ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى كۆرۈش نۇقتىسىغا نەزەر

 

    12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر 1:45 دە، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئايلانمىسىنىڭ داۋامىدىكى مۇسابىقىلەر ئوينىلىدۇ، چېلسى ساھىبخان مەيدان سىتەنفورد كۆۋرۈكىدە پورتوگالىيە كوماندىسى پورتونى كۈتىۋالىدۇ.


كۆرۈش نۇقتىسى

چېلسى تەڭلەشسىلا گۇرۇپپىدىن چىقىدۇ:  بۇ گۇرۇپپىدا چېلسى، پورتو ۋە كىيىۋ دىنامو ئۈچىلىسىنىڭ گۇرۇپپىدىن چىقىش پۇرسىتى بار، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئەڭ ياخشى بولغىنى ئۈچىنچى ئورۇندىكى كىيىۋ دىنامو، ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىدا ساھىبخان مەيدان ئالدىنقى بەش ئايلانمىدا تولۇق مەغلۇپ بولغان تېل ئاۋىۋ ماكابىنى مەغلۇپ قىلسىلا، ئۇكرائىنا كوماندىسى ئوڭۇشلۇق گۇرۇپپىدىن چىقىدۇ.

چېلسىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ساھىبخان مەيدان پورتو بىلەن تەڭلەشسىلا گۇرۇپپىدىن چىقىشقا كاپالەتلىك قىلالايدۇ، ئەمما ناۋادا كىيىۋ دىنامو ماكابىنى مەغلۇپ قىلسا، ئۇ ۋاقىتتا چېلسى پەقەت گۇرۇپپىدىن ئىككىنچى بولۇپ چىقىدۇ، پورتو ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئويناش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ؛ ناۋادا چېلسى ساھىبخان مەيدان غەلبە قىلسا، ئۇلار گۇرۇپپىنىڭ بىرىنچىلىك ئورنىنى مۇقىملايدۇ؛ ناۋادا ساھىبخان مەيدان مەغلۇپ بولسا، چېلسى پەقەت كىيىۋ دىنامونىڭ ئەھۋالىغا قاراشقا مەجبۇر بولىدۇ، ئۇكرائىنا كوماندىسى غەلبە قىلىسا، مەغلۇپ بولغان چېلسى ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى ئوينايدۇ.

مورىنىھو ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا ئېھتىياجلىق: چېلسى بىرلەشمىدە توتىنھام رېس بىلەن 0-0 نەتىجىدە تەڭلەشكەن مۇسابىقىدە، مورىنىھو «مۇشۇ پەسىلدىكى ئەڭ قالتىس بىر مەيدان مۇسابىقە» دېدى، نەتىجىدە ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدا ساھىبخان مەيدان دەرىجە ساقلاش رايونىدىكى كوماندىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. بۇ قېتىم پورتو بىلەن بولغان گۇرۇپپا مۇسابىقىدە، چېلسى يەنىلا ساھىبخان مەيدان مۇسابىقە ئوينايدۇ، گەرچە تەڭلەشسىلا گۇرۇپپىدىن چىقىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا ئېھتىياجلىق بولغان مورىنىھوغا نىسبتەن ئېيىتقاندا، ئۇ بىر مەيدان غەلبە ئارقىلىق كوماندىنىڭ روھىنى كۆتۈرۈشكە مۇھتاج، كېيىنكى ئايلانما بىرلەشمە مۇسابىقىدە چېلسى بىرلەشمە سەركىسى لەيچېستىر بىلەن ئۇچرىشىدۇ.



12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر 1:45 دە، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئايلانمىسىنىڭ داۋامىدىكى مۇسابىقىلەر ئوينىلىدۇ، بارسېلونا مېھمان مەيدان لېۋېركۇسىن بىلەن ئۇچرىشىدۇ.

بارسېلونا ئاللىقاچان گۇرۇپپا بىرىنچىلىك ئورنىنى مۇقىملاپ بولدى، لىۋېركۇسىن گۇرۇپپىدىن چىقىش ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ، MSN كوماندىغا ئەگىشىپ جەڭگە ئاتلىنىدۇ.

كۆرۈش نۇقتىسى:

بارسېلونا مۇددەتتىن بۇرۇن بىرىنچىلىك ئورنىنى مۇقىملاپ بولدى

ئوق-دورا زاۋۇتى ھايات-ماماتلىق مۇسابىقە ئوينايدۇ

2012\\13-مۇسابىقە پەسىلىدىن كېيىن، بارسېلونا تۇنجى قېتىم مۇددەتتىن بۇرۇن بىرىنچىلىك ئورنىنى مۇقىملاپ بولدى، ئاخىرقى ئايلانما بارسېلوناغا نىسبەتەن پەقەت مەشىق مۇسابىقە ئەھمىيىتىگىلا ئىگە. ئەكىسچە لىۋېركۇسىنغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا ھايات-ماماتلىق مۇسابىقە، ئالدىنقى بەش ئايلانمىدا لىۋېركۇسىن رىم بىلەن ئوخشاش بەش نومۇرغا ئېرىشتى، بورىسوف تۆت نومۇرغا ئېرىشتى، ھەممىسىنىڭ گۇرۇپپىدىن چىقىشىدىن ئۈمىد بار. لىۋېركۇسىن ئۆزئارا مۇسابىقىدە رىمغا ئۇتتۇرغانلىقتىن، شۇ سەۋەبتىن يەنە بىر مەيدان مۇسابىقە نەتىجىسى قانداق بولسۇن، لىۋېركۇسىن چوقۇم غەلبە قىلغاندىلا ئاندىن گۇرۇپپىدىن چىقالايدۇ.

MSN قايتا ھەيۋە كۆرسىتەمدۇ؟

ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە گېرمانىيە كوماندىسىغا قارىتا مېسسى 14 توپ كىرگۈزگەن، بۇ سان باشقا بارلىق بىرلەشمىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، يالغۇز لىۋېركۇسىنغىلا مېسسى ئالتە توپ كىرگۈزگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 2012-يىلى مېسسى تارىختا تۇنجى بولۇپ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقتا بەش توپ كىرگۈزگەن قالتىس ماھىرغا ئايلانغان.

سۇيارىس بارسېلوناغا قوشۇلغاندىن كېيىن، 15 مەيدان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە 12 توپ كىرگۈزۈپ بەش قېتىم پاس بەردى، 17 توپنىڭ كىرىشىگە بىۋاستە قاتناشتى، ئۈنۈمى بىر توپتىن يۇقىرى، بىراق ئېنرىك بۇ مەيدان مۇسابىقىدە تېخىمۇ كۆپلىگەن ياشلارغا پۇرسەت بېرىشى مۇمكىن، MSN  گۇرۇپپىسى ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقماسلىقى مۇمكىن.

12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر 1:45 دە، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئايلانمىسىنىڭ داۋامىدىكى مۇسابىقىلەر ئوينىلىدۇ، ئارسېنال ساھىبخان مەيدان ئولىمپىياكىس بىلەن ئۇچرىشىدۇ. بارسېلونا ئاللىقاچان گۇرۇپپا بىرىنچىلىك ئورنىنى مۇقىملاپ بولدى، لىۋېركۇسىن گۇرۇپپىدىن چىقىش ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ، MSN كوماندىغا ئەگىشىپ جەڭگە ئاتلىنىدۇ.

كۆرۈش نۇقتىسى:

ئارسېنال گۇرۇپپىدىن چىقالامدۇ-يوق

ئالدىنقى بەش ئايلانما مۇسابىقىدە، ئارسېنال ئالتە نومۇرغا ئېرىشىپ ۋاقتىنچە گۇرۇپپىدا ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى، گۇرۇپپا سەركىسى بايرېن مىيۇنخېندىن ئالتە نومۇر ئارقىدا قالدى، ئىككىنچى ئورۇندىكى ئولىمپىياكىس بىلەن ئۈچ نومۇر پەرق بار. ئارسېنالغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، تۇنجى ئايلانما ئۇچرىشىشتا 2-3 نەتىجىدە ئولىمپىياكىسقا مەغلۇپ بولغانلىقتىن، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۇلار چوقۇم كەمىدە ئىككى ساپ توپ ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلبە قىلسا ئاندىن گۇرۇپپىدىن چىقالايدۇ، ناۋادا بىر ساپ توپ بىلەن غەلبە قىلسا، ئۇنداقتا كىرگۈزگەن توپ سانى چوقۇم ئۈچتىن ئېشىشى كېرەك. ناۋادا تەڭلىشىپ قالسا ياكى ئۇتتۇرسا ئارسېنال گۇرۇپپىدىن چىقالمايدۇ.

ئارسېنالنىڭ يارىدارلار قوشۇنى: ئارسېنالدىكى نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە يارىدارلار، كازولا ۋە سانچېس ئىككى يادرولۇق ئوتتۇرا مەيدان توپچى بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ، بۇندىن سىرت، ئارتېتا، كوكۇلىن، روسكى، ۋىلبېك، ۋىلشېرمۇ بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ. ئارسېنالنىڭ ئوتتۇرا مەيداندا ئاساسلىق ئەزالار كەمچىل، ۋېنگىر قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟ پرافېسسورنىڭ قابىلىيىتىنى سىنايدىغان پەيىتلەر يېتىپ كەلدى.



خەتكۈچلەر:
09-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:   2016-يىلى 29-ماي سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 0:45 دا ئوينالغان، 2016-2015-پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە خانلىق مادرىد نۇقتا توپ مادرىد ئاتلېتىكىنى مە...
28-05-2016
     خانلىق مادرىد چولپىنى رونالدو مىلانغا مېڭىشتىن ئىلگىرى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ناھايىتى قىزىقارلىق سۆز قىلغان. پورتۇگالىيەلىك بۇ چولپان مۇخبىرنىڭ ئوغلىڭىز بارسېلونا توپخۇمارى بولامدۇ؟ دەپ سورىغان سۇئالغا، ناھاي...
28-05-2016
5-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋىرى: يېقىندا ئەمدىلا ئالتە ئايلىق بولغان بىر بوۋاق ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتىدىكى مەلۇم سۈنئىي كۆلدە سۇ تېيىلىش تاختىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 210  مېتىرغا تېيىلغان. بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ، بالىسىنىڭ...
28-05-2016
    چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
28-05-2016
   «ئەينەك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىچە، تۈركىيە گالاتا ساراي كۇلۇبى لىۋېرپول كۇلۇبىدىن بالوتېللىنى كوماندىسىغا  قوشۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ يىل يازدا بالوتېللىنىڭ مىلاندىكى ئىجارە ۋاقتى توشۇپ، لىۋېرپولغا قايتىدۇ، لېكىن قىزىل قوشۇند...
27-05-2016
dongqiudi تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    27-ماي سەھەردە ئاياللار ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى. مۇسابىقىدە لىيون ئاياللار كوماندىسى نۇقتا توپ جېڭى ئارقىلىق بۆرە قەلئەسى ئاياللار كوماندىسى...
27-05-2016
سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:       غەربىي رايون ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 5- مەيدان مۇسابىقىسىدە قەھرىمانلار كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا چاقماق كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:       ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.     ...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بېيجىڭدا ئولىمپىك تەييارلىق خىزمىتىدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ماھارەت تەنتەربىيەسى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ ئەيجيەننىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق ئولىمپىك يىغى...
26-05-2016
    نېيمار بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ تەبرىكلەش پائالىيىتىدە بارسېلونا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ داۋاملىق بارسېلونا كۇلۇبىدا قالىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە مېسسىنىڭ ھەقىقى 1-نومۇ...
Powered by Leglek