of success»

«تەپەككۇر ئەندىزىسى: يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىك پىسخولوگىيە»

ئاپتورى: كارول دىۋىك (Carol S.Dweck)

بۇ كىتاب نەچچە يىل بۇرۇنلا گايتىسنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، بۇ مىلەندا-گايتىس فوندىنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى خىزمىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن. دىۋىك ئىنتايىن ئۆتكۈرلۈك بىلەن ئېلىنغان تەتقىق مىسالى ۋە چۈشىنىشلىك يېزىقچىلىق ئۇسلۇبتا يېزىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا بولغان ئىشەنچنىڭ ئۆگىنىش ۋە كىشلەرگە زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقنى ئىپادىلىگەن. كىتابنى مائارىپ ساھەسىدىكىلەرنىڭلا ئەمەس، قابىلىيەت يېتىشتۈرۈشنى ئويلىغان سودا ساھەسىدىكىلەر، پەرزەنتلىرىنى رىقابەتكە يۈزلەندۈرۈشنى خالايدىغان ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ كۆرۈشىنى تەۋسىيە قىلغان.  



خەتكۈچلەر:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
    مۇخبىرنىڭ 10–چېسلا خۇنەن شياڭتەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 9–كۈنى شياڭتەن ناھىيەسىدە، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. 10-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇنقى دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 60 كىشىدا بىنو...
30-05-2016
    بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
28-05-2016
    2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىل تۆپە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسىگە شىنجاڭ ئابىدە پەن تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتىمۇ قاتناشقان بولۇپ، شىركەت يەرمە...
28-05-2016
   جۇڭگو ئىقتىساد تورىنىڭ 26-مايدىكى تېلېگراممىسى. ھازىر جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكھېرجې 26-ماي بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتتە بولدى ھەم سۆز قىلدى. نۇتۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ مەكتەپكە 350 پا...
28-05-2016
    سەنشى ئۆلكىسى جىنچېڭ شەھىرىدىكى تۈرمىدىن جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن چېڭ يوۋ زې ئىسىملىك «قارا گۇرۇھ كاتتىبېشى» نىڭ لەقىمى «چېڭسەن» بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنىدى. 5-ئا...
28-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيە ئارقىلىق ئوغرىلىقچە ياۋروپاغا كىرىدىغان مۇساپىرلار سانىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئېشىشىغا ئەگ...
27-05-2016
  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا خەۋەر قىلىدۇ: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى شىنجاڭ جىخۇا «7555» خىزمەت فورمىسى چەكلىك شىركىتىگە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئايگۈل ئابدۇجاپپار 16 - ماي كارخانا مۇھىتىدىن مەمنۇن بولۇپ: «بۇ جايدا 300گە يېقىن ئاز سا...
27-05-2016
   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26-ماي تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-ماي <<خەلق>> سارىيىدا ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكېرجى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ مەدەنىي...
27-05-2016
پۇل خەجلەشتىن ئىلگىرى ئاتا–ئانىڭىزنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاپ قويۇڭ      ھازىر بىر قىسىم ستۇدېنتلىرىمىز مودا قوغلىشىپ، توردىن ئۆزلىرى ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ–يۇ، ئاتا–ئانىلىرىنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاشمايۋات...
27-05-2016
        ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
Powered by Leglek