جاھان ئاگېنتلىقى 8-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: نىگىرىيەدە مىڭلارچە كىشىنى ئۆلتۈرگەن بوكو ھەرەم تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ئېلان قىلغان ئاۋازلىق باياناتىدا، بوكو ھەرەم تەشكىلاتىنىڭ ISIS «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى» غا بەيئەت قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئانالىزچىلار، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ISIS نىڭ ئافرىقا تارمىقى بولىدىغانلىقىنى تەھلىل قىلماقتا.
ISIS كەبى رادىكال ئەسەبىي تەشكىلات گۇرۇپپىلارنى كۆزىتىۋاتقان تور بىكەت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىر ئاۋاز ھۆججىتىدە، ئۆزىنىڭ بوكو ھەرەم تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ئەبۇ بەكىر شىكو ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بىر كىشى ، ISIS رەھبىرى ئەبۇ بەكىر ئەل بەغدادىنىڭ قول ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئاۋاز ھۆججىتىدە مۇنداق دېيىلگەن:«خەلىپىگە بەيئەت قىلىمىز، ئۇنىڭغا قىيىنچىلىقتا ۋە ئاسانچىلىقتا قۇلاق سالىمىز ۋە ئىتائەت قىلىمىز. ئۈممەت شاھىت بولغان ئىختىلاپلارنىڭ خەلىپىلىكتىن باشقا چارىسى يوق، بارلىق مۇسۇلمانلارنى بىزگە قوشۇلۇشقا چاقىرىمىز».
ISIS نىڭ ئافرىقا تارمىقى
ئانالىزچىلار، ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى نۇرغۇن تەشكىلاتنىڭ ISIS قا بويسۇنۇپ بەيئەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئىجابى بولمىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالى ئافرىقىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان «Flashpoint Partners» تىن لايز ئەلخۇرى، رېيتىر ئاگېنتلىقىغا يەتكۈزگەن ئۇچۇرىدا، «بوكو ھەرەم تەشكىلاتىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىكى پائالىيەتلىرىگە دىققەت قىلغىنىمىزدا، ISIS نى تەقلىد قىلىپ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ ۋە ئېلان قىلغان ئاۋازلىق باياناتىدا ئۆزىنىڭ ISIS قا ئوخشاشلىكىنى ئېلان قىلدى» دېدى.
ئەل خۇرى، بوكو ھەرەم تەشكىلاتىنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن ئەل قائىدە تەشكىلاتىغا بەيئەت قىلغانلىقىنى ، ئەمما ئەل قائىدە تەرەپتىن ھەمكارلىق جاۋابىغا ئېرىشمىگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «بوكو ھەرەم رەھبىرى شىكۇ ئىسلام ھەققىدە كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بىر شەخىس بولمىسىمۇ، ISIS تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىندى، » دېدى. ئەلخۇرىنىڭ ئېيتىشىچە، «بوكو ھەرەم تەشكىلاتى بۇنىڭدىن كېيىن ئەسلىدىكى ئورنىدىن يۈكسىلىپ ISIS نىڭ ئافرىقا تارمىقى بولۇپ پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ» .
كۈندىلىك كىرىمى 5 مىليون دوللار
نامى يەرلىك تىلدا، «غەربچە مائارىپ ھارام» دىگەن مەزمۇننى بىلدۈرىدىغان بۇ تەشكىلات 2002-يىلى نىگىرىيەدە قۇرۇلغان، قىسقا مەزگىل ئىچىدە پائالىيەت مەيدانىنى كىڭەيتىپ كامىرون، چاد ۋە نىگىرگە يۆتكەلگەن.
تەشكىلاتنىڭ 2009-يىلىدا رەھبىرى مۇھەممەد يۈسۈف تۈرمىدە ئۆلگەندىن كېيىن يېڭى رەھبىرى ئەبۇ بەكىر شىكۇ بولغان.تەشكىلات تۇتقۇن قىلىش، بومباردىمان قلىش، قۇراللىق باستۇرۇش قاتارلىق ھەرىكەتلەر بىلەن بىرگە نىفىت كىرىمى ھەر كۈنى 5 مىليون دوللارغا يىتىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved