يەر شارى خەۋەر تورى 5-ئاپرېل تېلىگراممىسى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى بالگان ۋىلايىتى مەركىزى پۇلى ھۇمرى شەھىرىدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 5 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. باغلان ۋىلايىتى ساقچى ئىدارىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، موتوسىكلېتقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ ھەربىي ماشىنا مەزكۇر رايۇندىن ئۆتۈۋاتقان جەرياندا پارتىلىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. شۇ يەر ۋاقىت كەچتە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 7 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئېنىقلاندى.
بۇ ۋەقەگە تېخىچە بىرەر تەرەپ مەسئۇل بولمىدى، ئالدىنقى كۈنى ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى قۇندۇز ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 10 كىشى يارىلانغان ئىدى.
7 نەپەر تالىبان قۇراللىقى ئۆلتۈرۈلدى
ئافغانىستاندا تالىبان قۇراللىقلىرى بىلەن بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئارىسدا يۈز بەرگەن تۇقۇنۇشلاردا 7 نەپەر تالىبان ھەرىكىتى ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى. ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى فايراب ۋىلايىتىدە تالىبان قۇراللىقلىرى بىلەن ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئارىسىدا قۇراللىق تۇقۇنۇش يۈز بېرىپ ، تۇقۇنۇشتا 7 نەپەر تالىبان ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى. فايراب ۋىلايىتى ساقچى باشلىقى مۇھەممەد نەبى ئىلھام مۇخبىرغا سۆز قىلىپ، تالىبان قۇراللىقلىرىنىڭ قەيسەر، گۇرزىۋان، بەلچىراگ ۋە ھوجا سەبزپۇش ناھىيەلىرىدە ساقچىخانلىلارغا بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى شۇ سەۋەبلىك تۇقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئىلھام، تۇقۇنۇشتا يەتتە قۇراللىقنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ، 3 نەپىرىنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە بىر ساقچىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 24-ماي، تۈركىيە ئەنقەرەدە، تۈركىيەنىڭ يېڭى زۇڭلىسى يىلدىرىم تۈركىيە بۈيۈك مىللىي پارلامېنتى يىغىنىغا قاتناشتى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ 65-قېتىملىق ھۆكۈمەت پىلانىنى ئېلان قىلدى.
|
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 24-ماي، تۈركىيە ئەنقەرەدە، تۈركىيەنىڭ يېڭى زۇڭلىسى يىلدىرىم تۈركىيە بۈيۈك مىللىي پارلامېنتى يىغىنىغا قاتناشتى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ 65-قېتىملىق ھۆكۈمەت پىلانىنى ئېلان قىلدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved