خامىس رودىرىگۇز مادرىدتىكى كېچىلىك كۇلۇب شاھزادىسىگە ئايلاندى

     نەتىجە ياخشى بولمىسىلا مەيدان سىرتىدىكى ۋەقەلەر تەبئىيلا كۆپىيىدۇ. بارسېلونانىڭ تۇرغۇنلۇق مەزگىلىمۇ مۇشۇنداق، مادىرىدنىڭ تۇرغۇنلۇق مەزگىلىمۇ ئوخشاشلا مۇشۇنداق. Cope تېلۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مادرىد بۈگۈنكى كۈندە خامىس رودىرىگۇزنى «چاتاقچى» نىڭ بىرى دەپ قارىغان. مادرىد يۇقىرى قاتلىمى ئاللىقان خامىس رودىرىگۇزنى ئۆزىلگە ئوخشاش ئۇنداق «كېچىلىك كۇلۇب شاھزادىسى» گە ئايلانماسلىقنى ئاگاھلاندۇرغان.

    مۇشۇ پەسىلدە، مادرىد جەمئىي 22 مەيدان مۇسابىقە ئوينىدى، خامىس رودىرىگۇز بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت 11 قېتىم مەيدانغا چىقتى. يارىدار بولغانلىقتىن، خامىس رودىرىگۇز 9-ئاي ۋە 10-ئايدا ئىزچىل مەيدانغا چىقمىدى. يارىسى ساقايغاندىن كېيىن، خامىس رودىرىگۇز مادرىدقا ياخشى تەسىر بەرمىگەن ئادەمگە ئايلاندى. ئۇ كان ئىشچىلىرى كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە تولۇق مەيدان سوغۇق ئورۇندۇقتا ئولتۇردى، ئەيباۋ بىلەن بولغان مۇسابىقىدە مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۋېتىلدى، كولومبىيەلىكنىڭ كەيپىياتىغا سوغۇق سۇ سېپىلدى.

ئىسپانىيە تاراتقۇلىرى بۇندىن ئىلگىرى خامىس رودىرىگۇز ۋە بېنتىس ئارىسىدا زىددىيەت مەۋجۇت، ئۇ بېنتىسنىڭ ئوڭ تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرىشىدىن ئىنتايىن نارازى دەپ قارىغان. ئەمما Cope تېلۋىزىيەسى بۈگۈنكى كۈندە خامىس رودىرىگۇزدىكى ھەقىقىي مەسىلە ئۆزىنىڭ كەسپىي ئىستىلى يىتەرلىك ئەمەس. مادرىدنىڭ كېچىلىك تۇرمۇشى كولومبىيەلىكنى ئازراق ئېزىقتۇردى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ئاللىقاچان كېچىلىك كۇلۇب شاھزادىسىگە ئايلاندى دەپ كۆرسەتتى.

   توققۇز ئاي ئىلگىرى، خامىس رودىرىگۇزنىڭ يارىدار ھالەتتە كېچىلىك كۇلۇبتا يۈرگەنلىك سەتچىلىك خەۋىرى چىققان. پۇتى سۇنۇپ ئوپراتسىيەدىن 48 سائەت كېيىن، ئۇ رونالدونىڭ تۇغۇلغان كۈن ئولتۇرىشىغا قاتناشقان، ھەمدە يېرىم كېچىگىچە ئوينىغان. 3-ئاينىڭ 2-كۈنى، كولومبىيە ئەلبېشى سانتوس ئىسپانىيەدە زىيارەتتە بولغاندا، خامىس رودىرىگۇز ۋە باكا ئىككىلىسى خان ئوردىسىنىڭ كەچلىك زىياپىتىگە تەكلىپ قىلىنغان. كەچلىك زىياپەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خامىس رودىرىگۇز بىلەن باكا بىرلىكتە مادرىدتىكى بىر كېچىلىك كۇلۇبقا بېرىپ ئەتىسى سەھەر ئۈچكىچە ئويناپ ئاندىن ئايرىلغان.

Cope تېلۋىزىيەسى مادرىد ئىلگىرىكى كېچىلىك كۇلۇب شاھزادىسى ئۆزىلنى مىسال قىلىپ خامىس رودىرىگۇزنى ئاگاھلاندۇردى دەپ كۆرسەتتى. ئۆزىلنىڭ مادرىدتىن سېتىۋېلىشىتىكى سەۋەبنىڭ بىرى ئۇ ئوڭ تەرەپتە ئويناشنى خالىمىغان، ئىككىنچىسى ئۇ كوماندا ئىچىدىكى رىقابەتكە ئاكتىپ قاتنىشىشنى خالىمىغان، ئۈچىنچىدىن ئۇ كېچىلىك كۇلۇبقا مەستانە بولۇپ قالغان. بۇ ئۈچ نۇقتا بۈگۈنكى كۈندە خامىس رودىرىگۇزدا كۆرۈلدى.



خەتكۈچلەر:
19-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
17-05-2016
مارۋېل كىنوچىلىقى لىدىرى كېۋېن فېيىج (Kevin Feige) ناتالىي پورتمان (Natalie Portman) نىڭ «چاقماق ئىلاھى 3» كە قاتناشمايدىغانلىقىنى مۇقىملاشتۇردى. 2013-يىلى «چاقماق ئىلاھى 2» قويۇلۇشتىن ئىلگىرى، بەزى خەۋەرلەردە، ناتالىي فىلىمنىڭ بۇرۇن...
17-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 16-ماي، شاھزادە ۋىليام، ئايالى كەيت ۋە شاھزادە خاررى لوندون ئولىمپىك باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەير-ساخاۋەت پائالىيىتىگە قاتناشتى. ئۇلار پائالىيەت جەريانىدا، قىزىل رەڭلىك بوكىس پەلىيى كىيىپ، ئۆزلىرىنىڭ بوكىس تالانتىنى نامايەن قى...
16-05-2016
است گەپنى قىلغاندا، گۈلنەزەرنىڭ چولپان بولۇش يولى ئىزچىل ئوڭۇشلۇق بولۇپ كەلدى. 2011-يىلى بېيجىڭ كىنو ئىنىستىتۇتىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ، شاڭخەي «تاڭ سۇلالىسى كىشىلىرى» كىنو ئىشلەش شىركىتى بىلەن توختاملاشتى. 2011-يىلى «شۇەنيۇەن قىلىچى ئىز...
16-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 15-ماي، ئامېرىكا يېڭى جېرسىي شىتاتى پىسكاتاۋاي، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما روگس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ھەمدە ئۇنىڭغا پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلدى.
15-05-2016
5-ئاينىڭ 13-كۈنى، چەت ئەل كۆڭۈل ئېچىش ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەلىك ئەر چولپان تام خېدلىستون (Tom Hiddleston) يېقىندا 007 نىڭ رېژىسسورى سام مېندېس (Sam Mendes) بىلەن مەخپىي كۆرۈشكەن بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ جامېس بوند (James Bond) ...
14-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى: شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 8-ماي ئامېرىكا نيۇيورك، «دەرىجىدىن تاشقىرى ئايال قاتىل» داڭلىق ئارتىس كول مورېس (Chloë Moretz) رېستۇراندا پەيدا بولۇپ، ئىشتىھا بىلەن غىزالىنىپ، ھەر خىل غەلىتە چىراي ئىپادىلىرىنى چىقاردى. ...
14-05-2016
ئەنگىلىيە مۇستەققىللىق گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 12- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترۇمپنىڭ ئىلگىرىكى خوجىدارى فەيسىبۇكتا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىر ئىشپيۇن، ئۇنىڭغا ئۆل...
11-05-2016
     خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى، فوتوسى) مۇخبىر يېقىندا، پوسكام ناھىيەسىدىكى 100 دىن ئارتۇق تازىلىق ئىشچىلىرى ۋە ناھىيەلىك خەلق دوختۇر...
11-05-2016
       رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە يۇگۇ شىركىتى ھەر يىلى پۇقرالار ئارىسىدا ئېىپ بارىدىغان «ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەر تىزىملىكى» نى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ تىزىملىكتە ئ...
10-05-2016
    ئەدىب، ژۇرنالىست بەگمەت يۈسۈپ 1964 - يىلى 12 - ئايدا قومۇلدا تۇغۇلغان. 1987 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزۈپ، شىنجاڭ نېفىت مائارىپ ئىنستىتۇتىغا تەقسىم قىلىنغان. 1...
Powered by Leglek