‹‹شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلققە ئامانلىق ۋە بەخت تىلەيمەن››

جاڭ گاۋلىنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىش، تەكشۈرۈشىگە قاتناشقانلىقى توغرىسىدا

 


مۇخبىرلىرى ياۋتۇڭ، جاڭلېي

 


ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى 8 – مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شىنجاڭ زالىغا كېلىپ، 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ھەر مىللەت ۋەكىللەرنى سەمىمىي يوقلاپ، كۆپچىلىك بىلەن تەڭ قاراپ چىقىپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىپ، تەرەققىيات ئۈستىدە پاراڭلاشتى.


خەلق سارىيىنىڭ شىنجاڭ زالى باھار تۈسى ئالغانىدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا مۇئاۋىن زۇڭلى جاڭ گاۋلى زالغا كىرىپلا ۋەكىللەر بىلەن بىرمۇ بىر كۆرۈشۈپ ئەھۋاللاشتى.
‹‹ئايال ۋەكىللەر، بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!››


بۈگۈن ‹‹8 – مارت›› خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى، مۇئاۋىن زۇڭلى جاڭ گاۋلى ئايال ۋەكىللەر، ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىگەندە، يىغىن مەيدانىنىڭ كەيپىياتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.
‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا خىزمەتلەر ئەمەلىي خۇلاسىلىنىپتۇ، مەسىلىلەر توغرا، ئەتراپلىق ئانالىز قىلىنىپتۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت تەسەۋۋۇرى ئېنىق، تەدبىرلىرى كۈچلۈك بولۇپتۇ. بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىدە ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم ھالقىنى ئىگىلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىمىز›› ۋەكىل شۆھرەت زاكىر بىرىنچى بولۇپ سۆز قىلدى، ئۇ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقىشقا بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى ۋە تونۇشىنى بايان قىلدى.


مۇئاۋىن زۇڭلى جاڭ گاۋلى مۇنداق دېدى: ‹‹شىنجاڭ مۇقىم بولسا مەملىكەت مۇقىم بولىدۇ، شىنجاڭ ياخشى بولسا مەملىكەت ياخشى بولىدۇ، بىز مەملىكىتىمىزنىڭ ئومۇمىيىتى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساس قىلغان ھالدا شىنجاڭ خىزمىتىنى قوللايمىز››.


ۋەكىللەر قىزغىن چاۋاكلىرى ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋويۈەننىڭ شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە غەمخورلۇق قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.


‹‹كۆپچىلىك بىۋاسىتە ئاساسىي تېمىغا ئۆتەيلى، مەن شىنجاڭدىن كەلگەن يولداشلارنىڭ تەكلىپ – تەۋسىيەلىرىنى ئاڭلاشنى بەكمۇ خالايمەن›› دېدى، مۇئاۋىن زۇڭلى جاڭ گاۋلى ۋەكىللەرنى كۆپرەك پىكىر – تەكلىپ بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ.


26 ياشلىق ۋەكىل رەيھانگۈل ئىمىردا ئۈچ يىلدا زور ئۆزگىرىش بولغانىدى، ئىلگىرى سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ ئوقۇش پۇلىنى غەملەيدىغان رەيھانگۈل ئەمدىلىكتە ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتكۈزۈپ، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى توقۇمىچىلىق فابرىكىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش دىرېكتورىغا ئايلانغانىدى. ‹‹سىرتتا ئىشلىگەندە ئۆيۈمنى بەكمۇ سېغىناتتىم، تېخىمۇ كۆپ كارخانىنىڭ شىنجاڭدا زاۋۇت قۇرۇپ، يېزا ياشلىرىنىڭ ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم››.


ئاڭلاپ بۇ يەرگە كەلگەندە مۇئاۋىن زۇڭلى جاڭ گاۋلى بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ: دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش قارارى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ياشنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان، دېدى. ئۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەشنى، بولۇپمۇ <<قوش تىل>>، كەسپىي تېخنىكا ئىقتىدار بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تېخىمۇ كۆپ ئاز سانلىق مىللەت ياشنى كەسپىي ئىشچىلارغا ئايلاندۇرۇپ، زامانىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلىغا يېتەكلەشنى ئۈمىد قىلدى.


ئۈچ سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان يىغىندا يەتتە ۋەكىل سۆز قىلدى، ۋەكىللەر مەركەزنىڭ شىنجاڭ قانات يايدۇرغان ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىنى قوللىشىنى؛ مەركەز كارخانىلىرىنىڭ يەرلىكتە رويخەتكە ئالدۇرۇشنى تېزلىتىشىنى؛ شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىشنى كۈچەيتىشىنى؛ باج يىغىش، يەرلىكتىكى ئەمگەكچىلەرنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىش جەھەتلەردە مەدەت بېرىشىنى تەۋسىيە قىلدى.


جاڭ گاۋلى ھەر بىر ۋەكىلنىڭ پىكىر – تەكلىپىگە بىرمۇ بىر ئىپادە بىلدۈردى. ئۇ دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىدىن كەلگەن مەسئۇل يولداشلاردىن ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى ياخشى مۇزاكىرە قىلىپ، ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى قاراتمىلىققا ئىگە ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.


مۇئاۋىن زۇڭلى جاڭ گاۋلى مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، شىنجاڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى خىزمەتلەرنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، مۇقىملىقنى چۆرىدەپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى، تەرەققىيات ئارقىلىق مۇقىملىققا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئاڭلىق قوغداپ، ئىلمىي تەرەققىي قىلىش، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ، چېگرا رايونلارنى مۇستەھكەملەش يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


‹‹شىنجاڭنىڭ ئىناق، ئىتتىپاق، مۇقىم بولۇشىنى، ئىقتىسادىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تىنچ، خاتىرجەم، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە چىن دىلىمدىن تىلەكداشمەن!››


چىن ھېسسىيات ئىپادىلەنگەن بۇ سۆزلەر ۋەكىللەرنى ھاياجانغا سالدى ۋە تەسىرلەندۈردى، كۆپچىلىك يەنە بىر قېتىم قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.



خەتكۈچلەر:
09-03-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-02-2016
       شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئاينىڭ 7-كۈنى تەينەندىن ئەۋەتكەن تېلىگراممىسى: تەيۋەن تەينەن شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەتىگەن سائەت بەشتىن 15 مىنۇت ئۆتكە...
07-02-2016
      ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇبەيدە يېڭىدىن كاتتا بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي سېلىنىدىغان بولۇپ، بۇ مېھمانساراي 2018-يىلى رەسمىي تىجارەت باشلايدىكەن. بۇ مېھمانساراي لايىھەسىنىڭ...
01-02-2016
        ئامېرىكىنىڭ «پەن-تېخنىكا ئىچكى سىرى» ناملىق تور بېتىنىڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا،كىشىلەر شەھەرگە يۈرۈش قىلغان بولۇپ، لېكىن يەر شارى بۇنىڭغا ئەگىشىپ چوڭايمايدىكەن. بۇ بىزنىڭ تۇرالغۇلىرىمىز بارغا...
01-02-2016
      شېنجىن شەھىرى لۇڭخۇا يېڭى رايونى مىنجى كوچىسىدىكى ئىككى بىنا چاپلىشپ قالدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىككى بىنانىڭ ئارىلىقى ئەسلىدە بىر مېتىر قىلىپ سېلىنغان بولۇپ، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئارىلىق يېقىنلاپ ئىككىلا بىنا قىيسىيىپ، ئىن...
26-01-2016
    ياپونىيە ئېقىم مەسىلىلىرى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دىيىلدى: «ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، تەتقىق قىلىپ ياسىلىۋاتقان (دۇلدۇل)- KC-46A تىپلىق ھاۋادا ماي قاچىلاش ئايروپىلانى بىلە...
26-01-2016
«يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى» رۇسىيە «گېزىت خەۋەرلىرى»نىڭ 26- يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نورۋېگىيە ساقچى تەرەپ، يېقىندىلا رۇسىيە چېگراسىدىن قېچىپ نورۋېگىيەگە چېگراسىغا كىرگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان 80 دىن كۆپرەك مۇساپىرنى قويۇپ...
14-01-2016
         ۋىكتور ئېنرىچ بارسېلونادىكى بىر 3D قۇرۇلۇش سۈرەت لايىھەلەش ئۇستىسى، ئۇ خېرىدارغا قۇرۇلۇش لايىھىسىنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن  قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىنكى ھەقىقىي ئۈنۈمنى كۆزىتىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈ...
12-01-2016
      11-يانۋار لەنجۇ شەھىرى چېڭگۈەن رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا بۇ رايوندىكى ئاھالىلەر لەنجۇ جيۇجۇ ھەمكارلىق يېڭى كەنتى 2- رايونىدىكى 9-، 10- نومۇرلۇق ئولتۇراق بىنالاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە چا...
11-01-2016
     ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.     ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
11-01-2016
    دۆلەت س س م ب باش ئىدارىسى يېقىندا «ئۆي-زىمىن سېتىش ئېلانىنى تارقىتىش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلدى، بۇ بەلگىلىمە 1- فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.     «بەلگىلىمە»دە ئۆي-زىمىن ئېلانلىرىدا ئىستىمالچى...
Powered by Leglek