تاۋار ئۆيلەرنى سېتىشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تاۋار ئۆيلەر سېتىلغاندا ئۆي زېمىن ئېچىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى كارخانا بىلەن ئۆي سېتىۋالغۇچى ئوتتۇرىسىدا چوقۇم تاۋار ئۆيلەرنى سېتىش سېتىۋېلىش توغرىسىدا يازما توختام تۈزۈشى كېرەك. تاۋار ئۆيلەرنى سېتىش سېتىۋېلىش توختامىدىكى ئىككى تەرەپ تۆۋەندىكى بىرقانچە مەزمۇننى ئوچۇق كۆرسىتىشى كېرەك:
1. ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ نامى ياكى ئىسىم فامىلىسى تۇرۇشلۇق ئورنى؛
2. تاۋار ئۆينىڭ ئاساسىي ئەھۋالى؛
3. تاۋار ئۆينىڭ سېتىلىش شەكلى؛
4. تاۋار ئۆينىڭ باھاسىنى بېكىتىش شەكلى ھەمدە ئومۇمىي باھاسى، پۇل تۆلەش شەكلى، پۇل تۆلەنگەن ۋاقتى؛
5. ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتى ۋە ۋاقىت؛
6. بېزىلىشى، ئۈسكۈنلىرى توغرىسىدىكى ۋەدىسى؛
7. سۇ، توك، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش، خەۋەرلىشىش، يول، يېشىللىق قاتارلىق يانداش ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى ئەسلىھەلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش توغرىسىدىكى ۋەدىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق-مەنپەئەت مەسئولىيىتى؛
8. ئاممىۋى يانداش قۇرۇلۇشلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى تەۋەلىكى؛
9. كۆلەم جەھەتتىكى پەرقنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى؛
10. مۈلۈك ھوقۇقىنى تىزىملاتقاندىكى مۇناسىۋەتلىك ئىشلار؛
11. تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش شەكلى؛
12. ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغاندىكى مەسئۇلىيىتى؛
13. ئىككى تەرەپ ۋەدىلەشكەن باشقا ئىشلار.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved