شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى خالمۇرات غوپۇر 1988-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ لېنىنگىرات تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن 25 يىلدىن بۇيان، نېرۋا-ئىچكى ئاجراتما-ئىممۇنىتېت سىستېمىسى قالايمىقانلىشىش ئۈستىدە تەتقىقات قىلىپ، «كانايچە زىققىسى بىيولوگىيەلىك كەمتۈكلۈك نەزەرىيەسى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارا تېببىي پەن ساھەسىنىڭ يۈكسەك ئېتىراپىغا سازاۋەر بولغان ئىدى. بۇ نەزەرىيە ھېلىھەم كىلىنىكىدا كەڭ قوللىنىلماقتا.پىروفېسسور خالمۇرات غوپۇرنىڭ تېببىي پەن تەرەققىياتىغا قوشقان زور تۆھپىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، يېقىندا، رۇسىيە ئۇل تېببىي پەنلەر تەتقىقات ئورنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 125 يىللىقى كاتتا مۇراسىمىدا، مەزكۇر تەتقىقات ئورنى پىروفېسسور خالمۇرات غوپۇرغا «ئۇل تېببىي پەنلەر ئالتۇن مۇكاپاتى» بەرگەن ۋە ئۇنى مەزكۇر تەتقىقات ئورنىنىڭ «پەخىرى دوكتورى» لىقىغا تەكلىپ قىلغان.
يىگىرمە نەچچە يىلدىن بېرى، پىروفېسسور خالمۇرات غوپۇر 300 پارچىدىن ئارتۇق ئىنگلىزچە، رۇسچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان، چەتئەلدە 10 كىتاب نەشر قىلدۇرغان بولۇپ، دۇنيا ئۇل تېببىي پەن ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن مۇتەخەسسىس ھېسابلىنىدۇ.
مۇراسىمدىن كۆرۈنۈشرۇسىيە ئۇل تېببىي پەنلەر تەتقىقات ئورنى دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تەتقىقات ئورنى ھېسابلىنىدۇ.بۇ تەتقىقات ئورنى قۇرۇلغان 125 يىل مابەينىدە «ئۇل تېببىي پەنلەر ئالتۇن مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ئالىم-مۇتەخەسسىسلەر جەمئىي 35 نەپەر بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 3 كىشى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
![]() |
يۇقىرىقى سۈرەتلەر: بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيە ئارمىيەسى
تۆۋەندىكى سۈرەتلەر: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيە ئارمىيەسى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved