جوڭشىن تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
جوڭشىن تورى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى تېلېگراممىسى. چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە 21-كۈنى مىسىردىكى بىر سوت مەھكىمىسى 2012-يىلىدىكى مىسىر زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى سىرتىدا تۇقۇنۇش يۈز بىرىپ نامايىش قىلغۇچىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىق توغرىسىدا سوت ئېچىپ مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇھەممەد مۇرسىنى 20 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە بۇ مىسىر سوتىنىڭ مورسى ئەيىبلەنگەن كۆپ تۈرلۈك جىنايەتكە قارىتا چىقارغان تۇنجى ھۆكۈم ئىكەن. مورسىنىڭ يەنە باشقا جىنايەتلىرى ئىشپىيونلۇق پائالىيەتلىرى ۋە زورلۇق ئىشلىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئەگەر راستىنلا جىنايىتى ئىسپاتلانسا بەلكىم ئلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن.
2012-يىلى 12-ئايدا مورسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر ئوتتۇرسىدا زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن بۇلۇپ بۇ جەرياندا زورلۇق پەيدا بولۇپ ئاز دېگەندىمۇ 10 نەپەر ننامايىشچىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
مورسى بولسا مىسىرنىڭ تۇنجى خەلق سايلىغان زۇڭتۇڭى بولۇپ 2012-يىلى ۋەىپىگە ئولتۇرغان. 2013-يىلى 7-ئايدا چوڭ كۆلەملىك خەلق نامايىشىنى باشتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن مورسى ھۆكۈمىتى ھازىرقى زۇڭتۇڭ ئابدۇل فاتاخ سىسى رەھبەرلىكىدىكى مىسىر ھەربىي ئارمىيە تەرىپىدىن ئاغدۇرۋېتىلگەن. ھازىر مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى قانۇنسىز ئورگان دەپ ئېلان قىلىنغان.
ئۇنىڭدىن كېيىن مىسىر ھەربىي تەرەپ پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا مورسىنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا قارىتا چوڭ كۆلەملىك تۇتۇش ئېلىپ بارغان. جەمئىي بىر تۈمەندىن ئارتۇق ئادەم قولغا ئېلىنغان. بىرەر مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى رەھبىرى مۇھەممەد بادىيامۇ بار ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved