سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئىتالىيە پۇتبولچىلار ئۇيۇشمىسى ئورگان تورىدا ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى كونتىنىڭ ياۋروپا لوڭقىسىدىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئىتالىيەنىڭ يەنە بىر نۆۋەتلىك مەشقاۋۇلىنىڭ كىم بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئىتالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇپ قالدى. ئىلگىرى گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى بولغان كاناۋارو ئۆزىنىڭ دۆلەت كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، گوئاردىيولانى مىسال كەلتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ مەشقاۋۇللۇق تەجرىبىسىنىڭ دۆلەت كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى بولۇشىغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىتالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كاناۋارونىڭ ھەقىقەتەن دۆلەت كوماندىسىغا كىرىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن. لېكىن ئۇ باش مەشقاۋۇل ئەمەس بەلكى مەشقاۋۇل ياردەمچىسى سۈپىتىدە قوشۇلىدىكەن، ئىتالىيە كوماندىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەشقاۋۇلى بولسا دۇنيادىكى داڭلىق مەشقاۋۇللارنىڭ بىرى بولغان كاپېللو ئىكەن. «ئىتالىيە پۇتبولى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئىتالىيە كوماندىسىنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەشقاۋۇلنى بېكىتىش زۆرۈر بولۇپ قالغان بولۇپ، كونتى بۇ يىل يازدا ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىدىن ئايرىلىدىكەن، ئۇنىڭ كېيىنكى تۇتماقچى بولغان كوماندىسى چېلىسى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن دونادونىمۇ ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇل نامزاتىدا بولسىمۇ، لېكىن دونادونى ئۆزىنىڭ داۋاملىق بولونىيە كوماندىسىدا قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىتالىيە «بوشلۇق تەنتەربىيەسى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كاپېللو تەدرىجىي ھالدا ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ بىردىنبىر تاللىشى بولۇپ قالغان. چۈنكى ئۇ رۇسىيەدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ھازىرغىچە ئۆيدە ئارام ئېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىنگلاند دۆلەت كوماندىسىغا مەشقاۋۇللۇق قىلىش تەجرىبىسى بار. ئۇنىڭدىن باشقا «ئاسمان تەنتەربىيەسى» كاپېللو بىلەن كاناۋارونىڭ ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلغان بولۇپ، ئۇلار كاناۋارونىڭ كاپېللونىڭ ياردەمچى مەشقاۋۇلى بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان. ئەمەلىيەتتە كاپېللو بۇرۇن ئۆزىنىڭ دۆلەت كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇللۇق ۋەزىپىسىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بىرەر كۇلۇبقا مەشقاۋۇل بولۇش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بىراق ئىتالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ قارىشىچە، كاناۋارو ئۇنىڭغا ياردەمچى بولسا كاپېللو ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇللۇق ۋەزىپىسىنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved