كەلگۈسىدە ماشىنا ئادەملەر ئىنسانلارنى كونترول قىلامدۇ

يەر شارى تورى 15-مارت خەۋىرى (ئوكيان تورىدىن تۇرسۇنجان تەرجىمىسى)

قانداق ئويلىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر بىز يەنىلا ئىنسانلار تارىخىدىكى يەنە بىر قېتىملىق سۈنئىي ئەقىل ۋە ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئەقىل سىنىقىنى باشتىن كەچۈردۇق، يەنى دۇنيا قورشاۋ شاھمات شايى كورىيەلىك لى سىتول بىلەن گوگۇل شىركىتىنىڭ ياساپ چىققان ماشىنا ئادىمى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان قورشاۋ شاھمات مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ ئۆتتۇق. بۇ ئاددىيلا بىر قېتىملىق شاھمات مۇسابىقىسى بولماستىن بەلكى سۈنئىي ئەقىل بىلەن ئىنسانلار ئەقىل-پاراسىتىنىڭ دوئىلغا چۈشىشى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسى پۈتۈن دۇنيا ئەھلى قىزىققان بىر مەسىلە بولغان ئىدى، بىراق مۇسابىقە نەتىجىسى ھەم كىشىلەرنى خوشال قىلدى ھەم ساراسىمگە سالدى. ھەر خىل قاراشلار بىردەمدىلا ھەممە ياقنى بىر ئالدى. كىشىلەر مەيلى قانداقلا بىر كەيپىياتتا بولسۇن، بىر مەسىلە ئۇلارنىڭ ئورتاق نۇقتىسى بولۇپ قالدى: كەلگۈسىدە ئىنسانلار ۋە ماشىنا ئادەملەرنىڭ مۇناسىۋىتى زادى قانداق بولىدۇ؟

ئالدى بىلەن بىز ماشىنا ئادەمنىڭ تەرەقىيات مۇساپىسىغا نەزەر سېلىپ باقايلى. ئامېرىكا بولسا ماشىنا ئادەمنىڭ تۇنجى كەشىپ قىلىنغان جايى، بىراق ماشىنا ئادەمنى ئىشلىتىش جەھەتتە يەنىلا ياپونىيەنىڭ ئارقىدا تۇرىدۇ. بۇنداق بولىشىدىكى تۈپكى مەسىلە بولسا ئامېرىكىدىكى بەزى خادىملار ماشىنا ئادەم ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، بۇ ئىزچىل ماشىنا ئادەم تەرەقىياتىغا توسالغۇ بولۇپ كەلگەن. ياپونىيەنىڭ ماشىنا ئادەم تەرەقىياتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالدىنقى قاتاردا بولىشىدىكى سەۋەپ نۇرغۇن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىلنىڭ بىرسى ياپونىيەدە ئەمگەك كۈچىنىڭ كەمچىل بولۇشىدۇر. شۇڭلاشقا خەلقمۇ ماشىنا ئادەم ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق ياخشى تەرەقىياتنىڭ تۈرۈتكىسىدە ياپونىيە ئاپتوموبىل تەرەقىياتى، ئېلىكتىرون سانائىتى جەھەتتە زور ئىلگىرلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتتى. ھازىرغا قەدەر ئىنسانلار ماشىنا ئادەمنىڭ خوجايىنى، ئىنسانلار ۋە ماشىنا ئادەم ئارىسىدا ھازىر پەقەت قۇلدارلىق ۋە قۇللۇق مۇناسىۋىتىلا مەۋجۇت. ئىنسانلار خالىسا ئۇلارنى چۇۋۇپ بىر ياققا تاشلاپ قويالايدۇ، خالىسا يەنە قۇراشتۇرۇپ ئىشلىتەلەيدۇ.بۇنداق مۇناسىۋەت تارىختىمۇ مەۋجۇت بولغان يەنى، «ئۈچ پادىشاھلىق» دەۋرىدە ئىشلىتىلگەن ھەركەتچان مىخانىزىملىق ياغاچ ئات بۇنىڭ بىر مىسالى. ئىزدەيدىغان بولساق بۇنداق مۇناسىۋەتلەر تارىختا يەنە تېپىلىشى مۇمكىن. بىراق، مەيلى تارىختا بولسۇن ياكى ھازىرغا قەدەر بولسۇن نۇرغۇن ماشىنا ئادملەرنىڭ سۈنئىي ئەقىل دائىرىسى ناھايىتى چەكلىك ئىدى.

20-ئەسىردىن كېيىن، ماشىنا ئادەم تەتقىقاتى يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويۇپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئىشلىتىلىشچان ماشىنا ئادەملەر بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. 1927-يىلى ئامېرىكا ۋېستىڭخوس شىركىتىنىڭ ئىنژېنېرى دۇنيادىكى تۇنجى ماشىنا ئادەم « تېلېگرامما ساندۇقى» نى ياساپ چىقتى، شۇنداقلا نىيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەزمىگە قاتناشتۇردى. بۇ ماشىنا ئادەمگە سىمسىز تېلېگرامما يوللاش ئىقتىدارى سەپلەنگەن بولۇپ، بىر قىسىم سوئاللارغا جاۋاپ بېرەلەيتتى، بىراق بۇ ماشىنا ئادەم ھەركەتلىنەلمەيتتى. 1959-يىلىغا كەلگەندە ئامېرىكىدا تۇنجى سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان ماشىنا ئادەم ياساپ چىقىلغان بولۇپ، ماشىنا ئادەم تەرەقىياتىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈردى.

بۈگۈنگە كەلگەندە، ماشىنا ئادەملەر بەزى كەسپ تۈرلىرىنى «يوقىتىۋەتتى» دېيىشكە بولىدۇ، بۇ ماشىنا ئادەملەرنىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىلغانلىقىنىڭ بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ. سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنىڭ تەرەقىياتىغا ئەگىشىپ، ماشىنا ئادەملەر خۇددى ئىنسانلارغا ئوخشاشلا ئوقۇش، يېزش، بىلىش، شۇنداقلا پەرىقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولدى، ھەتتا تەپەككۇر قىلىش ۋە ھېس-تۇيغۇ ئامىلىمۇ ماشىنا ئادەملەرگە كىرگۈزۈلدى.

ماشىنا ئادەم تەرەقىياتىدىكى زور غەلبە كىشىنى خوشال قىلىدىغان ئىش، بىراق سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنڭ تەرەقىياتىغا ئەگىشىپ ماشىنا ئادەملەرگە سەپلەنگەن ئەقىل ۋە ھېس-تۇيغۇ ئىقتىدارىنىڭ مۇكەممەللىشىشى ئارقىسىدا بۇرۇنقى ئىنسانلار ۋە ماشىنا ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى « قۇلدارلىق ۋە قۇللۇق» تۈزۈم ئاياقلىشامدۇ قانداق؟ بۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە قويۇلغان بىر چوڭ سوئال، ئەلۋەتتە بىزمۇ كەلگۈسىدە ماشىنا ئادەمنىڭ ئىنسانلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى خالىمايمىز، بىراق مۇشۇ تەرەقىيات بويىچە كېتىۋەرسە كەلگۈسىدە بىزگە پەقەت ماشىنا ئادەملەر بىلەن تەڭ باراۋەر سالاھىيەت بىلەن ياشاش يولىلا قالامدۇ قانداق؟ قارىغاندا بۇنىڭغا ھازىرچە بىر نەرسە دېگىلى بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. لېكىن ئىنسانلار ھەرگىزمۇ «ماشىنا ئادەم ۋە مەن» فىلىمىدە تەسۋىرلەنگەندەك ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنى خالىمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلار ماشىنا ئادەم تەرەقىياتىدا چوقۇم ئەتراپلىق تەپەككۇر يۈرگۈزىشى كېرەك.



خەتكۈچلەر:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
    مۇخبىرنىڭ 10–چېسلا خۇنەن شياڭتەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 9–كۈنى شياڭتەن ناھىيەسىدە، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. 10-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇنقى دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 60 كىشىدا بىنو...
30-05-2016
    بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
28-05-2016
    2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىل تۆپە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسىگە شىنجاڭ ئابىدە پەن تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتىمۇ قاتناشقان بولۇپ، شىركەت يەرمە...
28-05-2016
   جۇڭگو ئىقتىساد تورىنىڭ 26-مايدىكى تېلېگراممىسى. ھازىر جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكھېرجې 26-ماي بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتتە بولدى ھەم سۆز قىلدى. نۇتۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ مەكتەپكە 350 پا...
28-05-2016
    سەنشى ئۆلكىسى جىنچېڭ شەھىرىدىكى تۈرمىدىن جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن چېڭ يوۋ زې ئىسىملىك «قارا گۇرۇھ كاتتىبېشى» نىڭ لەقىمى «چېڭسەن» بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنىدى. 5-ئا...
28-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيە ئارقىلىق ئوغرىلىقچە ياۋروپاغا كىرىدىغان مۇساپىرلار سانىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئېشىشىغا ئەگ...
27-05-2016
  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا خەۋەر قىلىدۇ: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى شىنجاڭ جىخۇا «7555» خىزمەت فورمىسى چەكلىك شىركىتىگە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئايگۈل ئابدۇجاپپار 16 - ماي كارخانا مۇھىتىدىن مەمنۇن بولۇپ: «بۇ جايدا 300گە يېقىن ئاز سا...
27-05-2016
   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26-ماي تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-ماي <<خەلق>> سارىيىدا ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكېرجى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ مەدەنىي...
27-05-2016
پۇل خەجلەشتىن ئىلگىرى ئاتا–ئانىڭىزنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاپ قويۇڭ      ھازىر بىر قىسىم ستۇدېنتلىرىمىز مودا قوغلىشىپ، توردىن ئۆزلىرى ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ–يۇ، ئاتا–ئانىلىرىنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاشمايۋات...
27-05-2016
        ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
Powered by Leglek