بۇ 10 خىل روھى ھالەتتىكىلەر بەختنى ھېس قىلالمايدۇ

1. ئارتۇقچە ئەنسىرەش.

 


ئۆي سېتىۋېلىش، بالىلارنى بېقىش، چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلەردىن ئەنسىرەش. خىزمەتتە ئۆسۈش بوشلۇقى سەۋەبلىك خىزمەت بېسىمى پەيدا بولۇش. دوستلار ۋە خىزمەتداشلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىش جۇڭگولۇقلارنىڭ « بېسىم مەنبەسى» بولۇپ قالدى. چوڭ شەھەرلەردە ياشاۋاتقان كىشلەر، مەيلى ياشانغانلار، ياشلار ياكى بالىلار بولسۇن كۆپۈنچىسى بىر خىل ئەنسىرەش ئىچىدە بولۇپ، چىن يۈرىكىدىن بەختنى ھېس قىلىشقا ئامالسىز قالماقتا.

 

 

2. دائىم مۇكەممەللىكنى قوغلىشىش.

 


يۇقىرى ئۆلچەم ۋە چوڭ ئۈمىد بەختنى پەقەت ئىنتىزار بولىدىغان لىكىن يەتكىلى بولمايدىغان نىشانغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. « مۇكەممەل » بولۇش ئۈچۈن تۆلىنىدىغان بەدەلنىى ئويلاڭ، ۋاقتىدا كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە قىلسام بولىدىغۇ دەڭ.

 


3. باشقىلارنىڭ قارىشىغا ئارتۇقچە ئېتىبار بېرىپ كېتىش.

 


دائىم باشقىلار ئۆزىنى بىرنېمە دەۋەتقاندەك، ئەيىبلەۋاتقاندەك ھېس قىلىش ئادەمنى بىر ئىشنى خاتىرجەم قىلالماس قىلىپ قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە باشقىلار سىزنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىڭىزغا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدۇ. دىقىتىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆزىڭىزنىڭ قەدىر قىممىتىنى قىلىپ خاتىرجەم ياشاڭ.

 

 

4. ناچار مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش.

 


ئەگەر ئارىلاشقان ئادەملەر دەۋاتقان گەپلەر، كېلىۋاتقان خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسى ئادەمنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان گەپلەر بولسا، مۇنداق ناچار مۇھىت تۇرمۇشىڭىزدا ئازاپ ۋە توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ. مۇنداق ۋاقىتتا ئەڭ ياخشىسى ئاكتىپ، خۇشال يۈرۈيدىغان كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىڭ، ئادەمنى رىغبەتلەندۈرىدىغان كىتاپلارنى كۆرۈپ روھى كەيپىياتىڭىزنى ياخشىلاڭ.

 


5. ئىشلارنىڭ ياخشى تەرىپىنى بايقىيالماسلىق.

 


تۇرمۇشتا، كىشىنى خۇشال قىلىدىغان نۇرغۇن ياخشى ئىشلار بار، لىكىن كۆپلىگەن كىشىلەر ئۇنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىدۇ. پەقەت ئۆزىنىڭ بەختسىزلىكىنىلا كۆرۈپ بەختىنى كۆرەلمەسلىك نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ھەقىقى تەسۋىرى.

 


6. ئۆتكەن ئىشلار ۋە كەلگۈسى ھەققىدە زىيادە كۆپ ئويلىنىش.

 


ئەسلىمە ئىچىدە ياشاش ياكى كەلگۈسىدىن توختاۋسىز ئەنسىرەش كۆز ئالدىمىزدىكى گۈزەللىكتىن ھوزۇرلىنىشنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى. ئەڭ ياخشىسى ھازىرقى ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈڭ، مەسىلەن خىزمەت، ھەر بىر ۋاق تاماق قاتارلىقلار. ئەگەر يەنە شۇ تەرەپلەرگە كېتىپ قالسىڭىز چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ ھازىرغا قايتىپ كېلىۋېلىڭ.

 

 

7. دائىم باشقىلار بىلەن بەسلىشىش.

 


ھازىر كىشىلەر ئاساسلىق زېھنى قۇۋىتىنى رىقابەتلىشىشكە سەرپ قىلماقتا. مەسىلەن خىزمەت ئورنىنى سېلىشتۇرۇش، ئۆيىنى سېلىشتۇرۇش، بايلىقىنى سېلىشتۇرۇش.... تولا سېلىشتۇرۇپ يۈرۈپ كىشىلەرنىڭ قەلبىدە بەخت قالماي پەقەت ئارزۇ ھەۋەسلا قالدى. ئەگەر بىر ئادەم ئۆزىگە تېگىشلىك بولغان بەختنى قوغلاشماي، قانداق قىلغاندا باشقىلاردىن بەختلىك بولۇشنى قوغلاشسا، ئۇنداقتا بۇ ئادەم بەختتىن يىراقلىشىپ كېتىدۇ.
8. ھەرقانداق ئىشتا زىغىرلاپ تۇرىۋېلىش.
ھەرقانداق ئىنچىكە نۇقتىلارنى قويۇۋەتمەسلىك پەقەت سىزگە كۆڭۈل پاراكەندىچىلىكى ئېلىپ كېلىدۇ. ئەڭ ياخشىسى كۆڭۈلنى پاراكەندە ئىشلارغا يۇلۇققاندا بۇ ئىشلارنى بىر ياققا تاشلاپ قويۇپ بېسىمنى يېنىكلىتىدىغان ئىشلارنى قىلىڭ. خاترجەم بولغاندىن كېيىن ھېلىقى سىزنى پاراكەندە قىلغان ئىشنى ئاسانلا قىلىۋېتىشىڭىز مۇمكىن.

 


9. ئەقىدە-ئېتىقاد كەمچىل بولۇش.

 


يېقىنقى 20 نەچچە يىللىق بايلىق توپلاش مۇساپىسىدە بەزى كىشلەر پۇل تېپىشتىن باشقا بۇ ھاياتلىقنىڭ نىشانىنى، نېمىنى قوغلىشىشنى، ھەتتا ئۆزىنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەس بولۇپ قالدى. مۇنداق ئەقىدە-ئېتىقاد كەمچىل بولغان، مەنىۋىيەت قۇرۇپ قاقشال بولۇش ھېسابىغا كەلگەن ماددى بايلىق مول بولغان ھالەت ئۇزۇق مەزگىللىك بەخت تۇيغۇسى شەكىللەندۈرەلمەيدۇ.



10. تېز تۇرمۇش رېتىمىگە ئادەتلىنىپ قېلىش.

 


تېز تۇرمۇش رېتىمى سىزنى خۇددى چاقىپەلەككە ئوخشاش تۇرمۇش بورىنىدا پىرقىرىتىپ توختاتمايدۇ. ۋاقىت چىقىرىپ ئەڭ مۇھىم بولغان ئىشلارنىلا قىلىپ بېقىڭ. ئاز گۇمانلىنىڭ. تۇرمۇشىڭىز ئاددى، ئەركىن بولسۇن.

 

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نۇمۇرى ::LEGLEK



خەتكۈچلەر:
13-04-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    شىنخۇا تورى خەۋىرى. 7-ئىيۇن، 8-ئىيۇن ۋە 9-ئىيۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدە 25 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ. بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە 37 ئىمتىھان نۇقتىسى، 1041 ئىمتىھان مەيدانى تە...
28-05-2016
ئاقسۇ دىيارىدىكى تۈنجى قېتىملىق، شىنجاڭدىكى  9- قىتىملىق «كىتاپخانىدىكى ساخاۋەت» پائالىيىتى 2016- يىلى 5- ئاينىڭ 26- كۇنى چۇشتىن كىيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى 3:00دە ئونسۇ ناھيىلىك پارتىكومنىڭ قارشى تەرىپىگە جايلاشقان «مەرىپەت كىتاپخانىىس...
27-05-2016
    2015-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، جىلىن شەھەرلىك لۇڭتەن تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپى ئالدىدا نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، بەزى ئاتا-ئانىلار ھەتتا لاپاس ئېلىپ كەلگەنىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يەردە ئۆچىرەتتە تۇ...
26-05-2016
ئامېرىكا بالېت ئۇسسۇل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچى تاللاش ئىمتىھانى رەسىملىرى
26-05-2016
1. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگودىكى داڭلىق مەنزىرە ئېكىسكۇرسىيە ئورنى، مەكتەپ لوجياشەن رايونىدا، شەرقىي كۆل سۈيى ئوراپ تۇرىدۇ. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 5187 مو، قۇرۇلۇش كۆلىمى 2 مىليون 620 مىڭ كۋادرات مېتىر. قەدىمىي ۋە نەپى...
24-05-2016
    5-ئاينىڭ 22-كۈنى، تېڭشۈننىڭ  ئاساسلىق قۇرغۇچىسى چېن يىدەن 2 مىليارد 500 مىليون شياڭگاڭ پۇلى ئىئانە قىلىپ «يىدەن مۇكاپاتى» نى تەسىس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مۇناسىۋەتلىك پۇلنىڭ ھەممىسى ئىئانە قىلىنىپ بولغان بولۇپ، بۇ ب...
24-05-2016
    خەلق تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا مەركەز مالىيەسى 2016 - يىللىق 134 مىليارد 500 مىليون يۈەن شەھەر-يېزا مەجبۇرى مائارىپى تولۇقلىمىسىنى تارقاتقان، بۇ ...
24-05-2016
ئاقتۇ ناھىيەسى مەركىزى قوش تىل يەسلىسىدىكى كىچىك دوستلار رەسىم سىزىشنى ‏ئۆگەنمەكتە    2008-يىلىدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر، دۆلەت قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ‏ئوبلاستىغا 82 مىليون 600 مىڭ مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن 91 قوش تىللىق يەسل...
24-05-2016
     5-ئاينىڭ 20-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھىرى خەيساڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئالدىدا بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدا كېرەكسىز ئىمتىھان سۇئا...
23-05-2016
    غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى مەدەنىيەت ئىنستىتۇتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 101-سىنىپىدا «ئىنستىتۇت مۇدىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇش» يىغىنى ئاچتى. بۇ قېتى...
Powered by Leglek