چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 10-ئايغىچە، بۇيىل ياپونىيەگە پاناھلىق ئىلتىماسى تاپشۇرغان كىشلەرنىڭ سانى 2014-يىلى پۈتۈن بىر يىلدا ئىلتىماس سۇنغان كىشىلەرنىڭ سانىدىن ئېشىپ كەتكەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگە قەدەر، جەمئىي 6160 كىشى ياپونىيەگە پاناھلىنىش ئىلتىماسى سۇنغان، بۇلتۇرقى 500 ئادەمدىن ئېشىپ، ئۇدا بەش يىل رېكورت ياراتقان.
ياپونىيە مۇساپىرلارنى بىكىتىش تارماقلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا بۇ سانلىق مەلۇماتلارغا باھا بېرىشنى رەت قىلغان. چۈنكى ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار رەسمىي ئېلان قىلىنمىغان، لېكىن «تەخمىنەن 6100 ئادەم» ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، 2014-يىلى ياپونىيەگە پاناھلىق ئىلتىماسى سۇنغان كىشىلەر ئارىسىدا يېرىمى نېپال، سرى لانكا ۋە تۈركىيەدىن كەلگەن ئىكەن. ياپونىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بۇ يىل قايسى دۆلەتتىكىلەرنىڭ ئىلتىماسىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان، پەقەت بۇلتۇرقى بىلەن «ئاساسەن ئوخشايدۇ» دېگەن.
2011 -يىلى ياپونىيە قانۇننى ئۆزگەرتىپ پاناھلىق ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى خىزمەت ۋىزىسىغا ئېرىشەلەيدىغان قىلغان، بۇنىڭ بىلەن پاناھلىق ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ سانى ئاشقان.
ياپونىيەنىڭ كۆچمەنلەرنى بىكىتىش تۈزۈمى قاتتىق، 2014-يىلى پەقەت 11 مۇساپىر قوبۇل قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى ساھەدىكىلەر ياپونىيەنى تېخىمۇ كۆپ ئوتتۇرا شەرقلىق مۇساپىر قوبۇل قىلىشقا دەۋەت قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved