نىتانىياخۇ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇردى

جاھان ئاگېنتلىقى 6-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نىتانىياخۇ، يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن مۇددەت توشۇشتىن بىر قانچە سائەت ئىلگىرى، «يەھۇدى ئۆيى پارتىيسى» نى قايىل قىلىپ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇردى. ئىسرائىلىيەدە مارت ئېيىدىكى سايلامدا نىتانياخۇنىڭ پارتىيىسى بىرىنجىلىككە ئېرىشكەن بولۇپ، يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ۋاقىت توشۇشقا بىر قانچە سائەت قالغاندا ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن پارلامېنتتىكى 61 ئورۇنغا ئېرىشتى. نىتانىياخۇ 42 كۈندىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۇچرىشىشىدا پارلامېنتتا 8 ئورۇنغا ئىگە بولغان «يەھۇدى ئۆيى پارتىيسى» بىلەن كېلىشتى. نىتانىياخۇ ھازىر 5 پارتىيەدىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن «كۇلانۇ پارتىيسى»، «بىرلەشمە تورا يەھۇدىيلىقى ۋە شاس پارتىيسى» يېڭى ھۆكۈمەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن نىتانىياخۇ بىلەن كېلىشىپ بولغان ئىدى. نىتانىياخۇنىڭ مىنىستىرلار تىزىملىكىدە ئورۇن ئالدىغان ئىسىملارنى بېكىتىش ۋە بۇنى ئىسرائىلىيە پارلامېنتىغا سۇنۇش ئۈچۈن بىر ھەپتە ۋاقىت كېتىدۇ.
ئىسرائىليەدە بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش خىزمىتى داۋاملىشىۋاتقان ۋاقىتتا، يەھۇدى ئۆيى پارتىيسى رەھبىرى نافتالى بەننەت باش مىنىستىرى بۇنيامىن نىتانىياخۇغا ئەۋەتكەن ئۇچۇرىدا، «بىزگە ئەدلىيە مىنىستىرلىكى ۋەزىپىسى بېرىلىدۇ ياكى بىز ئۆكتىچى بۇلۇپ داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن.
ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاۋىگدور لىبېرماننىڭ «ئىسرائىلىيە ئۆيىمىز پارتىيسى» بولسا يېڭى بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە ئورۇن ئالمايدۇ. لىبېرمان ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان ئاخبارات يىغىنىدا، ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى ۋە قۇرۇلماقچى بولغان يېڭى بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
مارت ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا پارلامېنتتىكى 120 ئورۇندىن نىتانىياخۇنىڭ لىكۇد پارتىيىسى 30 ئورۇنغا، يەھۇدى قىساسچىلىرى بىرلىك پارتىيسى 24 ئورۇنغا ئېرىشكەن. 2013-يىلىدىكى سايلامدا لىكۇد پارتىيىسىنىڭ پارلامېنتتا 31 ئورنى بار ئىدى.



07-05-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek