ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە غەززە رايونى ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرغۇچىسى موردىچاي تۈنۈگۈن: ئىسرائىلىيە 15 يىلدىن بۇيان پەلەستىننىڭ قىسمەن ماشىنىلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەگە كىرىشىگە تۇنجى قېتىم رۇخسەت قىلدى دېدى.
ماسلاشتۇرغۇچىلار ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە تۇنجى تۈركۈم ئىجازەتنامە تارقىتىپ، پەلەستىننىڭ يۈزدىن ئارتۇق دوختۇرىنىڭ پەلەستىننىڭ نومۇر تاختىسى ئېسىلغان ماشىنا بىلەن ئىسرائىلىيەدىكى دوختۇرخانىلارغا بېرىپ خىزمەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى. بۇ باياناتچى: ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ تەدبىرى ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە ئاساسەن ھەر ۋاقىت تەڭشىلىدۇ دېدى.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە كېيىنكى قەدەمدە پەلەستىنلىك سودىگەرلەرنىڭ ئىسرائىلىيەگە ماشىنىلىق كىرىش چەكلىمىسىنى قويىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved