ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ 11- ئاينىڭ 30- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خەلقئارادىكى نەچچە يۈز يازغۇچى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بىرلىكتە سەئۇدى ئەرەبسىتان دائىرلىرىنى پەلەستىنلىك شائىر ئەلشەرىف فايادنى قويۇپ بېرىشكە دەۋەت قىلغان. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەلشەرىف ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنى سەۋەبىدىن « دىنغا ئاسىلىق قىلىش جىنايىتى » ئۆتكۈزدى دەپ ھۆكۈم قىلىنىپ، نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە بۇيرۇلغان.
ئەلشەرىف بۇ يىل 35 ياشتا بولۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ بېىشىدا خۇداغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيبلىنىپ، سەئۇدى ئەرەبسىتاندىكى بىر سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇنىڭ ئۆتكۈزگەن جىنايىتى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىلىش، « قۇرائان »نى مازاق قىلىش ۋە خۇداسىزلىق نەزىريىسىنى تارقىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
بۇندىن ئىلگىرى ئەلشەرىف سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن يات جىنىستىكى بىر قانچە كىشى بىلەن بىنورمال مۇناسىۋەت ئورناتقان دېگەن جىنايەت بىلەن 4 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ۋە 800 قامچە ئۇرۇش جازاسى بېرىشكە ھۆكۈم قىلىنغانىكەن. سوت مەھكىمىسىنىڭ جىنايەت بېكىتىشتىكى ئىسپاتى بولسا، ئەلشەرىف تۇتۇلغاندا ئۇنىڭ يېنىدىن ئۇ سالوندا تۇنۇشقان بىر قانچە ئايال بىلەن بىرگە چۈشكەن سۈرىتى بايقالغان.
ھۆكۈمنامە ئېلان قىلىنىشى بىلەن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى يازغۇچىلار، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئابونتلىرى ئارىسىدا ئەلشەرىفنى قوللاش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن، بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى سەئۇدى ئەرەبسىتان سوت مەھكىمىسىنى ئەلشەرىفنى قويۇپ بېرىشكە دەۋەت قىلغان. بىر پارچە « تور مۇراجەتنامىسى » 22 مىڭ تور ئىمزاسىنى تاپشۇرۇۋالغان.
![]() |
ئامېرىكا Quora تور پونكىتى تورداشلاردىن «مېھمانخانا تەرەپ قايسى ئىشلارنى خېرىدارلارغا دەپ بەرمەيدۇ؟» دەپ سوئال سورىغان.
تورداشلار تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بەرگەن:
1. ئاساسەن ھەر بىر مېھما...
|
![]() |
ئادىل غوجالىم
‹‹ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق›› شىنجاڭ جۇغراپىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكى. بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسى، تارىم ئويمانلىقى، تەڭرىتاغ، جۇڭغار ئويمانلىقى، ئالتاي تاغلىرى بار.
&...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved