تېڭشۈن تەنتەربىيىسى5-ئاينىڭ11-كۈنىدىكى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىتالىيە پۇتبول بىرلەشمىسى37-ئايلانمىسىدا خەلقئارا مىلان ئۆزمەيدانىدا4-1نەتىجە بىلەن مىھمان كوماندا لازىئو كوماندىسىنى يەڭدى.
كۆك-قارا ئارمىيەنىڭ قېرى كاپىتانى زانېتتى خوشلىشىش ئويۇنى ئوينىدى، رەسمى ھالدا پۇتبولچىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى.
مۇسابىقىدىن كىيىن كاپىتان زانېتتى قىسقىچە تەسېرات نۇتىقى سۆزلىدى.
زانېتتى مۇسابىقىدىن كىيىن مەيداننىڭ ئوتتۇرىغا كېلىپ«ھەممىڭلارغا رەھمەت،ھەممىڭلارغا ئايان شۇنداق بىرپەيىتتە بەزى گەپلەرنى دىيىشكە توغرا كىلىدۇ، مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا ناھايىتى مۈشكۈل.مۇشۇپەيىتنىڭ ئۆزىدە مەن سەبداشلىرىمغا رەھمەت ئېيتىمەن، مۇشۇيىللاردا ئۇلار ئىزچىل ماڭا ھەمراھ بولۇپ كەلدى مىنىڭ يېنىمدا مىنى قوللاپ كەلدى ۋە ياردەم بېرىپ كەلدى، مەيلى مەن جاھاننىڭ قايسى بىريېرىگە كېتەي ئۆزۈمنىڭ خەلقئارا مىلان كۇلۇبىنىڭ بىر ئەزاسى بولغانلىقىمدىن چەكسىز ئىپتىخارلىنىمەن، قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر مەن مەڭگۈ سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن ۋە مەڭگۈ سىلەرنى سۈيىمەن.
ئۇنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەن مەيداننى گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى قاپلىدى،نەچچە ئونمىڭ توپ مەستانىسى بىرلىكتە«بىزنىڭ پەقەت بىرلا كاپىتانىمىز بار» دەپ شۇئار توۋلاشتى.
زانېتتى يىغىدىن ئۆزىنى تەستە كونتۇرول قىلىپ: مەن يەنە ئايالىم باۋراغا رەھمەت ئېيتىمەن،باللىرىمغا رەھمەت ئېيتىمەن، مىنىڭ دادام ئارگىنتىنادىكى ئۆيىدە ئولتۇرىۋاتىدۇ، ئۇتېلىۋىزوردىن مىنى كۆرۈۋاتىدۇ،لىكىن ئانامبولسا... (ئانام)چوقۇم جەننەتتە خۇددى ماڭا ئوخشاشلا خۇشال بولۇۋاتىدۇ. مورراتى جەمەتىگە رەھمەت مۇشۇ يىللاردا ئۇلار مىنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئېلىپ كەلدى،ئۇلار ماڭا چەكسىز ئىشەنچ ئاتا قىلدى، رەئىس توخىل غا رەھمەت، ئۇ مورراتى جەمەتىگە ئوخشاشلا مىنى قوللاپ كەلدى، مەن دوسلۇرۇمغا رەھمەت ئېيتىمەن، شۇنچە كۆپ يىللىق پۇتبولچىلىق ھاياتىمدا سىلەر ئىزچىل ماڭا ھەمراھ بولۇپ كەلدىڭلار سىلەرنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭلارنى مەن قايتۇرۇپ بولالمايمەن.
سابىق رەئىس مورراتى رەئىس سەھنىسىدە تۇرۇپ مۇنداق دىدى: مەن بىزنىڭ ئۇلۇغ كاپىتانىمىزنى ئۇزىتىپ قويۇۋاتقانلىقىمدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلىۋاتىمەن،ئۇ(زانېتتى) خەلقئارا مىلاننىڭ مەڭگۈلۈك ئىپتىخارى. ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن كۈنلەردە بىز ناھايىتى كۆپ شەرەپلەرگە، ئۇتۇقلارغا ئېرىشتۇق، ئاساسەن دېگۈدەك ئېلىش مۇمكىن بولغان چىمپىيۇنلۇقلارنىڭ ھەممىسىنى ئالدۇق. مەن ئىشىنىمەن،ئۇ كەسپى پۇتبولچىلارنىڭ ئۈلگىسى، ئۇ بىزنىڭ مەڭگۈ سۆيىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.
شۇنداق قىلىپ خەلقئارا مىلان ئۈچۈن 19يىل«6832»كۈن توپ تەپكەن بۇ تۆمۈرقان توپچى بۇ پەسىللىك مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن پۇتبولچىلىق ھاياتىنى رەسمى ئاخىرلاشتۇرىدىغان بولدى.1995-يىلى8-ئاينىڭ27-كۈنى 22ياشلىق زانېتتى خەلقئارا مىلان كۇلۇبىغا قوشۇلغان.
جاۋىئېر.زانېتتى نىڭ قىسقىچە ئەھۋالى:
دۆلەت تەۋەلىكى- ئارگېنتىنا.
توپ تەپكەن كۇلۇبى- ئىتالىيىنىڭ خەلقئارا مىلان كۇلۇبى.
مەيداندىكى ئورنى: ئوتتۇرا مەيدان ۋە ئوڭ-سول ھۇجۇمچى، ئارقا ئوڭ-سول مەيدان مۇداپىئەچى. زانېتتى بۇ ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىدە كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە ماسلىشىپ كىتەلەيدۇ، كوماندىنىڭ سەپ شەكلى تاكتىكىسىغا ئاساسەن ئۇ ئاساسەن ئارقا ئوڭ-سول مۇداپىئە ۋە ئارقا بەل ئورنىدا توپ تىپەتتى.
تۇغۇلغان ۋاقتى- 1973-يىلى8-ئاينىڭ10-كۈنى. ئۇ ھازىر41 ياشقا كىرەي دەپ قالدى بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق تۆمۈرقان جەڭچى ھېسابلىنىدۇ.
بوي ئىگىزلىكى- 1مىتىر78سانتىمىتىر.
ئېغىرلىقى- 75كىلوگىرام.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved