خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ھايات قالغان يەھۇدىيلار نامايىش پائالىيىتى 16-ئاپرېل پولشانىڭ جەنۇبىدىكى ئىلگىرىكى ناتسىستلار ئاۋسچۋىتز جازا لاگېرىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئىسرائىلىيە، ئامېرىكا، پورتۇگالىيە، مېكسىكا، ئارگېنتىنا قاتارلىق 40 تىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن تۈمەنلىگەن يەھۇدىي ياشلىرى، ئاۋسچۋىتز جازا لاگېرىدا ھايات قالغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى، پولشانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاۋسچۋىتز جازا لاگېرىنىڭ 1-نومۇرلۇق لاگېردىكى ‹‹ئەمگەك سىزگە ئەركىنلىك بېرىدۇ›› دېگەن خەت يېزىلغان ئېغىزدىن يولغا چىقىپ نامايىشنى باشلىغان. نامايىش ئەترىتى ئۈچ كىلومېتىردەك ماڭغاندىن كېيىن جازا لاگېرىنىڭ 2-نومۇرلۇق ئېغىزىغا كەلگەن، بۇ يولنىڭ نامى ‹‹ئۆلۈم يولى›› ئىدى.
1988-يىلىدىن باشلاپ، ‹‹ھايات قالغۇچىلار نامايىشى›› پائالىيىتى ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved