شىياۋمى 5 نىڭ ئېلان قىلىش يىغىنىدا كۆپچىلىكنىڭ ئەڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولغىنى «قارا تېخنىكا» دېگەن سۆز بولۇشى مۇمكىن. شىياۋمى شىركىتىنىڭ 2016- يىلىدىكى تۇنجى بايراقدار يانفونى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەڭ يېڭى، ئەڭ تىز بولغان كۇۋالكوم 820 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىلگەندىن باشقا يەنە شىياۋمى 5 كە 10 تۈرلۈك «قارا تېخنىكا» قوللىنىلغان بولۇپ، تۆۋەندە بىز بۇ تېخنىكىلارنىڭ بىزگە قانداق
قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى! ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون بولۇش سۈپىتى بىلەن، يانفوننىڭ تاشقى ئورالما قېپىدىن مۇشۇ يانفونغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ، شىياۋمى 5 نىڭ ئورالما قېپى ئىنتايىن ئاددىي لاھىيلەنگەن بولۇپ، ئالدى تەرىپىگە تۆت خىل رەڭدىكى نۇسخا سۈرىتى ۋە شىياۋمىنىڭ مەھسۇلات بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن.شىياۋمى 5 كە قوش كارتا، ئۈچ تورنى تەڭ قوللاش ئىقتىدارى قوللىنىلغان بولۇپ، ئىلگىركىدەك كۆچمە ۋە تېلگراف نۇسخىسىنى تاللاپ سېتىۋېلىش ئاۋارىچىلىكىدىن خالاس قىلىمغان، بۇ نۇقتىنى ھەقىقەتەن قالتىس دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ ئەلۋەتتە. شىياۋمى 5 كە 1920×1080 لىك ئۆلچەمدىكى 5.15 سۇڭلۇق ئېكران ئىشلىتىلگەن بولۇپ، يۇقىرى سەپلىمە قوغلىشىدىغان دوستلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش. شىياۋمى 5 نىڭ ئېكرانىنى تېخىمۇ يېقىشلىق، تېخىمۇ سۈزۈك، ئېنىقلىق دەرىجىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى قىلىش ئۈچۈن 5.15 سۇڭلۇق ئېكران ئىچىگە يۇقىرى ھۈنەر سەنئەت بىلەن 16 دانە نۇر لامپا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۆي ئىچىدىكى كۆرۈش سېزىمى تېخىمۇ ياخشى. شىياۋمى 5 كە 3D ئەگمە ئارقا رامكا لاھىيەسى قوللىنىلغان بولۇپ، يان رامكا بىلەن تېخىمۇ زىچ ماسلاشقان، قول سېزىمىمۇ ئىنتايىن راھەت تۇيغۇ بېرىدۇ. شىياۋمى 5 نىڭ بارماق ئىزى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ئۇنىڭ HOME كۇنۇپكىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بارماق ئىزىنى پەرقلەندۈرۈشى تېخىمۇ تېز ھەم تېخىمۇ بىخەتەر. شىياۋمى 5 نىڭ ئارقا تەرىپىگە 16 مىليون پىكسېل ئېنىقلىقتىكى كامېرا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، سونىي IMX298 سىنزورى، كۆك ياقۇت قوغدىنىش قەۋىتى، تۆت ئوقلۇق سىلكىنىشتىن ساقلىنىش قۇرۇلمىسى قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكا قوللىنىلغان، سۈرەتكە تارتىش ئۈنۈمى ھەقىقەتەن قالتىس. شىياۋمى 5 كە يەنە ئۈچ خىل تېلگىراف كارتىسىنى قوللاش ئىقتىدارى قوللىنىلغان بولۇپ، ئۈچ خىل تېلېگراف شىركىتىنىڭ 4G+/4G/3G/2G تور شەكىللىرىنى قوللايدۇ. بۇمۇ ھەم شىياۋمى 5 تىكى يارقىن نوقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
سىزنىڭ پەقەت شىياۋمى ھېساباتىڭىز بولسىلا ھەقسىز 15GB لىق بۇلۇت ساقلاش بوشلۇقىغا ئېرىشەلەيسىز. يانفوندىكى ئالاقىداشلار، ئۇچۇر، رەسىم، فىلىم قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭزنىڭ يۈتۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. تولۇق ئىقتىدارلىق NFC ئىقتىدارى، سىز پەقەت ئامراق شىياۋمى يانفونىڭىزغا كارتىڭىزنى باغلىۋالسىڭىزلا ئاپتوبۇسقا چىققاندا، تاللا بازىرىغا كىرگەندىمۇ پەقەت يانفونىڭىزنى سۈركىسىڭىزلا ھەق تاپشۇرالايسىز، ھازىرقىدەك تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان شەھەر تۇرمۇشىدا بۇمۇ ھەم كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئىقتىدار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كۇۋالكومنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلاد تېز زەرەتلەش ئىقتىدارى قوللىنىلغان بولۇپ، پەقەت قىسغىنە 100 مىنۇت ئىچىدە %100 توك قاچىلاپ بولالايدۇ. كۇۋالكوم 820 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 16 مىلىيون پىكسېللىق سىلكىنىشكە قارشى كامېرا، بارماق ئىزىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى، تېز زەرەتلەش ئىقتىدارى... قاتارلىق يۇقىرى ئىقتىدارلارغا نىسبەتەن شىياۋمىنىڭ 1999 يۈەنلىك باھاسى ھەقىقەتەنمۇ مۇۋاپىق دېيىشكە بولىدۇ.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved