رازۋېتكا ئەمەلىيىتىدە دېلو ئەھۋالىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپمۇ، گۇۋاھچى بولۇشنى رەت قىلىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا ئەھۋالنى پەرقلەندۈرۈپ، تۆۋەندىكىچە بىر تەرەپ قىلىش لازىم:
1. ئىجابىي، سەلبىي جەھەتتىكى تىپىك مىساللارغا بىرلەشتۈرۈپ، گۇۋاھلىق بېرىش مەجبۇرىيىتىنى چۈشەندۈرۈش ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ قانۇنىي ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، پوزىتسىيەسىنى توغرىلاپ، ئەينەن گۇۋاھلىق بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش لازىم؛
2. ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ياكى ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىرى ئارقىلىق گۇۋاھچىغا ئىدىيىۋى تەربىيە بېرىپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ئەينەن گۇۋاھلىق بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم؛
3. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشنى رەت قىلىش سەۋەبىگە قارىتا، قاراتمىلىقى بولغان ئۇسۇلنى قوللىنىپ گۇۋاھلىق بەرگۈزۈش. مەسىلەن دېلو ئەھۋالى بىلەن تەمىنلىگەندىن كېيىن زەربە بېرىپ ئۆچ ئالىدىغانلىقىدىن قورقسا، ج خ ئورگىنى ئۇنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ج خ ئورنىنىڭ جىنايەتچىنى جازالاش ئىرادىسىنىڭ بارلىقىنى ھەمدە گۇۋاھچىنى قوغدايدىغانلىق ئىرادىسى ۋە تەدبىرىنى بىلدۈرۈش كېرەك؛ دېلو ئەھۋالى بىلەن تەمىنلىسە ئائىلە مۇناسىۋىتىگە، ئابرويىغا تەسىر يېتىشتىن قورقىدىغان گۇۋاھچىلارغا مەخپىيەتلىكنى ساقلايدىغانلىقى توغرىسىدا تەكرار چۈشەنچە بېرىپ، ئۇنىڭ تۇرۇۋاتقان مۇھىتىقا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىمىزنى، چۈشىنىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك.
4. باشقىلارنىڭ جاسۇسلۇق جىنايىتىنى بىلىدىغان گۇۋاھچىلار گۇۋاھلىق بېرىشنى رەت قىلسا، جاسۇسلۇق دەلىل-ئىسپاتنى بىلىپ تۇرۇپ گۇۋاھچى بولۇشنى رەت قىلغانلار قاتارىدا جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
![]() |
تاڭ ۋېي (كورىيە)
لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە)
مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە)
لى ۋېن (ئامېرىكا)
ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە)
چى ۋېي (كورىيە)
يۈەن لى (ئامېرىكا)
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved